ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلەر ھاياتى >> تەپسىلاتى

تاھىربەگ ئەپەندى

 ئەكبەر داۋۇت

 

          1912- يىلى دۆلىتىمىزدە تارىخنى ئۆزگەرتىدىغان مەشھۇر ئىنقىلاب – <<شىنخەي ئىنقىلابى>> پارتلاپ، نەچچە مىڭ يىللىق چىرىك فېئوداللىق خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇڭگو تۇپرىقىدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت دۇنياغا كۆز ئاچتى، جۇمھۇرىيەتكە سۇن جوڭشەن ئەپەندى بۈيۈك رەئىس جۇمھۇرلىققا سايلاندى. تۇنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ زوڭتوڭ سايلىمىدىن ئىبارەت دەل مۇشۇ دەۋر بۆلگۈچ مۇراسىمغا گۇۋاھ بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ سايلامغا قاتناشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ھاياتىنى ۋەتەننى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇش، خەلقنى يورۇق تاڭغا ئېرىشتۈرۈش يولىدا قۇربان قىلغان مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي، جامائەت ئەربابى، ئىنقىلابچى تاھىربەگ ئەپەندىدۇر. بىز بۇ ماقالىمىزدا 20- ئەسىرنىڭ 20-،30- يىللىرى شىنجاڭ زېمىنىدا خۇددى يورۇق يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆتكەن تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ جۇشقۇن ئىنقىلابى ھاياتى ، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ، شۇنداقلا بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك روھى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.

 

چېچەن ئوغۇل

 

            تاھىربەگ ئەپەندى 1878- يىلى نەچچە يۈز يىل دەۋران سۈرگەن شەرقىي چاغاتاي خاندانلىقى ۋە تۇرپان ئىنانچىخانلىقى(تۇرپان ۋاڭلىقى)نىڭ ئاستانىسى بولغان ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى قەدىمىي يۇرت -لۈكچۈن شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھېيتبەگ تۇرپان ئىنانچىخانلىقى تەۋەسىدىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابى، مەرىپەتپەرۋەر، پۇلدار كىشى ئىدى. چېچەن ئۆسكەن تاھىربەگ باي ھەم مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن سىستېمىلىق تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. دەسلەپكى قۇرئان ساۋاتى ۋە ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەينى دەۋردە شەرقىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان، سۇلتان سەئىدىخان، ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قىسسۇرى، موللا زەيدىن، نەمەت خەلپەت قاتارلىق ئەلەمدار، شائىر، سۆز ئۇستىلىرىنى يېتىشتۈرگەن مەرىپەت ئوچىقى – لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىشقا باشلىغان. تاھىربەگ ئاتىسى ھېيتبەگ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاغىلىرىدىن تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ ئوردا بېگى ئامىربەگ، ھېزىبۇللا بەگ ۋە ئانىسى سارە خېنىملارنىڭ ھىمايىسىدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، چىڭ سۇلالىسى شۇ چاغلاردا ئەمەلدار ۋە تىلماچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە لۈكچۈندە ئاچقان <<شۆتاڭ>> دا خەنزۇچە ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغىچە شۇ دەۋردىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىپ ، ئەرەب، پارس، خەنزۇ ، رۇس تىللىرىنى ئۈگۈنۈپ، ئۆز زامانىسىنىڭ زىيالىسىغا ئايلانغان.

 

مەرىپەتلىك سودىگەر

 

          1900- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ياشلىق جاسارىتى تازا ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، تاھىربەگ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن سودا ئىشلىرىغا كىرىشكەن. كېيىنچە تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچى، چۆچەك قاتارلىق تاشقى سودا نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيىنىڭ شەمەي، قازان، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدە پاختا، يۇڭ-تېرە، ھەر خىل يەرلىك مەھسۇلاتلارنى يۆتكەشتىن ئىبارەت چوڭ سودىلارنى قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ رۇسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىيلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان. بىر تەرەپتىن سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭىچە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ماركسىزم، لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئىدىيە جەھەتتە ئالغا باسقان. رۇسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، ئىلىم-پەنگە يۈزلىنىش ئومۇمىي ئېقىمى، كىشىلەرنىڭ مول ۋە قايناق سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرق قاتارلىقلار ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىلغار كۆز قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە، ئۆز يۇرتىنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا ئاساس بولغان.

          شۇ چاغلاردا تاھىربەگ ئەپەندى رۇسىيىدىن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۈرۈمچى، تۇرپاندا ساتقان ھەمدە خېلى ياخشى پايدىغا ئېرىشكەن. ئۇ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سودا تالان-تاراجىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىلغار پەن-تېخنىكىغا، سانائەتلىشىشكە تايانمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىلا، ئاۋام- خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، رۇسىيىگە قىلغان كېيىنكى قېتىملىق سودا يۈرۈشلىرىدە، ئۈسكۈنىلىرى خېلى ئىلغار بولغان پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى كىرگۈزگەن. ئۇ زاۋۇتنى لۈكچۈندە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور مىقداردىكى پايدىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىگە ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. بۇ زاۋۇت تۇرپان ئاستانىدىكى مۇھىتلار جەمەتى قۇرغان پاختا زاۋۇتىدىن كېيىنلا تۇرپاندا قۇرۇلغان زامانىۋى سودا ئابىدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

          تاھىربەگ ئەپەندى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا ، خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، تولغاق ئازابى چېكىۋاتقان، جاھالەتلىك تۈزۈمگە قارشى ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار، جامائەت ئەربابلىرى بىلەن دوستلاشقان، ئىدىيە، پىكىر ئالماشتۇرغان. شۇ چاغلاردا موسۇل مۇھىتى، مەخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ھەيدەر سايرانى، نەمەت خەلپەت قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر قاتلام ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرى ئۇنىڭ دائىملىق مەسلەكداشلىرى بولغان. ھالبۇكى، تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ كىشىلەرنى تەشكىللەش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى رولى بارغانچە مۇھىم بولۇپ قالغان. ئۇ شۇ چاغلاردا كۆپ تىل بىلىدىغان زىيالىي بولۇش سۈپىتى ۋە توشقان بىلىمى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئىجتىمائىي تالانتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان. ئۇ بۇنداق كۆپ تەرەپلىمە تالانتى ، خەلقپەرۋەر روھى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى بىلەن، ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

 

سۇن جوڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش

 

           تاھىربەگنىڭ تازا روناق تاپقان، كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان بۇ نەۋقىران چاغلىرى دەل شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىنى دېموكراتىك ئىنقىلاب ھىدى قاپلىغان ئاچقۇچلۇق دەۋرگە توغرا كەلگەنىدى. جۇڭگودا نەنجىڭ پايتەخت قىلىنغان دېموكراتىك جۇڭگو قۇرۇش ۋە تۇنجى قېتىملىق بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت 1912-يىلى 1-يانۋاردىكى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ئۈچۈن ،شىنجاڭدىن 13 نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخىرى ھەر جەھەتتىن تالانتلىق بولغان تاھىربەگنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، نەنجىڭگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. بۇ چاغدا تاھىربەگنىڭ مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىق مەسلەكداشلىرى بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھازىرقى قالاق ھالىتىنى يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مىللەتنى ئاقارتىشقا ئائىت نۇرغۇن تەلەپ، پىكىرلەرنى تەييارلاپ، تاھىربەگ ئەپەندىنى نەنجىڭگە يولغا سالدى. تاھىربەگ ئەپەندىنىڭ ئىدىيىسى سۇن جوڭشەن رەھبەرلىكىدىكى بۈيۈك دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ كۈرەش ئىدىيىسى، نىشانى بىلەن بىردەك بولغاچقا، ئۇ بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمىغا نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ باردى. بۈيۈك رەئىس جۇمھۇر سايلىمى جەريانىدا، جوڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ پىشىۋاسى سۇن جوڭشەن ئەپەندى تاھىربەگ ئەپەندىنى قوبۇل قىلىپ مەخسۇس سۆھبەتلىشىپ، جۇمھۇرىيەت پروگراممىسىغا پىكىر ئالدى. تاھىربەگ يەنە سۇن جوڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، شىنجاڭدا يەرلىك مۇختارىيىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. شىنجاڭ خەلقىنى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاخىرىدا سۇن جوڭشەن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تاھىربەگنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قويغان تەلەپلىرىنى تېزلىكتە ھەل قىلىش توغرىلىق ۋەدە بەردى. ئەپسۇسكى يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ جوڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمىغانلىقى، مۇتەئەسسىپ فېئودال كۈچلەر بىلەن چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ بىرلىكتە موداخىلە يۈرگۈزۈپ، زور بېسىم پەيدا قىلىشى بىلەن، سۇن جوڭشەن ئەپەندى ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، تاھىربەگ باشچىلىقىدىكى زىيالىيلارنىڭ تەلىپى شۇ پېتى قېپقالدى. تاھىربەگ ئەپەندى ھۆكۈمەتتىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ، <<ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ>> دەپ ساقلاپ ئولتۇرغاندا، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مەسلەكداشلىرى بىلەن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئاقارتىش ھەرىكىتىنى باشلاش قارارىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ، يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بىرنەچچە ئادەمنىڭلا تىرىشىپ- تىرمىشىشىنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كەڭ خەلقنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

 

«تاھىرىيە مەكتىپى»

 

            17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى.

قوپ ئەي ئاداش، ئەتراپىڭغا باق،

باق، نە كۆرەرسەن ؟ ئويلىغىن ئۇزاق.

دەردۇ-ئىبرەتلەر كېلۇر جاھاندىن،

ياۋروپالىقلاردىن ئال ئەمدى ساۋاق .

…..     ….. ……

          دىگەندەك خىتابلار شىنجاڭدىمۇ يامراپ، يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىنىڭ بىخلىرى بوي تارتىشقا باشلىدى. بۇ يېڭىچە مەكتەپ مائارىپ <<ئۇسۇلى جەدىت>> دەپ ئاتالدى. ئۇسۇلى جەدىتنىڭ شەرقتىكى ئەڭ يىرىك ۋەكىلى ۋە تەشەببۇسكارى جامالىدىن ئافغانى (1897-1838) بولۇپ، ئۇ شەرق مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ ئىسلاھات يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.  <<ئۇسۇلى جەدىت>>نىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم تەشەببۇسچىلىرى ۋە باشلامچىلىرى ئاتۇش ۋە ئىلىدا ھۈسەيىن مۇساباي ، باھاۋۇدۇن مۇساباي ، ئابدۇقادىر داموللا، تاش ئاخۇنۇم ئەزىزى ، تۇرپان ئاستانىدا مەخسۇت مۇھىتى، كۇچاردا ھامىد ھاجى قاتارلىقلار ئىدى .

           1913- يىلى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئالاھىدە زور رول ئوينىغان ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىتلار جەمەتىدىن مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات مەخسۇت مۇھىتى تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا <<مەخسۇدىيە مەكتىپى>> نامىدا پەننىي مەكتەپ قۇرۇپ ، تاتارىستاندىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشنى باشلىۋەتكەنىدى. تاھىربەگكە بۇ ئىش زور ئىلھام بېغىشلىغان. ئۇ مۇشۇنداق رېئاللىق ئالدىدا، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلاردىنمۇ بەكرەك ئىلىم-مەرىپەتكە موھتاجلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى . كەسكىن قارارغا كەلگەن راھىربەگ ئەپەندى بىر تەرەپتىن سودا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاقارتىش ، مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلدى . ئۇ 1915-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۇت مۇھىتى رۇسىيىدىن ئېلىپ كەلگەن خەسەن فەھىمى ، مۇھىددىن ئەپەندى ، مۇرات ئەپەندى قاتارلىق تاتار ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، لۈكچۈندە يېڭىچە مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ باردى . تاھىربەگ يېقىن سەبدىشى ۋە ئىشەنچىلىك ئاغىنىسى ھامۇت رېقىپ مەخسۇمنى ئىشقا سېلىپ ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى رېقىپ قازى ئاخۇنۇمنى قايىل قىلىپ ، مەدرىس تالىپلىرىدىن 100 بالىنى يېڭىچە ئوقۇتۇشقا ئاجرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . ئوقۇغۇچىلار 3 سىنىپ قىلىپ تەشكىللەندى ۋە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە رەسمىي ئوقۇش باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن قەدىمىي دىيار لۈكچۈن تۇپرىقىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپنىڭ مەشئىلى يېقىلىپ ، مائارىپ تارىخىدا يېپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى . تاھىربەگ ئەپەندى كەم ئۇچرايدىغان جاسارەتلىك ئادەملەر تىپىدىن بولۇپ ، ئەكسىيەتچى ، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلالايدىغان ، ئەلنىڭ غېمى ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشتىن يانمايدىغان قەيسەر كىشى ئىدى . شۇڭا ئۇ مەكتەپنى دەسلەپتە خانلىق مەدرىستىن ھازىم ھاجى ئىسىملىك تەرەققىيپەرۋەر مۆتىۋەر زاتنىڭ قورۇسىغا يۆتكىدى ، ئاندىن ئۆز قورۇسىغا مەكتەپ سېلىپ ، بۇ مەكتەپكە <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دەپ نام قويدى . بۇ ھال ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن جەدىتلەرچە قىلىنغان پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق ئىدى . چۈنكى ، ئەينى دەۋردە ھەممە ياقنى جاھالەت تۇمانلىرى قاپلىغان ، خۇراپاتلىق ، تەقدىرچىلىك ۋەسۋەسىسى كىشىلەرنىڭ روھىنى كىشەنلەپ ، ئۇ دۇنيانىڭ دوزىخىي كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرغاچقا ، كىشىلەر يېڭىلىققا ئىنتىلىش تۇرماق ، خىيال قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان دەۋر ئىدى .

             تاھىربەگ ئەپەندى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەردى . ھەپتىلىك دەرس سېتكىسى بويىچە 4 سائەتلىك دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى .ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق دەرسى لېكسىيىسى بېرىپ تۇرۇش، مۇنتىزىم تۈزۈمگە ئايلاندى . شۇ چاغدىكى تۈزۈم بويىچە ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك دەرس مەشغۇلات ۋاقتى 6 سائەت ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 5 سائەت قىلىپ بەلگىلەندى . بۇنىڭدىن باشقا ، ھەر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچى دىجورنى بولۇش ، ھەر بىر سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تۈزۈمىمۇ يولغا قويۇلغانىدى . دىجورنى مۇئەللىم خاتىرە تۇتۇپ ، ھەر كۈننىڭ ئاخىرقى سائىتىدە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ، ياخشى-يامان ئەھۋاللار ئۈستىدە ئۇچۇر بېرىپ تۇرغان ، شۇنداقلا قەرەللىك ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى . بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش ۋاقتى ئۈچ يىل بولۇپ ، مەكتەپتە ئانا تىل ، ھېساب ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىلمىي تەجۋىد ، شېئىر ، تەنتەربىيە ، خۇشخەت دەرسلىرى ئۆتۈلگەن . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ، يېڭىلىققا ئوتتەك ئىنتىلىپ تۇرىدىغان دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدە زور ئىلگىرلەش كۆرۈلگەن .  <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشى ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارغا خەت يازدۇرۇپ ، كىتاب ئوقۇتۇپ كۆرۈشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق سۆزلەپ ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىشى مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن . بۇنىڭ بىلەن <<تاھىرىيە مەكتىپى>> نىڭ داڭقى يىراق-يېقىنغا تارقالغان . بۇ مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيگەن . تاھىربەگ يەنە تۇرپان ئاستانىدىن ھەيدەر سايرانى ، شاھى شەرىف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن . بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ ، ئوقۇغۇچىلار سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيگەن .

           1920- يىلىغا كەلگەندە ، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار  <<تاھىرىيە مەكتىپى>> دە ئوقۇش ئۈچۈن كېتىپ قالغاچقا، بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ موللاملار ئوردا قازىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بەزى ئىماملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،  <<تاھىرىيە مەكتىپى بالىلىرىمىزنى جەدىت قىلىۋەتتى ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار ئۇ دۇنياغا ئىمانسىز كېتىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ يەردىن قوغلاش كېرەك >> دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ ، پەننىي بىلىمنىڭ تارقىلىشىغا قۇلايسىز شارائىت پەيدا قىلغان . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇلار بىر مەسچىتتىكى نادان كىشىلەرنى تەشكىللەپ ، قوللىرىغا تاياق-توقماقلارنى تۇتقۇزۇپ ،مەكتەپكە باستۇرۇپ كەلگەن . بۇ چاغدا تاھىربەگ ئەپەندى زۇلمەتلىك قەلبلەرنى يورۇتقۇچى بۇ گۈلخاننىڭ ئۆچۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ھەيدەر سايرانىنى يوشۇرۇنچە يولغا سېلىۋېتىپ ، قىلچە ئىككىلەنمەي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ، مەكتەپكە باستۇرۇپ كەلگەنلەرنى توسقان ۋە غەزەپ بىلەن <<بۇ مەكتەپنى ئاچقان مەن ، قېنى ، ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىدىغان ئىش بولسا ، مېنى ئۇرۇڭلار  !>> دېگەن . تاھىربەگنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرۇشى ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلەرگە ئالدىنىپ كېلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ، قارا نىيەتلەر ئامالسىز قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . شۇنداقتىمۇ بۇ جاھىللار قارا قولىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۇنۇپ ، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى مەدرىسكە قايتۇرۇپ كەتكەن . مەدرىسكە قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار رېقىپ قازى ئاخۇنۇمنىڭ تەكلىپى بويىچە ، ئۆز سىنىپلىرىنى ئاساس قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە يىغىلىدىغان ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار قايسى ئۆيگە يىغىلغان بولسا ، شۇ ئۆيگە بېرىپ دەرس ئۆتىدىغان بولغان . ئوقۇتقۇچىلار شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىغا ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بولغان مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، تارقاق ھالەتكە كۆچكەن ۋە ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي دەرسلەرنى داۋاملىق ئۆتكەن . كىشىلەر ئەمەلىيەتنى كۆرۈش ئارقىلىق ، بارا-بارا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولغان ، بەلكى قارشى تۇرغان . بۇ مەكتەپ كېيىنچە قىز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلغان .  <<تاھىرىيە مەكتىپى>>نىڭ تۈرتكىسىدە ، پەننىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان . 1923-يىلى گۈلبەگ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ ئېچىلغان . 1928-يىلى يەنە ھازىم ھاجىنىڭ قورۇسىدا يېڭى مەكتەپ ئېچىلغان . <<تاھىرىيە مەكتىپى>> ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى تۈپەيلىدىن 1930-يىلى تاقىلىپ قالغان . 15 يىلدا مەكتەپ خەلقىمىز ئۈچۈن 400گە يېقىن ئىدىيىسى يېڭى مائارىپ بىلەن قوراللانغان بىلىم ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن . دېمەك ، تاھىربەگ ئەپەندى پىچان تارىخىدا تۇنجى مەرىپەت مەشئىلىنى ياققان جەسۇر ، قەھرىمان ئوغلان بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.

 

ھارارەتلىك مەشئەل

  

          خوجىنىياز ھاجى 1934-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ، پىچان ناھىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يېقىن سەبدىشى ۋە قابىل ياردەمچىسى تاھىربەگ ئەپەندىنى 1935-يىلى پىچان ناھىيىسىگە ھاكىملىققا تەيىنلىدى . تاھىربەگ ئەپەندى پىچانغا ھاكىم بولغان قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ، ئاقارتىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى . ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە پىچان ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ، لۈكچۈندە بىۋاسىتە تارماق ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى . ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ، مائارىپ ، ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ، مەكتەپ ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ، مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى . بۇنىڭ بىلەن پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدە پەننىي مەكتەپلەر ۋە بۇ مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى . پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدىسىگە ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 5 سانتىمېتىر كېلىدىغان سېرىق رەختكە «ئۇيغۇر بالىسى» دېگەن خەت يېزىلغان بەلگە چاپلانغانىدى . بۇنداق بولمىغاندا ، مەيدىسىگە بەلگە چاپلانغان بالىلار باشقا بالىلارغا  قارىغاندا ئەركىنرەك يۈرەتتى . بىرەر مەھەللىگە بېرىپ قالغۇدەك بولسا ، باشقىلار ئۇلاردىن ئەيمىنەتتى . ئۇندىن باشقا بۇ بالىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلار يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھاشارغا ھەيدىشىدن ئەندىشە قىلاتتى.

          ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى يەنە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ كىيىمىنىڭ بىر خىل بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەنىدى . شۇ چاغدا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم -كىچىكى كۆك ، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوپتىسى قىزىل ، يوپكىسى كۆك ئىدى . پىچان ناھىيىسى بويىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئانا تىل ، ھېساب ، تارىخ ، جۇغراپىيە ،ھۆسنخەت ، تەنتەربىيە ، شېئىر دەرسلىرىنى ئوقۇتۇش بىرلىككە كەلگەن . ئەينى دەۋردە ئوقۇتۇش تۈزۈمىمۇ رەتكە سېلىنىپ ، خېلىلا مۇكەممەللەشكەن.

          ئاتۇش ئېكساقتا باشلانغان ، كېيىنكى دەۋرلەردە تۇرپاندىكى «مەخسۇدىيە» ۋە «تاھىرىيە» مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بويىچە، ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىپ تۆت دەرىجە بويىچە ئايرىلاتتى . مەسىلەن : 1-دەرىجىلىكلەر «ئەلىيۇلئەلا» ، 2-دەرىجىلىكلەر «ئەلا» ، ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر «ئەۋسات» ، ئۆتەلمەي قالغانلار «ئەدنال» دەپ ئاتىلاتتى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىلىرى پۈتۈن ئاھالىلەر قاتناشقان ھالدا قىزغىن ھەم داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى . ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 4 دەرىجە مۇكاپات بىلەن قەدىرلىنەتتى . مەسىلەن : 1-دەرىجىلىكلەرگە تەخسىمنامە ، 2-دەرىجىلىكلەرگە ئاپىرىننامە ، 3-دەرىجىلىكلەرگە تەقدىرنامە ، 4-دەرىجىلىكلەرگە شاھادەتنامە تارقىتىلىپ بېرىلەتتى . ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12- ، 13-، 14 -كۈنلىرىنى پائالىيەت كۈنى قىلىپ بېكىتىپ ، پۈتۈن ناھىيىدىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە بازىرىغا يىغىپ ، ئەدەبىيات -سەنئەت ، نۇتۇق سۆزلەش ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان . يىغىلىشتا ياخشى مەكتەپ ، ياخشى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلەنگەن .

             شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى «سانايى نەپىسە » تەشكىللەپ، ھەرقايسى يېزا-كەنت ، مەھەللىلەردە تالاي قېتىم «شاڭخەي كېچىسى» ، «قانلىق لۇگۇچياۋ»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» ، «گۈل ئاچىل» ، «زەينەپكە تۆھمەت»، «ئۆگەي ئانا» ، «ئۆلۈك ساتتى»، «ئۆرگىلەي پەلەك» قاتارلىق دىرامما، كومېدىيە، ناخشا-ئۇسۇللارنى ئويناپ خەلقنى ئويغاتتى. بەزى ئويۇن مەيدانلىرىدا ئويۇن كۆرگۈچىلەر ھەتتا نەچچە مىڭ كىشىگە يەتتى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندا، تەسىرلەنگەن ئامما ئۇيۇشمىلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن پۇل، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى مەردلەرچە ئىئانە قىلدى. بۇ ئىئانىلەرنىڭ بىر قىسمى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيۇشمىلار، سانايى نەپىسە ۋە مەكتەپلەرنىڭ خىراجىتى قىلىندى . يەنە بىر قىسمى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ياردەم قىلىندى. دېمەك، مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش كەڭ خەلقنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھمىيەتلىك ھەرىكەتكە ئايلاندى. پىچان ناھىيىسىدە مانا مۇشۇنداق قويۇق ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىي ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، ھاكىم بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تاھىربەگ كېچە-كۈندۈز دېمەي جاپالىق ئىشلەپ ، ھېسابسىز قان تەر ئاققۇزدى. ئۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ھەق-ناھەق مەسىلىسىگە سەزگۈر بولۇپ، ھەرۋاقىت ئامما تەرەپتە تۇرۇپ ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدلى-ئادالەتلىك ھاكىم ئىكەنلىكىنى ئاممىغا تونۇتتى.

          ئىككى يۈزلىمىچى جاللات شېڭ شىسەي بىر مەزگىل گۈللەنگەن مىللىي مائارىپ ئىشلىرى، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى، سانايى نەپىسە، ئەدەبىيات -سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىگە بارغانچە تەھدىت شەكىللەندۈرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى يوشۇرۇن ئېقىم پەيدا قىلدى. كىم باش كۆتۈرگەن بولسا ، شۇنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشتى . شۇلارنىڭ قاتارىدا تاھىربەگنىمۇ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتتى.

             1936- يىلى تاھىربەگ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار نازىرى بولدى. 1937-يىلى كۈزدە تاھىربەگ ئىنقىلاب پېشۋاسى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى . 1938-يىلى 2-ئايدا خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە پاجىئەلىك ھالدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: