ئالىم بىز بلوگى

شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى

              شىنجاڭ ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگىنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. دېڭىز قاتنىشى پەيدا بۇلىشتىن بۇرۇن شەرىق بىلەن غەرىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە بېرىپ- كىلىشلەرنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يىپەك يۇلى ئارقىلىق بولغان. يىپەك يۇلى غەرىپ بىلەن شەرىق ئۇتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۇمۇرى ۋە سودا يۇلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە غەرىپ بىلەن شەرىق ئوتتۇرىسىدىكى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىش يۇلىغا ئايلانغان. ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم مەدىنىيەت ھادىسلىرىدىن بىرى بولغان دىن قەدىمدىنلا يىپەك يۇلىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە ۋە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ئۆز-ئارا تارقالغان. يىپەك يۇلىنىڭ تۈگىنى بولغان شىنجاڭ تەبىئى ھالدا شەرىق ۋە غەرىپ دىنلىرىنىڭ تارقىلىدىغان ۋە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان جايى بۇلۇپ قالغان.

              شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇيۇملىرىدىن مەلۇم بۇلىشىچە تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ غەرىق ۋە غەرىپتە گۈللىنىشكە باشلىغان بەزى دىنلار يىپىك يۇلىنى بويلاپ ئۈزلىكسىز تۈردە شىنجاڭغا تارقالغان. سىرىتتىن كىرگەن بۇ دىنلار شىنجاڭنىڭ ئۈزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىپتىدائى دىنلار بىلەن بىرگە كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەدىرىجى شەكىللەندۈرگەن. ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ۋە ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. بەزى دىنلار ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ بېسىمى بىلەن يۇقالغان، بەزى دىنلار ھۈكۈمران سىنىپلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا گۈللەنگەن. ئەسلىدە بار بولغان دىنلار يۇقۇلۇپ، يېڭى دىنلار تارقىلىشقا باشلىغان. مەيلى قايسى خىلدىكى دىننىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە يۇقىلىشى، ئورنىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىنەزەر شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ھازىرغىچىلىك ساقلىنىپ كەلماكتە. ئىلگىرىكىسىنى قۇيۇپ تۇرايلى، ھازىرقىسىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ھازىر شىنجاڭدا  ئاساسلىقى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى (تىبەت بۇددا دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىق 6 خىل دىن بار. شامان دىنىنىڭ بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا ھېلىھەم خېلى كۈچلۈك تەسىرى بار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-05-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مىللەت - دىن
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: