ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مۇقىملىقنى ساقلاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى

مۇقىملىقنى ساقلاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى

2014-04-10 1:08     كۆرۈلۈشى: 1804 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدە  مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ئابدۇغېنى ئابلىز      مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى....

ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدە

 مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك

ئابدۇغېنى ئابلىز

     مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.

      بىرىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتا، مەسئۇلىيەتنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇشىمىز كېرەك.

     دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق مىللەت، دىن نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بىرلەشتۇرۇش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مىللەت، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورتاق تونۇشى ھەم جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللەت، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خاسلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، 56 مىللەتنىڭ ئارزۇسى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سىياسەتنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەممە ئائىلىگە، ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈپ ھەم كۆپچىلىكنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئېتىراپ قىلىشى، ھىمايە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىدە مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. تەشۋىق قىلىش جەھەتتە جەمئىيەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، بىرنىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تىل، مىللىي ھېسسىيات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەرنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوپۇزىمىز ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر زامان، ھەر جايدا پىكىرلىشەلەيدىغان ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل سورۇنلاردا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلار يىغىلىشلىرى، تۈرلۈك ئەلئارا، مىللىي ئۆرپ – ئادەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىمىزگە سىياسەتلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز، ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ تۇرۇشىمىز، ھەرخىل تەشۋىق – تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامما ئارسىدا پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى توغرىسىدا توغرا ئاڭنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىققا، مۇقىملىققا تەسىر يېتىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى توسۇش، ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك ، ئىغۋا تارقاتماسلىق جەھەتتە مەسئۇلىيىتىمىزنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

     ئاممىنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى، قىممەت قارىشى ئوخشىمىغانلىقتىن بەزى ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى، تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەممىمىزگە ئايان، ئىشسىزلىق مەسىلىسى دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەسىلە. شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە، شىنجاڭغا ئوخشاش ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا، سانائەت كارخانىلىرى دېگەندەك تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەن جايدا، كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى بولۇپمۇ بەزى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىدا تېخى بۇرۇلۇش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر بولماقتا، بۇ شىنجاڭدىكى 47 مىللەت ئورتاق دۇچ كېلىدىغان مەسىلە. ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ھەممە ئادەم ھەر ۋاقىت كۆڭۇل بولىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىپ، بۇنى مىللىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار بۇ توغرىسىدىكى گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ۋە بايقىغاندا دەرھال توسۇمىسا ياكى تۈزىتىش بەرمىسە، كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سالسا، بەزى كىشىلەر ئوڭاي ئېزىپ كېتىدۇ ھەم بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قۇترىتىشىغا ئۇچراپ، مىللىي زىددىيەت، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. ئالايلۇق، نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان «قوش تىل» مائارىپىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىلگىرىلىشى، ئورتاق راۋاجلىنىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. لېكىن، بەزى ئاز ساندىكى ئامما ھەتتا بەزى كادىرلار بۇنى چۈشەنمەي، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك گەپ – سۆزلەرنى قىلدى. ھەممىمىزگە ئايان، بىر دۆلەت خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىمەن دەيدىكەن شۇ دۆلەت ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا دۇنياۋى ئورتاق تىل ئىنگلىز تىلىنى جەزمەن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. بىر دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەت ئورتاق ئىلگىرىلەيمەن، تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن شۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي تىلى يەنى دۆلەت تىلىنى جەزمەن ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى، قالغان 55 مىللەت تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش ئۈچۈن جەزمەن خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى، ئىگىلىشى كېرەك، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىرتەرەپلىمە تەكىتلىمەسلىكى كېرەك، بولمايدىكەن ئۆزى يېتىم قېلىپ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ ھەم ئىلگىرىلىيەلمەي بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئېڭى، سىياسىي سەۋىيەسى، ئىدىيەۋى تونۇشى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىغا تايىنىپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، تەربىيە ئىشلىشى ۋە قايىل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ئىغۋا توقۇش، ئىغۋا تارقىتىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق سېلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئۆز مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئېتىقاد مەسىلىسىنى توغرا يېتەكلەش ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى توغرا شەرھلەشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

     دىنىي ئېتىقاد ئىدېئولوگىيە كاتېگورىيەسىگە، ئىنسانىيەتكە تەۋە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىدۇ. دىننىڭ پەيدا بولۇشى مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇئەييەن ئىجتىمائىي باسقۇچتا، كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان دىنىي ئېتىقادىنى قانداق يېتەكلەش، ئۇنى قانداق قىلغاندا دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇش ھەم دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەمئىيەتتىكى قابىلىيەتلىكلەر باش تارتىپ بولمايدىغان رېئاللىق. بىز كومپارتىيە ئەزالىرى ماركسىزىمچىلار ۋە ئاتىئېزىمچىلار؛ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىدېئالىزىمچىلار، ئىلاھشۇناسلاردۇر؛ ئۇلار ئوخشاش بىر ئىجتىمائى فورماتىسىيەدە يەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ ئىككىسى يەنى ئىسلام دىنى بىلەن بۇددا دىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى؟ ھەم قوغداشقا، تەرەققىياتقا ئېرىشەلىدى؟ بۇ:

     بىرىنچىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى.

     ئىككىنچىدىن، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پۇزىتسىيەسىدە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

     ئۈچىنچىدىن، پارتىيەمىزنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىنىڭ نەتىجىسى.

     ‹‹ئاساسىي قانۇن››نىڭ 36- ماددىسىدا: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە››، ‹‹دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ھەم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە دېموكراتىيە بىلەن سىياسىينىڭ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. ئېلىمىز يولغا قويغان بىر تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسى شەكلىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئىجتىمائىي پائالىيىتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە بولۇپ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇندىن ھالقىغان ھەرىكىتىگە يول قويۇلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندا يەنە ‹‹ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. مانا بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالاغا ئاتا قىلغان ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ھەر بىر پۇقرا دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، جەزمەن باشقىلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىكى، قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلىش ياكى ئېتىقاد قىلماسلىقىنى تاللاشقا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ يەنە دىننى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى نامايان قىلغان بولۇپ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىمايدۇ. شىنجاڭدا تارىختىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان 13 مىللەت ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئونى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، بۇ ئون ئاز سانلىق مىللەت دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىزچىللىق، سىجىللىقنى ساقلاپ كەلدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش چەكلەشكە ئۇچرىمىدى، ئەكسىچە بەلگىلىك كۆلەمدىكى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، مۇقىم دىن ئۆگەتكۈچىلەر ۋە ئۆگەنگۈچىلەر قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، بەلگىلىك تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. دىننى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە ماسلىشىشقا يېتەكلەش، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى سىياسىي جەھەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشقا، ھېسسىيات جەھەتتە ۋەتەن بىلەن ئوخشاش بولۇش ئېڭى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولۇشقا يېتەكلەش بىز ئازسانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى توغرا ئىگىلەشتە، توغرا چۈشىنىشتە ۋە توغرا شەرھلەشتىكى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى، ئۇ بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاش مېھىر – شەپقەت، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىمۇ ئىتائەت قىلىش، تىنچلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئىسلام دىنى كەڭ قورساقلىقنى، ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتۈشنى ئارزۇلايدىغان، ئىلم – پەننى قەدىرلەيدىغان دىن، يامانلىقتىن چەكلەپ، ياخشىلىققا ئۈندەشنى تەشەببۇس قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق دىنىي قائىدىسى. ھەرقانداق بىر دىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ماسلىشىدۇ. <ئىسلام دىنى ئەسلىيەتچىلىرى> ۋە ‹‹ۋاھابىي››لار ‹‹قۇرئان››دىكى دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، دىنغا ئىشىنىدىغان بەزى ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا قارشى ئىش تۇتتى، ئۇلار ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ھامان بىركۈنى جەزمەن تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئارزۇسى تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىنىدۇ ۋە شاللىنىدۇ.

     تۆتىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ››كە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كۈرىشىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

     «ئۈچ خىل كۈچ›› كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قاتار ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلىماقچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋان ئۇنسۇرلىرى غالجىرلىشىپ، بىگۇناھ ئاممىنى قالايمىقان ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، ئاممىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، ئۇلار بىگۇناھ ئاممىنى ھاياتىدىن ئايرىدى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر زىيان سېلىپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى يىرگىنشلىك ئەپت – بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋانلىقى، رەزىل قىلمىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلماي، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيىتىنى دەپسەندە قىلىشى ئۇلارنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى. ئارقا – ئارقىدىن يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش نىيىتىنىڭ يوقالمايدىغانلىقى، بار ئاماللار بىلەن ئىش تېرىپ، ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرىشىمىز ھەم مىللىي مەسىلە ھەم دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان سىياسىي كۈرەش.

     پەۋقۇلئاددە كەسكىن مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە پەۋقۇلئاددە كەسكىن خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى ھەر ۋاقىت چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇ كۈرەشتە بىز ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ھەر ۋاقىت مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن بولۇشىمىز، مۇھىمى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش جاسارىتى بىلەن‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter