ئالىم بىز بلوگى

ھونلارنىڭ خەن خانلىقىغا قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى

     ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا قىلغان تاجاۋۇزلچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش ھۇن مىللىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ ھۇن خەلقى ئۇچرىغان ئاقىۋەت ئەڭ ئېغىر بولدى.

     بىرىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى ۋە چارۋا-ماللىرى زور تۈركۈمدە ئولجا ئېلىندى ۋە ئۆلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 127-يىلىدىكى ئۇرۇشتىلا ھۇنلاردىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق قوي كالا ئولجا ئېلىندى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 121- ۋە 119-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۇن جەڭچىلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 130 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. (قۇنشارخاننىڭ قوۋمىدىن ئەسىرگە چۈشكەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن نەچچە تۈمەن ئادەم ۋە خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان 40 مىڭ ئادەم بۇنىڭ سىرتىدا). بۇنىڭ بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىكى 300 مىڭ ئوقياچى چەۋەندازنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتتى. مىلاديدىن بۇرۇنقى 71-يىلىدىكى ئۇرۇشتا ئوڭ قول خاننىڭ قوۋمىدىن 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىر ئېلىنىپ، 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا-مال ئولجا ئېلىندى. قېلىپ قالغان ئاھالىلەردىن ئۆلگەن، چېچىلىپ كەتكەنلىرى ۋە چارۋىلاردىن ئۆلگەن، پىتىراپ كەتكەنلىرىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق بولۇپ، بۇ ھۇنلارنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.

     ئىككىنچىدىن، ھۇنلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ (مەسلەن، ئالوبان خان، بايان خان قوۋمى، ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋدىن، قۇنشارخان قوۋمى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىدىن چېكىنىپ چىققان) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سۇ ۋە ئوت-چۆپ يوق رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى تەبئىي ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خېشىدىكى چىليەن (تىلەن) تېغى، ئالچى تېغى (ھازىرقى گەنسۇدىكى شەندەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) خېتاۋنىڭ شىمالدىكى چوغاي تېغىدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولدى. چۈنكى، چىليەن تېغى ۋە ئالچى تېغى قارىغايلار كۆپ، ئوت-سۈيى مول، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، چارۋىچىلىق قىلىشقا ناھايىتى باب كېلەتتى ھەم ھۇن خەلقنىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور ئىدى. شۇڭا، ھۇنلار بۇ ئىككى تاغدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن:

      ئايرىلىپ قالغاندا تىلەن تېغىدىن،

     ئاۋۇماس بولۇپ قالدى چارۋا-مېلىمىز.

      ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تېغىدىن،

     مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز-ئايالىمىز.

     دەپ قوشاق توقۇشتى. چوغاي تېغىدىمۇ ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر قويۇق، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا باب كېلىپلا قالماستىن، يەنە زور مىقداردىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ھەربىي ئىشلاردا پايدىلىنىشقا (ئوقيا ياساشقا) بولاتتى. بۇ يەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئارقا سەپ ئامبىرى ۋە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشتىكى مۇھىم بازىسى ئىدى. ھۇنلار چوغاتاي تېغىنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، تاغنىڭ شىمالىدىكى، شەرقتىن غەربكىچە نەچچە مىڭ چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغىمۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان چوڭ قۇملۇقتا ئوت-سۇ بولمىغاچقا، چارۋىچىلىق قىلالمىدى. بۇ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بايلىق مەنبەسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن سۇلالىسى چوغاي تېغىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ يەردە قەلئە-قورۇللارنى قۇرۇپ، تۇرلارنى سېلىپ، تاشقى سېپىلنى ياساپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مۇداپىئە كۆرگەچكە، ھۇنلار جەنۇبقا كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا، «ھۇنلاردىن چوغاي تېغىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن ئاھ ئۇرمىغان ھېچكىم قالمىدى». كېيىن خەن سۇلالىسى يەنە غۇزلارنى يوقاتقۇچى سانغۇن گوچاڭ ۋە ياۋايىلارنى تۇتقۇچى تۆرە جاۋپونۇنى سۇفاڭنىڭ شەرقىدە تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئېچىشقا ئەۋەتىپ، ھۇن كۈچلىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، ئۇشلۇ تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغاندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلى) كېيىن، ھۇنلار بارغانسېرى غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، سول تەرەپتە يۈنجۇڭ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرەپتە جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ ئايماقلىرىغا ئۇدۇل كېلىدىغان بولۇپ قالدى (ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ سول تەرپى شاڭگۇ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرپى شاڭجۈن ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلەتتى). بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرى تېخىمۇ تارىيىپ كەتتى. ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ زور كۆلەمدە تارىيىشى ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قار ئاپىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 104-، 89-، 71-يىللىرى) تۈپەيلىدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلى ھۇنلاردا زور قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ خەلقنىڭ ئوندىن ئالتە-يەتتىسى ئۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى زور تەھدىتكە دۇچ كەلدى.

      ئۈچىنچىدىن، قارام ئەللەر بۆلۈندى. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىن بۇيان بويسۇندۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان قەبىلە ۋە قوۋمىلار ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئېغىر بېسىمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە چىدىماي بەس-بەستە ئىسيان كۆتۈردى. ھۇنلارنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ دىڭلىڭلار شىمالدىن، ئوغانلار، ئۇيسۇنلار غەربتىن، شەرقتىن ھۇجۇم قىلدى، سول تەرەپتىكى شىرۋى قەبىلىسى جەنۇبقا بېرىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى، غەربىي يۈرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرمۇ بىرلىكتە ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى بىر مەھەل بۆلۈنۈش ۋە نىزا ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.

     تۆتىنچىدىن، ھۇن ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ھۇن يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەر گۇروھىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئەسلىدىمۇ ھوقۇق تالىشىش، بولۇپمۇ «تەڭرىقۇت» لۇقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھۇقۇقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن نۇرغۇن زىددىيەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تەخىت تالىشىش كۈرەشلىرى بولۇپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ھۆكۇمرانلىق دائىرىسىنىڭ تارىيىشى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چېكىنىشى، قوۋمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە قارام ئەللەرنىڭ بۆلۈنىشى بىلەن يوقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلىدىن باشلاپ تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارسلىق قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پارچىلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 57-يىلغا كەلگەندە «بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىشى» كېلىپ چىقىىپ، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ ئەڭ ئاخىرىدا ھون قوۋمى، جەمئىيىتى ۋە ھاكىمىيىتىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىردى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ھونلارنىڭ خەن خانلىقىغا قارشى قىلغان ئۇرۇشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 2دانە
  1. مىنىڭچە ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئايىغى چىقماس جەڭگى-جىدەل دىپلۇماتىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىنجىسى ھونلارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقلىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،خۇددى ھونلاردەك سىياسەت يۈرگۈزگەن قەدىمقى مىللەتلەرگە قاراپ باقساق يەنى سىيانپىلار، جۇرجانلار،تۈركلەر،قىتانلار قېنى قايسى بىرىنى ھازىر بار دىيەلەيمىز؟بىراق ئۇيغۇرلار ھونلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالدى،تاڭ خانلىقى بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولدى،شۇڭا تا بۈگۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

  2. ھونلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى كۆپ خىل، ئاساسلىقى مەدەنىيەت جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكنى ئىلىپ ئىيىتساق نۇرغۇن قەدىمى مىللەتلەر مەدەنىيەت سەۋەبىدىن پۇتۇنلەي خەنزۇ مىللىتىگە قوشۇلۇپ كەتتى، مىللەتنىڭ ھالاك بولىشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ئامىلىدىن بولىدۇ. مىسالى يەھۇدىيلار!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: