لى جىگاڭ
قىش پەسلىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا – كەنتلىرىدىكى قايسى جايلار ئەڭ ئاۋات ھېسابلىنىدۇ؟ بۇ جايلار دەل بازار، ماجاڭخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۆيلىرىدۇر.
بۇ جاۋابنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان تەپسىلىي، ئوبيېكتىپ سانلىق – مەلۇماتلار ئارقىلىق دەلىللەيمەن. بازار پۇقرالارنىڭ ئەرزان، سۈپەتلىك ماللارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ماجاڭخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۆيلىرى ئاممىنىڭ قىشنىڭ ئارىسالدى چاغلىرىدىكى زېرىكىشلىك كەيپىياتىنى تۈگىتەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە يېزىلاردا ئاممىنى ئەڭ جەلب قىلىدىغىنى يەنىلا قارتا ۋە ماجاڭ ئويناشنى ئاساس قىلغان ماجاڭخانىلاردۇر. ئىلى ئوبلاستىنىڭ نوپۇسى كۆپ بىر يېزىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر ماجاڭخانىدا ئولتۇرغان تۆت ئۈستەل كىشىنىڭ قىزغىن ماجاڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن ماجاڭخانىلارنىڭ يېزىلاردىكى تەسىر كۈچىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، قارتا ۋە ماجاڭ ئويناش ئاساسىي جەھەتتىن بەلگىلىك قىمار خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. قىمار ئوينىغان چاغدىكى يېڭىش – يېڭىلىشنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىغا بولغان تەسىرى بىلەن ھېسابلاشمىغاندىمۇ، ئىس – تۈتەككە تولغان مۇھىتتا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. ۋەھالەنكى كۆپچىلىك يەنە نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇھىتتا توپلىشىۋىلىشنى خالايدۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، چۈنكى ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت مەدەنىيىتى خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت خىزمىتى ئەمەلىيلەشمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چوڭ يېزا ئىگىلىك ئوبلاستى، دېھقان – چارۋىچىلار بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق سۇبيىكتى ھېسابلىنىدۇ. ئاممىنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەدەنىيەت سارىيى، ئېلېكتىرونلۇق قىرائەتخانا، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يېزا مەدەنىيەت بازىسىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سېلىنمىسىغا زور مىقداردا مەبلەغ، ماددىي ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. چۈنكى بىز كۆپ ھاللاردا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بىر خىل شەكىل سۈپىتىدە قاراپ كەلدۇق، بۇ مەدەنىيەت سارايلىرى كۆپ ھاللاردا يۇقىرى دەرىجىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا بولغان تەلىپىنى ئورۇنداپ كەلدى، كونكرېت قانداق ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاممىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قانداق قاتناشتۇرۇش مەسىلىلىرىگە ئۇنچە كۆڭۈل بۆلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئارتۇقچە ئۈمىد – ئارزۇلىرى يوق. ئۇلار يېزا – كەنت مەدەنىيەت پونكىتلىرىغا بارغاندا ئىشىكنىڭ تاقىلىپ قالماسلىقىنى، كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرگەندە ئۆينىڭ سوغۇق بولماسلىقىنى، ناخشا، ئۇسۇل ئۆگىتىدىغان ئادەم بولۇشنى، رادىيو، تېلېۋىزورلاردىن ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان پىروگراممىلارنى كۆرەلەيدىغان بولۇشنىلا تەلەپ قىلىدۇ، خالاس. مانا بۇلار ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىك.
مېنىڭ لى يۇڭجۈن ئىسىملىك بىر دېھقان دوستۇم بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئىلى ئوبلاستلىق ئاممىۋى سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزگەن دېھقانلارنىڭ سۈرەتكە تارتىش مۇسابىقىسىدە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ فوتوگرافلىققا قىزىقىپ قالدى، بوش ۋاقتى بولسىلا ئاپپاراتنى ئارتىپ تەرەپ – تەرەپكە قاترايدىغان بولدى. يېقىندا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا تارقىلىپ يۈرگەن تاغ تېكىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن، ئاتلىق بىر ھەپتە يول يۈرۈپ، ئاخىرى تېكەس تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئورمانلىقتا تاغ تېكىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئارزۇسىغا يەتتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە كەنتتىكى بىر قانچە ياشمۇ فوتوگرافلىققا قىزىقىپ قالدى. لى يۇڭجۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان، تۇرمۇشى ياخشىلانغانسېرى كۆڭلىدە بىر نەرسىسى كەمدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ فوتوگرافچىلىقنى ئۆگىنىشى قانداقتۇر مۇكاپاتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىكەن، ئۇ يېڭى بىر بىلىمنى ئۆگىنىۋالغان ھەم بالىسىغىمۇ ئۈلگە بولغان. دوستۇمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ‹‹پارلاق يول››، ‹‹تالانتلىقلار سەھنىسى›› قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ شۇنچە تەرىپلىشىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەبنىڭ بۇ پىروگراممىلارنىڭ ئاۋامنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقىدىن ئىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. ماددىي تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى بېيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەل ئارىسىدىكى بۇ قابىللار ئۆزىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان بىر سەھنىگە موھتاج بولدى. 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ‹‹چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىمەن›› تېمىسىدىكى ئاممىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئەۋج ئالدى، بۇ پائالىيەت ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققان، ئاممىغا مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغان بولغاچقا ناھىيەدىكى يېرىمدىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى بەس – بەستە قاتناشتى.
ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ. ھازىر مەملىكەت دائىرىسىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا، بۇنىڭدىن باشقا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەدەنىيەت مەسىلىسى ئۇنداق ئاددىي مەسىلە ئەمەس، بولۇپمۇ شىنجاڭدا بۇ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە، ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرىدىغان چوڭ ئوچاققا ئوت قالاپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيىتىنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت يالقۇنىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.