ئالىم بىز بلوگى

دىنلار ئىناقلىقى دىن خىزمىتىدىكى يېڭى مەنزىل

            ئېلىمىز كۆپ دىنلىق دۆلەت، دىن ئېلىمىزدە كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا، مۇھىم ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيەمىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مۇناسىۋەتلەر قاتارىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ساقلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ماركسىزملىق دىن قارىشىنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان، دەۋرلەشتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىسى، شۇنداقلا دىن مەسىلىسىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىدۇر.

 

   دىنلار ئىناقلىقى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپى

  

           نۇقتىئىنەزەر يېتەكچىلىكى: دىننىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، دىنىي ئىلاھىيەت ھاكىم مۇتلەقلىقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھەم دىنلار ئىناقلىقىغا ئۆتۈپ، دىن تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى نامايان قىلدى. دىنلار ئىناقلىقى دىنلارنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئېنىق نىشانغا ئىگە قىلىپ، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى دىنىي زىددىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلارنى تۈگىتىشكە يېڭى مەنزىل كۆرسىتىپ بەردى.

             ھازىرقى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولسىمۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر ئۆزگىرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ھېلىمۇ مەۋجۈت،زىددىيەتلەر كەسكىن. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى، سىياسىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى جەريانىدا، دىننىڭ تەسىرى ۋە رولى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. دىن ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ياكى دىن ئامىلى بولغان زىددىيەت ۋە ماجىرالار ئۈزۈلمەي سادىر بولۇۋاتىدۇ.مۇشۇنداق شارائىتتا خەلقئارا جەمئىيەت قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، دىنىي تالاش – تارتىش، دىنىي توقۇنۇشنى تۈگىتىپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشى كېرەك.

             ھازىر ئېلىمىزنىڭ دىن ساھەسىدە ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، ئەمما ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار سىجىل ئاشتى، دىننىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، دىنغا چېتىلىدىغان زىددىيەتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەر بىزدىن ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا دىن مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دىننى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

             دىنلار ئىناقلىقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئالدىنقى شەرت ، دىنلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مۇھىم يول قىلىدۇ. بۇ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىلدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە يۈكسىلىشىدۇر. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن دىنلار ئىناقلىقىنى تەشەببۇس قىلىشقا ئۆتۈش دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي تەرەققىياتنى نامايان قىلدى. دىنلار ئىناقلىقى دىنلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى توغرا تەسەۋۋۇر ۋە ئېنىق نىشانغا ئىگە قىلىپ، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى دىنىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 

   دىنلار ئىناقلىقى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزمۇنى

 

            نۇقتىئىنەزەر يېتەكچىلىكى: دىنلار ئىناقلىقى دىنلارنىڭ كۆپ خىللىقى، باراۋەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئاساسىدا بارلىق شەيئىلەرنىڭ تەڭ يېتىلىپ، بىر – بىرىگە زەخمەت يەتكۈزمەسلىكنى، بىر – بىرىگە ھەسەت قىلماسلىقنى نىشان قىلىپ، كۆپ مەنبەلىكلەر بىرلىكتە ياشاش، ئىناق بولسىمۇ ئوخشىماسلىقلارنى ساقلاپ قېلىش، ئېسىل خىسلەت يېتىلدۈرۈپ بىر – بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان ئىناق ھالەت بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

             دىنلار ئىناقلىقى تۆت قاتلامنى، يەنى دىنلارنىڭ ئىچكى ئىناقلىقى، دىنلار ئارا ئىناقلىق، دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە سىياسى بىلەن دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

             دىنلارنىڭ ئىچكى ئىناقلىقى ئالدىنقى شەرت. دىنلارنىڭ ئىچكى ئىناقلىقى بولمىسا، دىنلار ئىناقلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. دىنلار ئىناقلىقى دىن قائىدىلىرى تەپەككۇرىدىكى ئىناقلىق ئەقىدىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى، دىنلاردىكى قائىدە، ئەمىر – مەرۇپ، دىنىي پەرھىزلەرنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى، دىنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى، دىننى جەمئىيەتتىكى ئىناقلىق ئامىلىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

             دىنلار ئارا ئىناقلىق ئاساس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، دىنلار ئارا ئىناقلىق بولمىسا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى، جەمئىيەت ۋە دۇنيانىڭ ئىناقلىقى بولمايدۇ. ئوخشىمىغان دىنلار بىر – بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، بىر – بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، ئوخشىمىغان دىنىي مەدەنىيەتلەر باراۋەر ئۇچرىشىشى، دىنلار ئارا كۆپ مەنبەلىك مەۋجۇتلۇق، ئىناق بىللە تۇرۇش ۋەزىيىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

             دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى تۈپ ئىناقلىق. دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى بولمىسا، دىننىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماي، جەمئىيەتتىمۇ ئەمىنلىك بولمايدۇ. شۇڭا دىن جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى، جەمئىيەتكە سىڭىشى، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولىدىغان ئىجابىي ئامىلغا ئايلىنىشى كېرەك؛ دىنىي پائالىيەتتە ئىناقلىق ئەقىدىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، دىنىي ئەقىدىلەر سىياسەت، قانۇن – پەرمانلارغا ئۇيغۇن كېلىشى، ئىجتىمائىي تەرتىپ، ئېسىل ئۆرپ – ئادەتكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىن تەرەققىياتىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىپ، دەۋرنىڭ يېڭى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.

             سىياسىي بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى ئاچقۇچ. دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ قاتلاملىرىدا سىياسىي بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ مۇھىم، ئۇ دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي بىلەن دىننىڭ ئىناقلىقى بولمىسا، دىنلار ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

 

  دىنلار ئىناقلىقى دىن خىزمىتىنىڭ يېڭى نىشانى

 

            نۇقتىئىنەزەر يېتەكچىلىكى: دىنىي ساھەدىكىلەر دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ھەققانىي دىنىي ئېتىقادنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىنىي توقۇنۇشلارنى تۈگىتىپ، دىنلار ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

             بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىن مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹دىنىي ئىشلار نىزامى››نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئوبدان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ،پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىش سورۇنى ھازىرلاپ، دىنلار ئىناقلىقىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دىننىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىشمىز كېرەك.

             دىنىي ساھەدىكىلەر دەۋر ئېقىمىغا پائال ماسلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ھەرىكىتى، ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى، ئىناق مەسجىت، ئىبادەتخانا، چېركاۋ قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەققانىي دىنىي ئېتىقادنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىنىي توقۇنۇشلارنى تۈگىتىپ، دىنلار ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھازىر تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئالاھىدە تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ:

             دىنىي تەلۋىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىنىي ئەسەبىيلىك ئەۋج ئېلىپ، شۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ھەم دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئېلىمىزدىكى دىنلار دىنىي ئەقىدىلىرىدىكى رەھىمدىللىك، ئالىيجانابلىق ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

             دىندىن پايدىلىنىپ رەزىل مەقسەتكە يېتىشكە قارشى تۇرۇش كېرەك. غەرب ئەللىرى رېژىسسورلۇق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى خەلقئارا دىنىي پائالىيەتلەردە، دىن ‹‹ئىنسانىي ھوقۇق››، ‹‹دېموكراتىيە›› گە ئوخشاش ‹‹سىياسىينىڭ توغرا بولۇشى››غا ۋە ‹‹دۇنياۋى قىممەت››كە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغادەك قىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا دىن بايرىقى كۆتۈرۈپ چىقىلسىلا، ھېسداشلىققا، توغرا چۈشىنىشكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ. يامان غەرەزدىكى بەزى تەشكىلات ۋە شەخسلەر دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، دىن نامى بىلەن رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دىنىي ساھەسىدىكىلەر ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېتىقادنىڭ ساپلىقىنى ساقلىشى، دىن نامىنى سۈيىئىستېمال قىلىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ رەزىل مەقسەتكە يېتىشىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك.

             دىنلارنىڭ پىكىرلىشىشى ۋە ئالاقە ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىنلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، دىنلار ئارا تالاش – تارتىشنى تۈگىتىش ساداسى ئۇلغىيىۋاتىدۇ. ئېلىمىزدە دىنلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ، مەدەت بېرىشىگە تايىنىشقا، شۇنداقلا ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ پائال ھەمكارلىشىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭدا دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ تىرىشىشى تېخمۇ مۇھىم. سىياسىي، دىن، مائارىپ ساھەسىدىكىلەر بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشسىلا، دىنلار ئارا ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

             ھازىر ئىنسانلار جەمئىيىتى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىگە دۇچ كەلدى. دىن ساھەسىدىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇھىت ئاسراش، ئۇرۇشقا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوغدىشى كېرەك. ئېلىمىزنىڭ دىنىي ساھەسىدىكىلەر مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىق – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش، خالىسانە داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش جەھەتلەردە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: دىنلار ئىناقلىقى دىن خىزمىتىدىكى يېڭى مەنزىل

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: