ھاجى خوجا ئابدۇللا ئوسمان
18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام ئەللىرى توغرىدىن – توغرىلا غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تالان – تاراج قىلىش ۋە قۇل قىلىش نىشانى بۇلۇپ قالدى. ئوسمان ئىمپىريەسى فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ ئىنتايىن چىرىكلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن، سىرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كەينى – كەينىدىن مەغلۇپ بۇلۇپ، مىللى زىدىيەت ۋە سىنىپى زىدىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ، ئىچكى كىرزىس ئېغىرلىشىپ كەتتى. دىنىي جەھەتتە 13- ئەسىردىن كېيىن تەسەۋۋوپچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن، كىشىلەر ئادەتتىكى دىنىي پەرھىزلەرنى ئادا قىلغاندىن باشقا سوپىلىق ھەركەتلىرىگە بىرىلىپ كەتتى. ئەۋلىيالارغا ۋە ئۇلارنىڭ مازارلىرىغا چوقۇنۇش يامراپ، داخان – پىرىخونلارغا ئەگىشىش ئەچج ئېلىپ، ئىلمى پائالىيەتلەر سۇسلىشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىدىمۇ ھەر خىل ئىنكاسلار چىقىپ تۇردى. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋاھھابىيلار ھەركىتى ۋەكىللىك خەرەكتىرگە ئىگە ۋەقە بۇلۇپ، يېقىنقى زاماندىكى ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى، ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بۇلۇپ قالدى.
ۋەھھابىيە ئېقىمىنىڭ تەشەببۇسچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نەجد رايۇنىدىكى دىنى ئائىلىدىن كىلىپ چىققان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب (1703ـ1792- يىللىرى) دۇر. ئۇ بالىلىق چېغىدا دادىسىدىن دىنىي بىلىم ئۈگەنگەن. كىيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىپئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىبنى تەيمىيە (1262-1328- يىللىرى) نىڭ دىننى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئىدىيىسىنى ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قۇبۇل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىتىقادتا ئىسلامدىن يەنى بىرلا ئاللاھقا ئىتىقاد قىلىشتىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دىنىي ئىتىقادتنى ساپلاشتۇرۇشتىن تۇتۇش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلق ئاسان چۈشۈنەلەيدىغان ۋە قۇبۇل قىلالايدىغان دىنىي تىل بىلەن ”دىننى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈش“، ”«قۇرئان كەرم» گە قايتىش“ شۇئارىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى روھىنى ۋە ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەسلىەە كەلتۈرۈشنى، «قۇرئان كەرم» ۋە ھەدىسنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى، چەتنىڭ بارلىق تەسىرىنى ۋە بىدئەتچىلىكنىڭ ھەممە تەسىرىنى تۈگۈتۈشنى تەشەببۇس قىلدى.بۇلۇپمۇ پەيغەمبەرنىڭ مازىرىغا، ئەۋلىيالارغا ۋە ئۇلارنىڭ مازارلىرىغا چوقۇنۇشنى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك دەپ قاراپ، ئۇلارغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇردى. ئىنسان بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرسىدا «ۋاستە»نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى يوققا چىقاردى ۋە ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش، قىمار ئويناش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى قەتئى چەكلەش كېرەك دەپ قارىدى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى روھىنى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇپ،دىننى پاكلاشتۇرۇش، جەمىيەتنى ساپلاشتۇرۇش، چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش، ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ قۇل قىلىشى ۋە ئىزىشىدىن قۇتۇلۇش مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن، بار كۈچى بىلەن ھەركەت قىلدى. ئابدۇلۋەھھابنىڭ مۇخلىسلىرى ئۆزلىرىنى ”بىرلا ئاللاھقا ئىتىقاد قىلغۇچىلار“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ قارشى تۇرغۇچىلىرى بولسا بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسچىسى ئابدۇلۋەھھابنىڭ ئىسمىنى بۇ ئېقىمغا چېتىۋېلىپ، ئۇلارنى تۆۋەنلىتىپ ”ۋەھھابىيە ئېقىمى“ دەپ ئاتايدۇ. شۇندىن بۇيان بۇ ئىسىم ھازىرغىچە قوللۇنىلىپ كەلمەكتە.
ۋەھھابىي تەرەپدارلىرى سىياسىي جەھەتتە سەئۇدى جەمەتى بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى ۋە سەئۇدى جەمەتىنىڭ يارىدىمىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋەھھابىيە ئېقىمى ئىلگىر – ئاخىر بۇلۇپ كەربالا، مەككە، مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەرلەردىكى مازارلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. 1818- يىلى مىسىرنىڭ باش ۋالىسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرىشى بىلەن ۋەھھابىيلار ھەركىتى ۋاقتىنچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ قېپقالغان ئادەملىرى كۈۋەيتكە چىكىندى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەئۇدى جەمەتى قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۆپ يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى قۇرال كۈچى بىلەن يېڭىباشتىن ئىگەللىدى. 1932- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى قۇرۇلدى. ۋەھھابىيە ئېقىمى شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈللىنىپ بۇ دۆلەتتە ھۆكمىران ئورۇنغا چىقتى.
ۋەھھابىيە ئېقىمىنىڭ ئىددىيىۋى تەشەببۇسى ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان كۈچلۈك ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىدا شىمالىي ئافرىقىدا كۆتۈرۈلگەن داغدۇغلۇق سەنۇسى ھەركىتى، سۇداندا كۆتۈرۈلگەن مەھدى ھەركىتى، ھىندىستاندا كۆتۈرۈلگەن ۋەھھابىيلار ھەركىتى، شۇنىڭدەك پان ئىسلامىزىم ۋە ئىسلام مودېرنىزىمىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ۋەھھابىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغانلاردۇر.
سىزدىگەندەك مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب(رھىمەھۇللا) ھەرگىزمۇ ئەرەب مىللەتچىسى ئەمەس بەلكى ھەقىقى بىر ئىسلام ئىسلاھاتچىسى ،ئاغزىمغا كەلدى ھەممەگەپنى دەۋەسەك بولمايدۇ،ئۇزىمىزنى مۇسۇلمان دەيمىزيۇ ئىسلام ئۇچۇن جان كۆيدۆرگەنلەرنى قوللىماي تىللايمىز، ھە نىمدىگەن ئىچىنىشلىق،
،
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئابدۇلۋەھھابنىڭ بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى ھەممىدىن ئەلا.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
xukran مۇنداق دېدى:
مارت 13th, 2014 at 11:47
ئابدۇلۋەھھاب قۇرئانغا قايتىشنى تەششەبۇس قىلسا مۇھەممەت ئەلەيھى ئەسسالامنىڭ ھەدسلىرىگە ئەمەل قىلىشچۇ ؟! قۇرئانغا قايتىش بۇلغىمىنى تۈزەشتە رول ئوينىسا مۇھەممەت ئەلەيھى ئەسسالامنىڭ ھەدسلىرى تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا رول ئوينايدۇ .
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: