ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> مەدەنىيەت - تارىخ >> تەپسىلاتى

ناپالېئون چارروسىيىگە پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى قوزغىغان

            ناپالېئون 1812 – يىلى چار روسىيە ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرى موسكۋادا پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1895 – يىلى روسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەتبەئەچىلىك كۆرگەزمىسىدە، روسىيە ئارمىيىسى ئەينى يىلى ئولجا ئالغان بىر بۇيۇم كۆرگەزمىگە قويۇلغان. قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ ئۈسكۈنە ئەمەلىيەتتە ناپالېئون قوشۇن بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن پۇل بېسىش ماشىنىسى بولۇپ، بۇنىڭغا بىر قېتىملىق قىزىقارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ تارىخى يوشۇرۇنغان.

چاڭ – توزاندىن پايدىلىنىپ كونا ساختا پۇل ياساش

 

              1810 – يىلى 3 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ھەيكەلتىراش لارت پارىژ مونتپارناسسې ئەتراپىدىكى ۋاۋژىرارد كوچىسىغا كېلىپ، كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بىر ئۆيگە كىردى. تېشىدىن قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان بۇ ئۆي ئەمەلىيەتتە ناپالېئوننىڭ مەخپىي پۇل بېسىش زاۋۇتى ئىدى. بىر نەچچە ناتونۇش ئەر ئۇنى بىر چەتكە چاقىرىپ، ئۇنىڭغا رۇبلىنىڭ بىر نەچچە نۇسخىسىنى بەردى ھەم دەرھال بۇ پۇللارنىڭ قېلىپىنى مىس تاختىغا ئويۇشنى تاپشۇردى.

               پادىشاھنىڭ پەرمانى شىپى كەلتۈرۈلگەچكە، لارت قايتقاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن پۇل قېلىپىنى ئويۇشقا باشلىدى. لارت بىرنەچچە باسما ئىشچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاخىرى نۇرغۇن ساختا رۇبلى بېسىپ چىقتى. يېڭى پۇلنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى كونىرىتىشقا توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشچىلار ئەپچىل بىر چارە تاپتى: يەنى پۇل زاۋۇتى ئىچىدە چاڭ – توزانلىق بىر ئۆي تەييارلاپ، يېڭىدىن بېسىلغان ساختا رۇبلىلارنى چاڭ – توزان بېسىپ كەتكەن پولغا تاشلاپ، چوڭ سۈپۈرگە بىلەن ئۇ باشتىن بۇ باشقا سۈپۈردى، يېپيېڭى ساختا رۇبلىلار ناھايىتى تېزلا كونا پۇلغا ئايلاندى.

             چار روسىيە 1804 – يىلىدىن باشلاپ ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى، يەنى ئاۋۋال پېرسىيە، تۈركىيە، شۋېتسارىيە بىلەن، ئارقىدىن فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. چار پادىشاھ قورال – ياراغلارنى بولۇشىغا ئىشقا سېلىپ ھەممە تەرەپكە قوشۇن تارتقاچقا، ھەربىي چىقىم ئېشىپ كېتىپ، دۆلەت مالىيىسى بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. كىرىم چىقىمنى قامدىيالمىغان ئەھۋالدا، چار پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ نۇرغۇن قەغەز پۇل باستۇردى، نەتىجىدە پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى.

             تارىخشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، چار روسىيىدە ئەينى چاغدا ناھايىتى كۆپ قەغەز پۇل تارقىتىلغان، 1805 – يىلىدىن 1810 – يىلىغىچە بولغان نەچچە يىلدىلا تارقىتىلغان قەغەز پۇل 318 مىليون رۇبلىغا يەتكەن بولۇپ، روسىيە ھەرقايسى دەۋرلەردە تارقاتقان قەغەز پۇل مىقدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن 1810 – يىلى روسىيە بويىچە قەغەز پۇل يامراپ ئاپەتكە ئايلىنىپ، ساقلانما ئومۇمىي سوممىسى 579 مىليون رۇبلىغا يەتكەن.

           ناپالېئون ئىسمى جىسمىغا لايىق زېرەك ھەربىي ئالىم، ئىستراتېگىيىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقىبى روسىيە قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ساختا پۇل ئارقىلىق توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ، رەقىبىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تارمار قىلىشنى پىلانلىغان ھەم ياسىغان ساختا پۇلنى روسىيىگە يوشۇرۇن كىرگۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتقان.

پۇل بېسىش ماشىنىسىنى موسكۋاغا ئېلىپ كېلىش

 

              كونكرېت تارىخىي خاتىرىلەر يېتەرلىك بولمىغاچقا، روسىيىگە زادى قانچىلىك ››ناپالېئون پۇلى‹‹نىڭ كىرگەنلىكىگە بىر نېمە دېمەك قىيىن. بىراق، 1812 – يىلىدىكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، گېنېرال، يازغۇچى رېپولاند تەمىنلىگەن ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 1812 – يىلىنىڭ بېشىدا، ناپالېئون ۋارشاۋالىق بانكىر فورنكېر ئارقىلىق روسىيە پۇل مۇئامىلە بازىرىغا 25 مىليون ساختا رۇبلى كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، فرانسىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا يۈرۈش قىلىش يولىدا، ناپالېئون 34 ھارۋا ساختا پۇلنى يۈك توشۇش ئەترىتى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىي لاۋازىملار يول بويى ساختا رۇبلىغا ئوزۇق – تۈلۈك، يەم – خەشەك سېتىۋالغان.

               تولستوينىڭ ‹‹ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ›› رومانىدا ناپالېئوننىڭ ساختا پۇللىرى تۈركۈملەپ بازارغا كىرىپ موسكۋا كوچىلىرىنى قاپلىغاندىن كېيىن، قەغەز پۇللارنىڭ قىممىتى يوقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالتۇننى تالىشىپ سېتىۋالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

               نۇرغۇن ئەسلىمە ۋە تارىخىي ماتېرىيالدا ناپالېئوننىڭ ساختا پۇل ياساپ تارقاتقانلىقى خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭغا ئائىت يەنە ساختا پۇلنىڭ ئۆزى ۋە بىر ساختا پۇل بېسىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت ماددىي ئىسپاتمۇ بار. بۇ ساختا پۇل بېسىش ماشىنىسى روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئولجىسى بولۇپ، ئۇنى مەخپىي پۇل بېسىش زاۋۇتلىرى جايلاشقان پارىژ، ۋارشاۋا ۋە ياكى برېسلاۋدا ئەمەس، بەلكى موسكۋادا قولغا چۈشۈرگەن.

               فرانسىيە قوشۇنى موسكۋاغا ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بۆلگۈنچى مۇرىتلار ناپالېئوننى بولكا ۋە تۇز بىلەن تەمىنلەپ، بۇ ‹‹ ئازاد قىلغۇچى ›› غا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىتائىتىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە پادىشاھى ئۇلارغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوغداپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا قوشۇن بىلەن ئېلىپ كەلگەن بىر پۇل بېسىش ماشىنىسىنى ھەدىيە قىلغان. بۇ ماشىنا چېركاۋنىڭ قەبرىستانلىقىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ يەردە تۈركۈملەپ بېسىلغان ساختا رۇبلى موسكۋا بازىرىنى قاپلىغان.

ناپالېئون ساختا فوند ستېرلىڭىمۇ باسقان

 

             رىپۇلاند ئىگىلىگەن ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، موسكۋا تاش كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدىكى پۇل تېگىشىش ئورنىدا، ناپالېئوننىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ساختا پۇلغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگە تېگىشكەن، ئەينى چاغدا بەش رۇبلى ساختا پۇلغا بىر كۈمۈش تەڭگە تېگىشكىلى بولاتتى. ناپالېئون موسكۋادىكى مەزگىلىدە قول ئاستىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە قەرەللىك ھەربىي تەمىنات بەرگەن، لېكىن، بەرگىنى ساختا رۇبلى بولغاچقا، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەم ئۇلار تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ساختا رۇبلىنى تېز قولدىن چىقارغان.

              1814- يىلى پارىژغىچە قوغلاپ كەلگەن روسىيە قوشۇنى غەلىبە بىلەن قايتقاندىن كېيىن، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، بارلىق پۇلنى ئېنىقلىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن بۇنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان: يەنى، ئېنىقلانغان 1 مىليون 500 مىڭ رۇبلىنىڭ 300 مىڭ رۇبلىسى ساختا بولۇپ چىققان. ساختا پۇل يامراپ كەتكەچكە، روسىيىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى قالايمىقانلىشىپ، ھۆكۈمەت يىغۇشتۇرالماي قالغان. ئەگەر ھۆكۈمەت ساختا پۇلنى ئېتىراپ قىلمىسا، نۇرغۇن ئائىلە خانىۋەيران بولۇپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ئىلاجىسىز ساختا پۇلنى راست پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمەلىيەتتە 25 رۇبلىلىق ‹‹ ناپالېئون رۇبلىسى ›› نىڭ بېسىلىش سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھەتتا راست پۇلدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن، بىراق ئۇنىڭ كۆك تەگلىكى راست پۇلنىڭكىدىن سەل – پەل پەرقلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيكەلتىراش لارت رۇسچىنى بىلمىگەچكە، يېزىقتىمۇ ئازراق خاتالىق كۆرۈلگەن بولۇپ، تەپسىلىي سېلىشتۇرسا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن.

              فرانسىيە نۇرغۇن ساختا رۇبلى باسقاندىن باشقا يەنە ساختا فوندستېرلىڭ، ساختا ئاۋسترىيە شىللىڭى ساختا پرۇسسىيە پۇلىمۇ باسقان. ناپالېئون ئەسلىدە ساختا پۇل ئارقىلىق باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان، لېكىن، ئاقىۋەتتە ئۆز پۇتىغا پالتا چېپىپ، ئۆزى ساختا پۇلنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. ئەنگلىيە ۋە شۋېتسارىيىلەرگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن خانپەرەسلەر پارتىيىسى ناپالېئوندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، نەچچە مىليون ساختا فرانىكنى فرانسىيىگە كىرگۈزۈپ، ناپالېئوننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: