جوڭگۈنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىيتى تەتقىقاتچىسى جوناسىن خوستراگ – يەنى «جوڭگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ تېنچلىق مەزگىلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بىر نەچچى كۈننىڭ ئالدىدا «دەۋر» ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ مۇخبىرىغا ماۋۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئارازلىقلار ۋە ئامىرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى تەسىرى تۈپەيلىدىن جوڭگۇ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت ئۇرۇش قىلىش دەرىجىسىگە يىتىشى مۈمكىن.
جوڭگۇ – ھىندىستان مۇناسىۋىتى ـ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بۇلۇپ، ئىككىلا دۆلەتنىڭ نوپۇسى كۆپ، 21- ئەسىردە جوڭگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچ تەرەققىياتىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇلۇپ، ھەر ئىككىلىسى يادىرو قورالىغا ئىگە، شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسى تەسىر دائىرىسىنى ھەدەپ كېڭەيتىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئارازلىقلار، ئامىرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت ئۇرۇش قىلىش دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلىشى مۈمكىن.
ئۇ مۇنداق قارىدى: جوڭگۇ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلاشتىن ھەرگىز ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمما تېنچلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلساقمۇ بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم ۋە بارغانسىرى ئەۋجگە چىقىۋاتقان مىللەتچىلىك تۈپەيلىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىسە، مۇناسىۋەت تېنچ راۋاجلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىنچىلىكىمۇ بارغانسىرى كىچىكلەيدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلاملاردا يەنى ئىقتىساد، رايۇن تەسىر كۈچى قاتارلىقلاردا كەسكىن رىقابەتلەشسە بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1962- يىلىدىكى جوڭگۇ – ھىندىستان ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە ئىھتىيات قىلىش ۋە گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلدى. گەرچە ئىككى تەرەپ سانسىز قېتىم كېڭەشكەن بولسىمۇ، چېگرا مەسىلىسى ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىدى. بۇ ئورۇش جوڭگۇ – ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تارىخى جاراھەت بۇلۇپ قالدى.
نۆۋەتتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنى، بولۇپمۇ ئاسىيا قىتئەسىدىكى رىقابەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى. ئاندىن بۇ ھالەت بارا-بارا يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشقان بىخەتەرلىك ۋە دېپلوماتىيە ساھەلىرىگىچىلىك يامرىدى. بۇنىڭدا ھىندىستان چوقۇم سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. جوڭگۇنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى. ئىككى تەرەپ خام ئەشيا جەھەتتە ئاساسلىقى ئاسىيا قىتئەسى رايۇنىدىكى خام ئەشياغا ئىرىشىش جەھەتتە رىقابەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ ھەم رىقابەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىدۇ. بۇ رىقابەت بىرما، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى، ئافرىقا ۋە باشقا رايۇنلاردىن باشلىنىدۇ.
ئۇ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: جوڭگۇ ئەمەلدارلىرى ھىندىستاننىڭ يۈكسەك ئىرادىسىدىن ئەنسىرەش پوزىتسىيىسىدە بۇلىۋاتىدۇ. جوڭگۇلۇق مۇتىخەسىسلەر مەشھۇر ئەسەرلىرىدە «ھىندىستان ئارمىيىسى ئىزچىل ھىندى ئوكياننىڭ ھۆكۈمىرانى بۇلۇش غەرىزىدە بۇلۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرىۋاتىدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويدى. ئاممىۋى ساھەلەردە جوڭگۇلۇق تور ئابونىچلىرى ھىندىستانغا ناھايىتى پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھىندىستاننى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى خالىمايدۇ. ھازىر ھىندىستاننىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جوڭگۇلۇقلار ھىندىستاننىڭ جوڭگۇنىڭ ئاسىيادىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىمەكتە.
ئەمما ، ئۇ يەنە ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: جوڭگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەربىي توقۇنىشى باشتا رەسمىي ئۇرۇش قىلىش بىلەن پارتىلىمايدۇ. جوڭگۇ بىلەن ھىندىستان بىرما ۋە نېپال چىگرالىنىدىغان مۇقىمسىز رايۇنغا بولغان قىزىقىشى تۈپەيلىدىن ئارازلىشىدۇ. چۈنكى بۇ رايۇندا مول تەبىئىي بايلىقلار بار. ئەگەر بۇ دۆلەتلەردە بىرەر مەسىلە چىقىپ قالسىلا ۋاكالىتەن ئۇرۇش ئاسىيۇا قىتئەسىدە پارتىلايدۇ.
سىياسەت ئەپەندىنىڭ ۋوردپىرسس سىستىمىسىغا ئوڭۇشلۇق كۆچۈۋالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
كۆپ رەھمەت! ھەمدەمدە بولغايسىز!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
مۇبارەك بولسۇن، يىڭى قوروغا قۇرۇق قول كىلىپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز
بىزنىڭ ئەسكى كەپىنىمۇ يوقلاپ قوياسىز ….
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
شۇڭقار ئەپەندىمنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت!
سىناق تەرىقىسىدە بىر قانچە تىما يوللاپ باقتىم، بۇ سېستىما ھەققىدىكى بىلىمىم يوق دىيەرلىك بولغاچقا، كۈندە مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۈرۈۋاتىمەن. بىر نەچچە كۈنگە قالماي يېڭى تىمىلارنى يېزىشنى باشلايمەن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىن تېنچ ئوكيان رايۇنىغا قايتىپ كەلگەندىن بويان بۇ رايۇندا ھەربىي توقۇنۇش، ھەربىي ھازىرلىقلار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا… جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە – جەنۇبىي كورىيە، ياپۇنىيە – رۇسىيە، ياپۇنىيە- جۇڭگو دىياۋيۈ ئارال مەسىلىسى، جۇڭگو – تەيۋەن مەسلسى، يوقارقى ھىندىستان – جۇڭگو – مەسىلىسى…. ھەقىقەتەن خەتەرلىك !!!
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
تۇران تېكىن مۇنداق دېدى:
ئىيۇل 17th, 2012 at 22:55
مانا بۇ سىياسىي ئويۇن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: