ئالىم بىز بلوگى

ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ خوتەن خەلقىگە قىلغان زوراۋانلىقى

مەمتىمىن توختى

 

     ماخۇسەن قۇشۇنلىرى خوتەن رايونىدا 1934- يىل 7- ئايدىن 1937- يىل 10- ئايغا قەدەر، يەنى ئۈچ يىل تۆت ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خوتەن خەلقىگە سالغان زۇلۇم كۈلپەتلىرىنى بۇ قىسقىغىنە ئەسلىمە بىلەن تامامەن يېزىپ ئىزاھلاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئەمەلىي كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بەزىبىر پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى تۈۋەندىكىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن:

 

1. ماخۇسەن قۇشۇنلىرىنىڭ قانۇنسىز ئالۋاڭ- سېلىقى

 

     ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ خەلققە كۈندىلىك سېلىق قۇيۇپ يىغىۋالىدىغان ئالۋاڭ- ياساق نەرسىلىرىنىڭ سان ۋە تۈرلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئايلىق، ھەپتىلىك ۋە كۈندىلىك تۈزۈم ئارقىلىق يېغىۋالىدىغانلىرى ئالتۇن، كۆمۈش، مىس، تۇچ، تۆمۈر- پولات، گۈرۈچ، بۇغداي، قوناق، ياغاچ، ھەرخىل تېرە، تۈگە، قوي يۇڭلىرى، ئۇتۇن، پىچان (بېدە)، سامان، پاختا، ھەرخىل يىپ، خام- چەكمەن، ئات، كالا، قوي، توخۇ- ئۆردەك، ھەرخىل تۇخۇم ۋە ياغ قاتارلىقلار بۇلۇپ، بۇ نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئالۋاڭ- ياساقنى يىغىۋالغۇچىلار كۈنىگە نەچچە ئون قېتىمدىن كېلىپ- كېتىپ تۇراتتى. جاغلىغا كەنتىدىن ئىمام شا يۈز بېشى (مېنىڭ قېيىن تاغام) نىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە:«بىر كۈندە دېھقانلاردىن يېغىۋالىدىغان ئالۋاڭ- ياساقنىڭ تۈرى 36 خىلغا يەتكەن كۈنلەرمۇ بولغان. يىغىۋالىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سانى جېق ھەم ۋاقىت چەكلىمىسى قىسقا بولغانلىقتىن، بىر قېتىمدا ئات- ئۇلاغ، ئاشلىق، خام-چەكمەن قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئالۋاڭنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماخۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى قولۇمنى باغلاپ ئېسىپ قۇيۇپ، بوينۇمغا بىر دانە تاشنى ئېسىپ قۇيۇپ، ئازابلىغانىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دادام چىداپ تۇرالماي ئىككى تاش تۈگمىنىمىزنى بىر ئەمەلدارغا سېتىپ ئات پۇلى ۋە باشقا ئالۋاڭ ئۈچۈن تۆلەپ بېرىپ مېنى قۇتقۇزۋالغان» دەيدۇ. ھەممىدىن ئېغىر بولغىنى شۇكى: يەر بېجىدىن باشقا ھەقسىز تۈلەيدىغان ئىككى خىل ئاشلىق بۇلۇپ، بىر خىلى «چۆرۈمە ئاشلىق» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ھەپتىدە بىر قېتىم تۈلەيدىغان ئاشلىق ئىدى. يەنە بىر خىلى «دەن ئاشلىق» دەپ ئايمۇ ئاي تۈلەيدىغان ئاشلىق بۇلۇپ ئۇنىڭ مىقدارى، ئۆلچەم سانى ھەر يۇرتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنەتتى، يەنە بىرسى ئات ئالۋىڭى بۇلۇپ، ئاتنىڭ ھەرخىل رەڭ تۈرلىرى بويىچە يۇرت- يۇرتقا تەقسىم بۇلاتتى. مەسىلەن: ماخۇسەننىڭ ئاتلىق قوشۇنى تۆت لۈي بۇلۇپ، ھەر بىر لۈي ئىككى تۈەن (پولك) دىن ئىبارەت ئىدى. 1- لۈي تامامەن جەدە ئات، 2- لۈي قۇلى ئات، 3- لۈي ئاق ئات، 4- لۈي قارا ئاتلىق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتلارمۇ شۇنداق رەڭ تۈرى بويىچە ئالۋاڭ قويىلاتتى. سۈپەتتە ئاختا قىلىنغان ھەم ياش، ھەم سىمىز بۇلۇشى شەرت ئىدى. مۇنداق سۈپەتلىك ئاتنىڭ ھەر بىر كەنتىدىن تېپىلىشى قىيىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكەرلەرنىڭ قېرىپ قالغان، كېسەل بۇلۇپ قالغان، ئۇرۇقلاپ كەتكەن ئاتلىرىنى ئۆزلۈكسىز يەڭگۈشلەپ ۋە تۇلۇقلاپ بېرىش مەجبۇرىيتى بولغانلىقتىن، ئات ئالۋىڭى داۋاملىق بۇلۇپ تۇراتتى. شۇنىڭدەك نائىنساپ ئەمەلدارلار ھەرخىل ئالۋاڭ- ياساقلارنى تاكى ناھىيىدىن كەنتكە قەدەر قاتمۇ قات كۈپەيتىپ يىغىۋالاتتى.

2. ياشلارنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ خەلقنى قاقشىتاتتى

 

     ماخۇسەن ئەسكەرلىرى 15 ياشتىن يۇقۇرى، 50 ياشتىن تۈۋەن كىشىلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ زۇلۇم سالاتتى. ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلار خورلىنىپ ھەر خىل كېسەل ۋە تاياق زۇلۇم ئازابى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر نەچچىسى ئۈلۈپ كىتەتتى. مۇشۇنداق ئازاب ئوقۇبەتلەرگە تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن خوتەن ياشلىرى يەر ئاستى گەمىلەردە، ساندۇقلاردا ۋە ئۆڭكۈرلەردە يۇشۇرنۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئىمكانىيەت تاپالىغانلىرى چەت يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

 

3. قول ھۈنەرۋەنلەرنى مەجبۇرى تۇتۇۋېلىپ ھەقسىز ئىشلىتىش

 

     ماخۇسەن ئۆز قۇشۇنلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىگەر- جابدۇق كارخانىسى، گېلەم كارخانىسى، سەيپۇڭ كارخانىسى، ئاياغ- كېيىم كارخانىسى، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى، بۇياقچىلىق كارخانىسى ۋە باشقا كارخانىلارنى قۇرۇپ، يۇرت ئىچىدىكى قول- ھۈنەرۋەنلەرنى قويماي يىغىۋېلىپ، ھەقسىز ئىشقا سالغاننىڭ سىرتىدا قېىچىپ كىتىدۇ دەپ ئۇلارغا تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردەك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلارنى بالا- چاقىلىرى بىلەن كۈرۈشتۈرمەيتتى، ئاش- تاماقتا قىساتتى، ناۋادا قېچىپ قويسا تۇتۇپ كېلىپ ئۇرۇپ مېيىپ قىلىۋىتەتتى، ھەتتا بەزىلىرىنى ئازابلاپ ئۆلتۈرىۋىتەتتى. يۇقۇرىقى ئۈچ تۈرلۈك ئازاب- ئوقۇبەتلەر تۈپەيلى، چەت ۋىلايەت ۋە چەت مەملىكەتلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كېيىنكى يىللاردا، بۇلۇپمۇ ئازاتلىقتىن كېيىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىلىرى چەتتە تۇرمۇش قۇرۇپ ئەۋلادلىق بۇلۇپ قالغانلىقتىن ھازىرغىچە قايتىپ كېلىشمىدى.

4. ھاشار ئالۋىڭى

 

     ھەر خىل ھاشار ئالۋىڭى توختىماي بۇلۇپ تۇراتتى. بۇلۇپمۇ ئوتۇن، بىدە، سامان تۇشۇش ئەمگىگى ئېغىر ئىدى. چۈنكى يۇرتتا دېھقانلارنىڭ ئات- ئۇلاغلىرى ئالۋاڭ- ياساق تۈپەيلى ئۇرۇقلاپ ئۆلۈپ تۈگىگەنلىكى ئۈچۈن، ئوتۇن- سامان توشۇش ئىشى ئادەم كۈچى بىلەن بۇلاتتى. ئەمگەككە يارايدىغان ياشلار ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان ياكى قېچىپ كەتكەن بولغانلىقتىن ئوتۇن- سامان، ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى توشۇش ئىشى پەقەتلا ئاياللار بىلەن ياشانغان ئەر كىشىلەرگە قالغانىدى. بۇ ھەقتە شائىر مەھەممەت تۇردى قاسىم ماخۇسەننىڭ زۇلۇملىرىنى شىكايەت قىلىپ يازغان تۈۋەندىكى بىر كۇبلىت شېئىرنى ئەسلىسەك كۇپايە قىلار:

 

     تاۋار- دۇردۇن جېلىتكە تارلىقىدىن رەنجىگەن قىزلار،

     ئوتۇن- سامان يۈدمەك بىلەن قەددى دۇتار ئولدى.

 

5. ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خەلق ئۆيلىرىنى زورلۇق

 بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ۋە خەلقنى زورلۇق بىلەن شەخسى

ئىشلىرىغا سېلىپ بوزەك قىلىشى

 

     ماخۇسەن قوشۇنلىرىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپچىلىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى بىرگە ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇلار ناھىيە، شەھەرلەردە خەلقنىڭ بىر قەدەر ياخشىراق بولغان ئۆيلىرىگە زورلۇق بىلەن ئۇرۇنلىشىۋالاتتى. ئۇلارغا ھېچقانداق نارازىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار خەلقنىڭ ئۆيلرىدە زورلۇق بىلەن ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۆي تازىلاش، ئېغىل تازىلاش، ئۇلاغلىرىنى سۇغۇرۇش، ئوت- بېدە توغراش، ئوتۇن يېرىش، نەرسە- كېرەك تۇشۇش قاتارلىق ئائىلە ئەمگەكلىرىگە كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنى مەيلى ئۇ ئەر- ئايال، ياش قېرى بولسۇن تۇتۇپ كىرىپ كۈن بويى ئىشقا سالغاندىن تاشقىرى، ھەتتا ئىشنى ئوبدان قىلالمىدىڭ دەپ ئۇراتتى. ئەگەردە تۇتىۋالغاندا نارازىلىق قىلىپ قارشىلىق قىلسا ياكى قېچىپ كىتىشكە ئۇرۇنسا، رەھىم قىلماي ئازابلايتتى.

 

6. ياش ئۆسمۈرلەرگە سالىدىغان زۇلۇم

 

     ماخۇسەن قوشۇنلىرى 15 ياشتىن يوقۇرى بولغان ياشلارنى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىپ بالايى- ئاپەت كەلتۈرگەننىڭ سىرتىدا 15 ياشتىن تۈۋەن، سەككىز- توققۇز ياشتىن يوقۇرى ئۆسمۈر بالىلارنى پەيجاڭدىن يۇقۇرى (پەيجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە) ھەربىيلەر ۋە كويەندىن يوقۇرى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ چايچىلىق خىزمىتىگە تۇتۇۋېلىپ (بۇلار گاۋا دەپ ئاتىلاتتى) ھەربىي كىيىم كىيگۈزۈپ شەخسى خىزمىتىگە سالاتتى. يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر ئۆز دەرىجىسى بويىچە بىر قانچىنى ئىشلىتەتتى. ئۇ بالىلارنى كۈن بويى تۈرلۈك پارچە- پۇرات ئىشلارغا سالغاننىڭ سىرتىدا، ئاخشاملىرى پۇت- قول، بەدەنلىرىنى تۇتقىلى سالاتتى. ئەگەردە قىلغان ئىشلىرى كۆڭلىگە ياقمىسا ئۇراتتى. بەزى ئادەملەر ئوغۇل باللىرىنى بۇنداق زۇلۇمغا تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن قاچۇرۇپ، قىز بالىچە كىيىم كىيدۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالمۇ بولغان.

 

7. ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ يەنە بىر ۋەھشىيلىكى

 

     ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن خوتۇن- قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ نۇمۇسىغا تېگەتتى. خەلق ئۆيلىرىگە ئۇرۇنلىشىۋالغان كۆچمەنلەرمۇ، شۇ ئائىلىدە ياكى شۇ مەھەللىدە كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن خوتۇن- قىزلارغا ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن باسقۇنچىلىق قىلاتتى.

 

8. تەۋەككۇل ئىسلام ئاۋاتتىكى قانلىق پاجىئە

 

     1936- يىلى 2- قېتىملىق قانلىق پاجىئە يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرسى تەۋەككۇل ئىسلام ئاۋات يېزىلىرىدا بولغان. ئۇنىڭ قىسقىچە جەريانى: ماخۇسەن قوشۇنىنىڭ ئىسلام ئاۋاتتىكى بىر باج پونكىتىنىڭ ما فامىلىلىك بىر خادىمى بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئېرى (يەرلىك) سىزىپ قېلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.« ما » ئۇنى قارشىلىق قىلدى دەپ ئېتىۋەتمەكچى بولغان. بۇ ئادەم ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەخمەت سەردار باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئاممىسى مۇشۇ پۇرسەتتە زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ باشلىماقچى بۇلۇپ، خوتەندىن كېلىدىغان ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن قوللىرىغا چوماق ئېلىپ تەييارلىق كۆرىدۇ. بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان ماخۇسەن پىلىمۇت ۋە قېلىچ، مىلتىقلار بىلەن تۇلۇق قوراللانغان ئىككى روتا ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. دېھقانلار ئۇلارنى يول ئۈستىدە توسۇپ قارشلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇش نەتىجىسىدە خەلقنىڭ قولىدا تاياق- توقماقتىن باشقا قورال بولمىغانلىقتىن ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ماخۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى پىلىمۇت ۋە مىلتىقلاردىن يامغۇردەك ئوق چىقىرىپ خەلقنى ئوققا تۇتىدۇ. نەچچە ئون ئادەم ئۆلىدۇ، خەلقلەر قېچىپ ھەر تەرەپكە ۋە چۆل- جاڭگاللارغا تارقاپ كېتىدۇ. ماخۇسەننىڭ ئاتلىق قوشۇنى قاچقانلارنى قوغلاپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى ئېتىپ- چېپىپ قىرغىن قىلىپ، شۇكۈنى كەچتە ئىسلام ئاۋات، تەۋەككۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ (خوتەن بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى 90 كىلومېتىر يول بۇلۇپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ تۈۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان كەنت) قوزغىلاڭ باشلىقى ئەخمەت سەردار قاتارلىق قوزغىلاڭچىلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر دەريانى بويلاپ جاڭگال يولى بىلەن ئاقسۇغا قېچىپ كېتىدۇ. قالغان كىشىلەر ئىككى- ئۈچ كۈنلۈك يىراق ئورمانلىق (توغراقلىق) جاڭگاللارغا قېچىپ كېتىپ يۇشۇرۇنۇپ جان قۇتقۇزىدۇ. ئەمما قوزغىلاڭنى باستۇرغىلى كەلگەن ئەسكەرلەر ئۈچ- تۆت كۈن تەۋەككۇل ئىسلام ئاۋاتنى ئالا- توپىلاڭ قىلىپ، ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئېتىپ، چېپىپ، ھەتتا ئۆيلىرىگە يۇشۇرنىۋالغانلارنىمۇ ئاقتۇرۇپ تۇتۇلغان ئادەملەرنى ئېتىپ- چېىپ، نەتىجىدە 200 دىن ئارتۇق بىگۇناھ خەلقلەرنى قىرغىن قىلىدۇ. مەن بۇ پاجىئەلىك قىرغىن ۋاقتىدىكى بەزى كونكرىت ۋەقەلەرنى تەكرارلاپ تۇرمايمەن. پەقەت ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئەڭ قەبىھ پاجىئەنى ئەسلەپ ئۆتىمەن. ماخۇسەن قوشۇنلىرى تەۋەككۇل ئىسلام ئاۋاتتىكى قوزغىلاڭنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر قوزغىلاڭغا ئەگىشىپ قالغان كېشىلەردىن ۋە ھېچ ئىشقا قاتناشمىغان گۇناھسىز دېھقانلاردىن، ھەتتا خوتەن ۋە لوپ تەۋەسىدىن تەۋەككۇلغا كېتىۋاتقان يولوچىلاردىن بۇلۇپ نەچچە ئون كىشىنى تۇتۇۋېلىپ باغلاپ ئاتنىڭ ئالدىغا سېلىپ يۈگۈرتۈپ يۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نەچچە كۈن قىيناپ سوراق قىلىپ، ئاخىرى 36 ئادەمنى سۇ دەرۋازىسى دېگەن يەردە قېلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن. شۇ مەزگىلدە مەن 16 ياشلاردا بۇلۇپ ماخۇسەن ئاچقان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتىم (ئەسكەرلىككە تۇتۇلماسلىق ئۈچۈن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان). ئوقۇغۇچىلىق كۆك كىيىم بىلەن بولغاچقا كوچىلاردا ئەركىن يۈرەتتىم. بىر كۈنى 36 ئادەمنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ چىقتى. مەن، مەھەممەت رەجەپ قاتارلىق بىر نەچچە ساۋاقداشلار بىلەن جازا مەيدانىدىكى بىر سۈگەتكە چىقىپ قاراپ تۇردۇم. ماخۇسەننىڭ جاللاتلىرى مەزكۇر 36 ئادەمنى ئالتىدىن ئالتە سەپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى. ھەممىنىڭ قولى ئارقىغا باغلانغان، بېشى يالاڭباشتاق بۇلۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ ئوقرەك (دولا) سۈڭىكىدىن تېشىپ سىم ئۆتكۈزۈپ بىر- بىرىگە چېتىپ باغلانغان. 2- سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆمۈرچەكتىن تېشىپ سىم ئۆتكۈزۈپ بىر- بىرىگە چېتىپ باغلانغان. 3- سەپتىكى ئالتە ئادەمنى قولىقىدىن تېشىپ سىم ئۆتكۈزۈپ يۇقۇرىقىدەك چاتقان؛ 4- سەپتىكى ئالتە ئادەمنى ئالقاندىن تېشىپ چاتقان. 5-، 6- سەپتىكىلەرنى پەقەت باغلاپلا چاتقان. مەيداندا مۇشۇ سەپ تەرتىۋى بىلەن ئالتىدىن سەپ قىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، 18 نەپەر جاللات ئالدىنقى سەپتىكى ئالتە ئادەمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ھەر بىر ئادەمنىڭ بېشىغا ئۈچتىن جاللات قېلىچ تۇتۇپ يەڭلىرىنى تۈرۈپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى. ئاخۇن لۇيجاڭ دېگەن باشلىق بىر قىغ دۈۋىسىگە چىقىپ بىر نېمىلەرنى قىسقىغىنە سۆزلەپ بۇلۇپ بىر پۇشتەك چالغانىدى، جاللاتلار قولىدىكى قېلىچلار بىلەن چاپتى. ئالتە ئادەمنىڭ بېشى كېسىلدى. بىر ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ كېتىپ يېقىلدى، بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى، كېيىن يېقىلدى. بۇنداقلارغا يەنە قېلىچ چاپتى. جاللاتلار 2- سەپكە كېلىپ بۇيرۇق كۈتتى. پۇشتەك چېلىنىش بىلەن تەڭ 2- سەپتىكى ئالتە ئادەمنىمۇ چاپتى. مۇشۇ ئۇسۇلدا ئالتە سەپ (36 ) ئادەمنى بىر- بىرلەپ چېپىپ تاشلىدى. شۇ چاغدا جازا مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا كۆز يېشى قىلىپ تۇرغان ئاممىنىڭ ئىچىدە بىر ئاق كىيىملىك ئايالنىڭ «ۋاي بالام!» دەپ ھەر تەرەپكە ئۆزىنى تاشلاپ چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلاۋاتقان يىغىسى ھەممە ئادەمنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى. بۇ ئايالنىڭ 19 ياشلىق بالىسى لوپنىڭ جىيا كەنتىدىن ئىشەك بىلەن تەۋەككۇلغا كېتىۋاتقاندا يولدا قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇپ 30 نەچچە ئادەمنى باغلاپ ھەيدەپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئۇچراپ قالغاندا ئەسكەرلەر ئۇنى «سەنمۇ تەۋەككۇللۇق ئادەم ئىكەنسەن» دەپ تۇتىۋالغانىكەن. يىغلىغۇچى ئانا شۇ بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن، دېمەك تەۋەككۇل ئىسلام ئاۋاتتىكى ئەخمەت سەردار باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ شۇنداق پاجىئە بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى.

 

      9. يۇقۇرىدىكى قىرغىننىڭ قان ئىزلىرى تېخى قۇرۇماي تۇرۇپلا قاراڭغۇ تاغدا، تاغنىڭ ئەمەلدار بېگى غوجا مەخمۇت بەگ دېگەن تاغدىكى چارۋىچى خەلقلەر بىر جىنازا نامىزىغا توپلانغاندا قوي، قۇتاز ۋە نەخ پۇل قاتارلىق ئالۋاڭ تۈلەيسىلەر دەپ خەلقنى قىستايدۇ.

      ئاقتۇرسۇن موللا قاتارلىق ئادەملەر: بىز جايلاپ بېرەيلى، ۋاقىتنى سەل- پەل ئۇزارتىپ بەرسىلە، دەپ تەلەپ قىلىدۇ. بەگ بولسا خەلقنىڭ تەلىپىگە قولاق سالماي خەلقلەرنى ھاقارەتلەپ زورلۇق قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ سۆز تالىشپ جىدەللىشىدۇ. نەتىجىدە ئاقتۇرسۇن موللام باش بۇلۇپ بەگنى باغلاپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋال ماخۇسەنگە ئاڭلانغاندا، بۇ يەرگىمۇ ئەسكەر چىقىرىپ 130 ئائىلىگە ئىگە قاراڭغۇ تاغ كەنتىدە ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئاقتۇرسۇن موللا قاتارلىق يەتتە كىشىنى تۇتۇپ خوتەنگە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئادەملەرنى ھازىرقى خۇڭشىڭ كۇلۇبى ئورنىدىكى كونا مال بازىرى دېگەن مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. مەزكۇر يەتتە ئادەمنىڭ كېيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلاپ قولىنى ئارقىغا باغلاپ جازا مەيدانىغا كەلتۈرۈپ يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسى چاقپەلەك شەكلىدە داغلانغان بۇلۇپ، تۆمۈرنى قىززىتىپ ياققان ئۇرۇنلار قاراداپ كەتكەن. بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم، قاراڭغۇ تاغ ۋەقەسىمۇ ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك ئاياغلاشقانىدى.

 

10. ماخۇسەن قوشۇنىنىڭ خوتەن خەلقىگە سالغان ئاخىرقى

زوراۋانلىقى ھەم مەغلۇبىيىتى

 

     1937- يىل 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەن ئاسمىنىدا ئۈچ دانە ئايروپىلان پەيدا بولدى. بۇ ئايروپىلانلار بىر ئاز پەسلەپ ئۇچۇپ، شەھەر ئەتراپىنى بىر قانچە قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، يەنە يۇقۇرى ئۆرلەپ، ماخۇسەن قوشۇنلىرى جايلاشقان ئورۇنلارغا بىر قانچە بومبا تاشلاپ كېتىپ قالدى. شۇ نۆۋەتتە يەنە بىرمۇنچە تەشۋىق ۋاراقلىرىمۇ تاشلىغانىدى. تەشۋىق ۋاراقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرچە بۇلۇپ، مەزمۇنى: ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنى ئۆيۈڭلەردە ساقلىماڭلار، نەرسە- كېرەك بەرمەڭلار ۋە ساتماڭلار، ئۇلارنى يوشۇرغان ۋە ئوزۇق تۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن ۋە يول كۆرسىتىپ ياردەملەشكەنلەرنى جازالايمىز، پاش قىلىپ تۇتۇپ بەرگەنلەرنى مۇكاپاتلايمىز، دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ تەشۋىق ۋاراقلىرى دوبەن شىڭ شىسەي، رەئىس خوجىنىياز ھاجى دېگەن نام بىلەن يېزىلغانىدى. ماخۇسەن قوشۇنلىرى ئۆزىنىڭ ئەجىلى توشۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ خۇددى غالجىر ئىتتەك قېچىشقا باشلىدى. بىز شۇ ۋاقىتتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتۇق، ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ئائىلىمىزگە تارقاپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلىپ ئۆزلىرى قېچىپ كېتىشتى. مەن بىر نەچچە تەشۋىق ۋاراقلىرىنى تېپىۋېلىپ ئوقۇپ تۇرسام سۈۋەيىن دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى كاچات بىلەن بىرنى ئۇرۇپ تەشۋىق ۋارىقىنى تارتىۋالدى. قولۇمدا قېپ قالغان ۋاراقنىڭ بىر قىسمىنى ئاتا- ئانامغا ئوقۇپ بەردىم. ئۇلار ھاياجانلىنىپ كۆز يېشى تۆكۈپ، بۇ ئەبلەخلەر يوقىلىدىغان كۈنلەرمۇ بولىدىكەن، گۆشىنى چۆللەردە قاغا- قۇزغۇنلار يېسۇن! دېيىشتى. بۇ سۆز پۈتۈن خوتەن خەلقىنىڭ كېچە- كۈندۈز ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان نەپرەت سۆزلىرى ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ ماخۇسەن ئەسكەرلىرى يېڭىشەھەرگە ئوت قويىدىكەن دەيدىغان گەپ تارقالدى. ئارىدىن ئانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا يېڭىشەھەر ھاۋا بوشلۇقىدا ئوت يالقۇنلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىدارە، جەمئىيەت ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان، سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرى، ئاشپۇزۇل- ناۋايخانىلار زىچ جايلاشقان، ئۆز زامانىسىدا ناھايىتى چىرايلىق رەتلىك رەستە كوچىلىرى بولغان يېڭىشەھەر ئىچى ئۈچ كېچە- كۈندۈز توختىماي كۆيدى. پەقەت ئەتراپتىكى سېپىل تامدىن باشقا ھېچ نەرسە قالماي تۈپتۈز بىر قاقاسلىققا ئايلاندى. شەرقىي- شىمال تەرىپىدىكى ئاشلىق ساڭ كۆيمەي ساق قالدى. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا باشقا ئۆي ئىمارەتلەرگە تۇتاش بولمىغانلىقى سەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مەھەممەت شېرىپ مۇپتى، ھوشۇرنىياز مۇپتى ئاخۇنۇم قاتارلىق بىر نەچچە يۇرت ئاخۇنلىرى شەرقىي تۆمۈر دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئاممىغا:«ئاشلىققا تەگمەڭلار، ئاشلىقنى ساقلاپ قالايلى، بىز سىلەرگە دۇئا قىلىپ رەھمەت ئوقۇيلى. چۈنكى كېلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئەسكەرلىرى بار، ئۇلارغىمۇ ئاشلىق كېرەك، ساڭغا يېقىن ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ ئاشلىقنى مۇھاپىزەت قىلايلى» دەپ نەسىھەت قىلدى. مەھەممەت رەجەپ، ۋاڭ شىن زى قاتارلىق بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلار قۇلىمىزغا ئالا كالتەك تۇتۇپ، ئاخۇنۇملارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي ئاشلىقنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلغانلارنى توسۇپ تۇردۇق. خەلقلەرمۇ بۇ ئىشتىن رازى بۇلۇشۇپ ساڭغا يېقىنلاشقان ئوتنى ئۆچۈرۈشتى. شۇنداق قىلىپ ئاشلىق ساقلاپ قېلىندى. شەھەردە بىر كېچە- كۈندۈز بولاڭ- تالاڭ بولدى. ماخۇسەننىڭ كارخانىلىرىدىكى مىڭلىغان قول- ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز كارخانىلىرىدىن قولغا چىققاننى ئېلىپ ئۆز مەھەلىلىرىگە قېچىپ تارقاپ كېتىشتى. نەچچە ئاي ھەتتا يىل بويى ئائىلىسىگە بارالماي تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردەك كۈن كەچۈرگەن ھۈنەرۋەنلەر بىراقلا ئازاتلىققا چىقتى. ئوتنىڭ كۈيۈشى ئۈچ كۈن داۋام قىلدى. خەلقنىڭ مال- مۈلىكىنىڭ توشۇپ بۇلالمىغان بىر قىسمى كۈيۈپ كەتتى، ياكى ئولجىغا كەتتى. ماخۇسەن قوشۇنلىرى بولسا، كۈندۈزى يېزا قىشلاقلارغا تارقىلىپ يۇشۇرنىۋېلىپ، كېچىسى پەيدا بۇلۇپ خەلقنى (بايلارنى) بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ ئالتۇن، كۆمۈش، پۇل (مال)، يىپەك قاتارلىق يەڭگىل پۇللۇق (ماللارنى) توپلاپ چەرچەن يولى بىلەن قېچىشقا باشلىدى. دەسلەپكى كېچىدە ھېيتگاھ مەھەلىدىكى ھېيت ئاخۇن تاشچى (قاش تېشى سودىگەر ھەم قول ھۈنەرۋىنى) ھويلىسىدا ئېسىپ قۇيۇپ، ئالتۇن نەدە دەپ قىيناپ، بەرگەنگە قانائەت قىلماي ئېتىپ تاشلىغان پاجىئەلىك ۋەقەنى ئاڭلىغان ئىدىم. ھاللىق تۇرمۇشتىكى ئادەملەر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشقا جايلارغا قېچىپ جان ساقلاشتى. شەھەر بولسا بەش كۈن ھۆكۈمەتسىز قالدى. بۇ چاغدا شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ ئاخۇنلىرى، شەھەرنىڭ بەزى ئىنتىزامىنى، مەسىلەن، لۈكچەكلەرنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ساقلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ شەھەر ئامانلىقىنى ساقلاپ قالدى. ھەر كۈنى خوتەننىڭ ھاۋا بوشلىقىدا ئايروپىلان پەيدا بۇلۇپ، شەرىققە قاراپ ئۇچۇپ ماخۇسەننىڭ قاچقۇن قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، پىلىمۇتقا تۇتۇپ، كەچتە قايتىپ كېلىپ تۇردى. ئون نەچچە كۈن مۇشۇنداق قوغلاپ يۇقۇتىش نەتىجىسىدە ماخۇسەن ھۆكۈمىتى تارمار قىلىندى. يېڭى ھۆكۈمەت كېلىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاخۇنۇملارنىڭ باشچىلىقىدا شەھەر خەلقى ۋە ئوقۇغۇچىلار شورباغ يولىغا قارشى ئالغىلى چىقتۇق. ئالدىدا تانكا قىسىم زەرەھلى ئاپتوموبىل (20 دانە)، ئارقىدىن 40 ئاپتوموبىللىق قىسىم (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورۇس ئەسكەرلەر)، ئاخىرىدا ئاتلىق قىسىم (قىرغىز ئەسكەرلەر) كېلىپ ھازىرقى كوئىنلۇن سۇ ئامبىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قەدىمكى چوڭ مەيدانغا چۈشۈپ چېدىر تىكىپ ئۇرۇنلاشتى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ خوتەن خەلقىگە قىلغان زوراۋانلىقى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-12-01
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مەدەنىيەت - تارىخ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: