ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيتىنى جارى قىلدۇرايلى

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيتىنى جارى قىلدۇرايلى

2013-08-27 6:12     كۆرۈلۈشى: 1801 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئېغىشماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرايلى ئازات سۇلتان      ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېلىمىزدىكى ....

زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئېغىشماي، ئۇيغۇرلارنىڭ

مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرايلى

ئازات سۇلتان

     ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى ئىزچىل ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى مەن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم نۇقتىدۇر.

     ئېلىمىزدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا، مول مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي مىللەتتۇر. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى دۇردانىلەردىن بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ناخشا–ئۇسسۇللىرى ئۇزاق تارىخىي ئاساسقا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر يىلتىزلىق رەسساملىقى ۋە نەققاشچىلىقى، ھەر خىل ئويمىچىلىق–بېزەكچىلىكى، مىس ۋە تۈرلۈك مېتال قۇيمىچىلىقى، ساپال – كۇلالچىلىقى، گىلەمچىلىكى ۋە كەشتىچىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە خېلى يۇقىرى ئېستېتىك سەۋىيە ۋە كۈچلۈك بەدىئىي قىممەت بالقىپ تۇرىدۇ.

     ئۇيغۇرلار كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىگەن ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەك– ئىچمەك مەدەنىيىتى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تولىمۇ يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلار يەنە تىل ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن خەلق. ئۇيغۇرلاردا ‹‹تىل بىلگەن، دىل بىلىدۇ›› دېگەن ھېكمەتمۇ بار. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى دادامنىڭ تىلى، ئانامنىڭ تىلى دەپ پۇختا بىلگەندىن سىرت، ئېلىمىزدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق ئۆگىنىدۇ. ھازىر بىزدە ھەتتا ئۈچ–تۆت خىل تىلنى بىر–بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتمەي، تولۇق بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى زامانىمىزدىلا ئەمەس، يىراق ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۇدۇم ئىدى. خېلى كۆپ ئەدىبلىرىمىز شۇ زامانلاردىلا قوش تىلدا، كۆپ تىلدا ئەسەر يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى يېنىك، نەپىس، خاسلىققا ئىگە.

     ئەجدادلىرىمىز قانداق قىلىپ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوغلىشىشنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلەلىگەندۇ؟ دەر ھەقىقەت، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، ئىلغار مەدەنىيەتنى كۆزلەش ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىش قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ تاللىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىمىز بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يولى ئەزەلدىن تەكشى، راۋان ۋە ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس. چېكىدىن ئاشقان پىكىر ئېقىملىرى، قالاق، جاھىل ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ھەمىشە گاھ ئوڭدىن، گاھ سولدىن چىقىپ توسقۇنلۇق قىلىپلا كەلگەن، بولۇپمۇ دىنىي ئۇقۇملارنى چۈشىنىشتە، چۈشەندۈرۈشتە، تەپسىرلەشتە بەزى دىنىي رادىكاللار كىشىلەرنىڭ سەۋىيە – چۈشەنچىلىرىدىكى پەرقلەردىن ، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ پەتىۋا توقۇغان.

     ئەمدى بىز نەزەرىمىزنى يىراق تارىخنىڭ بىر كونكرېت نۇقتىسى يەكەن خانلىقى دەۋرىگە قارىتايلى: خانىش ئاماننىساخان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش، خاتىرىلەش ئىشىنى باشلىغاندا، ئەينى دەۋردىكى بەزى سوپى–ئىشانلار غوۋغا كۆتۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ بېشىغا توپا چېچىشقانىدى. ئەمما خەلقنىڭ سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتى، چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى بۇ قارا قويۇننى تىنچىتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىر بىز جاھان سەھنىلىرىدە مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ ئېيتىۋاتقان، ئورۇنلاۋاتقان ئون ئىككى مۇقامىمىز ھاياتىي كۈچكە ئېرىشكەنىدى.

     ئابدۇقادىر داموللا(1870 – 1924) 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدا قوزغالغان ئاقارتىش، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسىدۇر، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن دانا زاتتۇر. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى ئاتۇش بولۇپ، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە يول تېپىش ئۈچۈن قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلارغا بارغان؛ ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر مەدرىسەلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان، ئىلىم مۇتالىئە قىلغان بولۇپ، ۋەتىنىنى چوڭقۇر سۆيگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆزىتىپ، يۇرتى شىنجاڭنىڭ يەنىلا شۇ بېكىنمە ، نادان، قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇڭا ئۇ مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىزنىڭ دىنىمىز ھەرگىزمۇ نادانلىقنىڭ ۋەكىلى ئەمەس ›› دېگەن خىتابى ئەينى دەۋردە نۇرغۇنلارنى چۆچۈتۈپ ، نۇرغۇنلارنىڭ دىلىنى يايرىتۋەتكەن . ئۇ دىئالوگ شەكلىدە يازغان ‹‹ئاقايىت زۆرۈرىيە››(زۆرۈر ئەقىدىلەر) ناملىق ئەسىرىدە مۇندان دېگەن:

     سوئال: بىلىم ئۆگىنىشنىڭ ھۆكمى نېمىدۇر؟

     جاۋاب: ئىلىم ئۆگىنىش ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاشلا پەرزدۇر، ئىلىم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىدىغان سەۋەبتۇر.

     سوئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب نېمىدۇر؟

     جاۋاب: سەۋەب ئىككى، بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق ؛ ئىككىنچىسى، تەپرىقىچىلىك ۋە ئىختىلاپتۇر.

     سوئال: ئىززەت، ئابروي نېمە بىلەن بولۇر؟

     جاۋاب: ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن.

     ئەمدى ھازىر بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىز يەنە بىر قېتىم تەھدىتكە دۈچ كېلىۋاتىدۇ. جەمىئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بەزى گەپ – سۆزلەر، ھەر خىل پەتىۋالار كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، كۆرۈلۈۋاتقان ئايرىم ئەھۋاللار بىزنى ئويلاندۇرىدۇ، ئەنسىرىتىدۇ: تويلاردا ناخشا ئېيتىشقا ، ئۇسسۇل ئويناشقا بولماسمىش، ھەممە توي مەسچىتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشى لازىممىش.

     ناۋادا بۇ ئايرىم ئىشلار زورىيىپ ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلانسا، ئۇنداقتا، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ پېشۋاسى قەمبەر خانىمدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك رەسسامى غازى ئەھمەدتەك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ كېلىدىغان ۋارىسلىرى بارا – بارا يوقاپ كېتەمدۇ – قانداق؟ ئەجەبا يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرى، ئەلشىر نەۋايى، ئاماننىساخان قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىز، تۆھپىكارلىرىمىز ياندۇرغان ھەم ئېگىز كۆتۈرگەن ئىلىم – ئىرپان مەشئىلى ھالا بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگەندە ئۆچۈپ قالارمۇ؟ خەلقىمىزگە، مىللىتىمىزگە بەرىكەت بەرگەن ئىلىمگە، زامانىۋى مەدەنىيەتكە شەيدا بولىدىغان ئىزدىنىش روھى، ئىلغار مىللىي روھ شۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كېتەرمۇ؟

     غازى ئەھمەد مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقارادىمۇ تونۇلغان جوڭگو ئۇيغۇر رەسسامى، ئۇنىڭ ‹‹ مۇقام ›› قاتارلىق بىرقانچە پارچە ۋەكىللىك ئەسىرى بېيجىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىغا تاللىنىپ، مەڭگۈلۈك ساقلانماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە رەسساملار ئۈچۈن ئەڭ ئالىي مۇكاپاتتۇر . ئۇ سىزغان رەسىملەر فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە يۇقىرى باھاغا، كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشىپ، مەملىكىتىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن. غازى ئەھمەد ئەپەندى يازغان ‹‹ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر ›› ناملىق كىتابنى ئوقۇپ بىلدىمكى: ئۇ دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىكەن. ئۇنىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد ئۇلۇغ بوۋىسى ئېلىجان ھاجى دېگەن زات ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدىكى مەرتىۋىسى زىيادە بولغانىكەن، دادىسى ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم خوجىدار جامەسىنىڭ ئىمامى، خاتىپى، كېيىن قەشقەر قورغاننىڭ قازىسى بولغان مەرتىۋىلىك زات ئۆز ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە يېنىۋاتقان بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈۋەتمەي، ئۇنى ئۆز يولىدا تەبىئىيلىكىگە قويۇپ بەرگەن. ئاتا دۇئاسىنى ئالغان غازى ئەھمەد ئۆز يولىدا مىللىتىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈپلا قالماي، ئاتا يۈزىنىمۇ يورۇق قىلالىغان. غازى ئەھمەد ئەركىگە قۇيۇلمىغان بولسا، ئادەم رەسىملىرىنى ئاجايىپ پاساھەت بىلەن سىزىدىغان رەسسام غازى ئاھمەدمۇ بولمايتتى.

     دەرۋەقە، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى بەزى – بەزىدە خىلمۇ خىل سوقماقلارغا، تۈرلۈك–تۈرلۈك دوقاللارغا دۈچ كېلىپ تۇرسىمۇ، ئىنسانىيەت ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مۈشكۈلاتلارنى بىر – بىرلەپ يېڭىپ تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، مىللەتنىڭ بارلىق ئىشلىرى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئىبارەت داغدام يولغا چۈشكەندىلا، مېڭىش تاپالايدىغانلىقىنى جەزمەن چۈشىنىدۇ.

     ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا نۇرغۇن – نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلار تەسەۋۋۇر قىلىنىپ، چۈشكە ئوخشاش گۇڭگا مەنزىرىنى يارىتىلغانىدى. تەڭ–باراۋەرلىككە ئېرىشىش، ئىناق – بەختىيار ياشاش ئەدەبىياتىمىزنىڭ غايىۋى مەنزىلگاھى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ گۈزەل ئىستەكلىرى ئىدى. مەيلى ئەدەبىياتتا بولسۇن ياكى رېئال تۇرمۇشتا بولسۇن، خەلقىمىز مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئارزۇلارنىڭ رېئاللىققا ئۆرۈلۈشىنى كۈتۈپ كەلگەنىدى. مانا ھازىر بىز تەرەققىياتنىڭ پۇرسەتلىك پەيتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بۇ، راسا ئۆگىنىدىغان، ئىشلەيدىغان، ئىجاد قىلىدىغان چاغلاردا بىز ئەل – ۋەتەن ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قۇشىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter