ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> ئۇنىۋېرسال يازمىلار >> تەپسىلاتى

غايە چوقۇم يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك

جۇ ۋېنخوڭ

     مۇنداق بىر خەۋەر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى: مەلۇم جايدا بالىلار باغچىسىدىكى بىر قىزنىڭ غايىسى ‹‹پارىخور ئەمەلدار›› بولۇش ئىكەن. ‹‹بالىلار نېمىنى دېمەيدۇ›› دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ سۆزگە چوڭقۇر قاتلامدىن دىققەت قىلساق، بۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە غايىنىڭ چاكىنىلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك بۇ ئىش يۈكسەك دىققەت قوزغىماي ۋە كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە!

     غايە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ، دۆلەتنىڭ ھەم جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان تەسەۋۋۇرى ۋە ئارزۇسىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، غايە كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ. غايە تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ھەم تۇرمۇشتىن ھالقىيدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىنى، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇ چوقۇم يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. قانداق دەۋر، قانداق ئىجتىمائىي شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۈكسەك غايە ھامان كىشىلەرنى تىرىشىپ ئالغا بېسىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچتۇر. غايىسىنى يوقاتقان ئادەم مەنىۋى يۆلەنچۈكىدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ غايىسىنى يوقاتقان دۆلەت، مىللەت ۋە پارتىيە مەنىۋى تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كوممۇنىستلاردا يۈكسەك غايە بولۇش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ. دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹بۇنداق چوڭ دۆلەتنى قانداق ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قانداق تەشكىللەش كېرەك؟ بىرىنچىدىن، غايىگە، ئىككىنچىدىن، ئىنتىزامغا تايىنىش كېرەك›› دېگەن ئىدى. تارىخقا نەزەر سالساق شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، پارتىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ ‹‹دۆلەتنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش››تەك يۈكسەك غايىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك ئۇلۇغ روھقا ئايلاندۇرالىغانلىقىدا. مۇشۇنداق غايە ۋە روھ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلار زۇلمەت ئىچىدە يورۇقلۇقنى كۆرۈپ، ئەگرى – توقاي يوللاردا توغرا يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، قانلىق ھەم ھايات – ماماتلىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، قاتمۇ قات مۇشەققەتلەرنى يەڭگەن.

     غايە كونكرېت بولىدۇ، غايىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئادەمگە باغلىق بولىدۇ. ئەمما قانداق غايە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى بولمىسا، تېگىشلىك قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. مەسىلەن: شۆھرەتكە، راھەت – پاراغەتكە ئىنتىلىش نىشان ياكى ‹‹غايە›› قىلىنسا، خۇددى ئېينىشتىيىن ئېيتقاندەك، بۇ ‹‹ئېغىلدىكى غايە›› بولىدۇ، خالاس. بۇنداق ‹‹غايە››كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىدىن، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن چەتنىگەن چاكىنا، زىيانلىق غايە بولىدۇ. بۇنداق غايىدىكى كىشىلەر ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، ھايات – ماماتلىق سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئىنقىلابىي جاسارىتىنى يوقىتىپ، قاچقۇن، ئاسىي بولغان؛ تىنچلىق دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە، مەنپەئەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، پارىخورلۇق ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، يۆنىلىشتىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان. بۇلار نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.

     شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا، نىشانىمىز خەلققە بەخت يارىتىش. كوممۇنىستلار ماددىي مەنپەئەتكە بېرىلمەيدۇ. ھازىرقى دەۋردە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقى ۋە غايىسى بولىدۇ. بىراق غايە بىر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ بولۇش سۈپىتىدە ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت بىلەن ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا غايە رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك. شەخسلەرنىڭ غايىسىمۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىنىشى كېرەك. تار، يۈكسەكلىكى بولمىغان غايە ئۆزى ئۈچۈنلا پىلان تۈزۈش بولۇپ، ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ پايدىسىز. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەردە راھەت – پاراغەتكە، نام – مەنپەئەتكە بېرىلىش، ھەتتا پايدىغىلا ئىنتىلىپ، ‹‹پارىخور ئەمەلدار›› بولۇشتەك غايە چاكىنىلىقى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق خاھىش يامراپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ روھى، ئىرادىسى ۋە ئېتىقادى چىرىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا تەسىر يېتىدۇ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا زىيان يېتىدۇ.

     جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسى. بۇ غايە سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى باشلامچى قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەتنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئەتكە، دۆلەت مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشىدەك قىممەت ئىدىيەسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ كونكرېت غايىسى مول ھەم رەڭگارەڭ بولىدۇ، ئەمما بۇ قىممەت ئىدىيەسىدىن چەتنەپ كەتسە بولمايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ‹‹جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش››، ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش››، ‹‹مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۆھپە قوشۇشقا ئىنتىلىش›› قارىشى ۋە ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مەنىۋى تۈۋرۈكنى مۇستەھكەملەپ، غەيرەت – شىجائەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش مۇساپىسىدە ئۆز غايىسىنى رېئاللاشتۇرۇپ ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: