ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئالتۇننىڭ تەرەققىيات تارىخى

ئالتۇننىڭ تەرەققىيات تارىخى

2011-05-31 4:51     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مۇھەممەد تۇراپ       ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئەمىنىيە دەۋرىدىكى ‹‹گۇەنزى›› ناملىق ئەسەردە ئالتۇندىن پىچاق شەكلىدىكى پۇل ياسالغانلىقى ، خەلقنىڭ بۇنى پۇل دەپ ئاتىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئالتۇن رەت ....

مۇھەممەد تۇراپ

      ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئەمىنىيە دەۋرىدىكى ‹‹گۇەنزى›› ناملىق ئەسەردە ئالتۇندىن پىچاق شەكلىدىكى پۇل ياسالغانلىقى ، خەلقنىڭ بۇنى پۇل دەپ ئاتىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئالتۇن رەت تەرتىپى جەھەتتە قاشتېشىنىڭ كەينىدە تۇرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك پۇللارنىڭ بىرىدۇر. ئېلىمىز مېتال پۇلنى كەڭ كۆلەمدە قۇيغان ۋە ئىشلەتكەن دۆلەت بولۇپ، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 475-يىللاردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 221-يىللارغىچە) تاۋار ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ھەم ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق ئۈچ خىل مېتالدىن پۇل قۇيۇشى ۋە تارقىتىشىغا سەۋەبچى بولغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە مىستىن قۇيۇلغان چۈمۈلە بۇرنىسىمان پۇل، كۈمۈشتىن قۇيۇلغان گۈرجەك شەكىللىك پۇل، ئالتۇندىن قۇيۇلغان پۇللار كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىنغان. ئالتۇن پۇل چۇ بەگلىكى (ئەينى زاماندىكى بىر كىچىكبەگلىك) نىڭ ئاساسلىق پۇل شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا چۇ بەگلىكىنىڭ ئالتۇن پۇللىرى جازانە ئالتۇن، تاختا ئالتۇن، ئالتۇن تاختاي، قاتلىما ئالتۇن دەپ ئاتالغان. چۇ بەگلىكىنىڭ ئالتۇن پۇللىرى ئېلىمىزدە بايقالغان ۋە خاتىرىلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى ئالتۇن پۇللار بولۇپ، قېزىۋېلىنغان ئالتۇن پۇللار ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. چۇ بەگلىگىنىڭ ئالتۇن پۇللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغاندىن سىرت مۇتلەق كۆپ قىسمى گەمىدە ساقلىغان بايلىقلاردىن كەلگەن.ئارخېئولوگىيەلىك ھۆججەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالتۇننىڭ ئوبوروت قىلىنىشى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى بىلەن چەكلەنگەن ھەمدە خەلقئارالىق زىيارەتلەردە، تۆرىلەر مەسلىھەتۋازلىق قىلغاندا، پادىشاھلار تۆھپە ياراتقانلارنى تارتۇقلىغاندا، چوڭ سوممىلىق سودا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلگەن.چۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنى مول ئالتۇن بايلىقىغا تولغان بولغاچقا، ئېلىمىزدە ئەڭ بۇرۇن چۇ بەگلىكىدە ئالتۇندىن پايدىلىنىپ پۇل قۇيۇلغان.

     ئېلىمىزدىن باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇندىن پايدىلىنىپ پۇل قۇيغانلىقىغا ئائىت تارىخىي تېخىمۇ ئۇزۇن. مىسىردىكى 13-سۇلالە دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1500-يىل) دەۋرىدە ئالتۇن بايلىق ئىنئام قىلىشتىكى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىپ، پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئالتۇندىن پۇل قۇيۇش قەدىمكى يۇناندىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ سودا مۇئامىلىسىدىكى راسچوت ۋاستىسى قىلىنىپ، سودا بانكىلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە راسچوت ئۇسۇلىغا ئايلانغان. 14-ۋە 15-ئەسىرلەردە دېڭىز سەپىرىدە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئالتۇنلارنىڭ زور تۈركۈمدە ياۋرۇپا قىتئەسىگە توشۇلۇپ، ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى خەلقئارا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايقالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى دەسلەپكى پۇل ماتېرىيالى زاپىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

     19- ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى ۋە باشقا رايونلاردىكى ئالتۇن گىيولوگىيە بايلىقلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تارىختا يۇقىرى سۈرئەتتە سىجىل يۈكسىلىپ، ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئېشىپ، ئالتۇن رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ۋە دۆلەت ئىچى سودا راسچوتىنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىلىدىغان پۇل قىلىنغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە قەدىمكى يۇنان ۋە قەدىمكى پىرىسىيەدە ئالتۇن پۇل قۇيۇلغان بولۇپ، ئالتۇندىن قۇيۇلغان پۇللار شۇندىن ئېتىبارەن ياۋرۇپا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئوبوروت قىلىنغان.

     ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئورنىتىلغانلىقى تېخى يېقىنقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئىش.1861-يىلى ئەنگلىيە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنىڭ قانۇن-پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، پۇلنى ئۆلچەم قىلغان يەككە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى ئورناتقان. 1878-يىل فىرانسىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، كۈمۈش پۇلنى ئەركىن قۇيۇش ھوقۇقىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، يەككە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىگە ئۆتكەن.1879-يىل ئامېرىكا يەككە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىپ، 1900-يىلى ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنىڭ قانۇن-پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، يەككە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى رەسمىي ئورناتقان.ئارىلىقتا گەرچە ئۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىدە ئالتۇننى پېرېۋوت بىرلىكى قىلىشتا يېڭىلىق ياراتقان ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە 1944-يىلىدىكى برېتتون ئورمانلىقى سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ھەر قايسى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىردا برېتتون ئورمانلىقى سىستېمىسى يىمىرىلگەندە ئالتۇن نام جەھەتتىكى پۇلغا ئايلانمايدىغان بولغان.

     ئالتۇننىڭ پۇل ئوبوروت ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكى ئالتۇننىڭ پۇل بولۇش خۇسۇسىيىتىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ، ساپ ھالەتتىكى تاۋارغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئالتۇن يەنىلا دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك زاپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە پۇلنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ھەمدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چىقىم خېيىم-خەتىرىنى پەسەيتىشتەك فۇنكىسىيەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئالتۇن — پۇل بولغان ئەشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، تاۋارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە پۇلنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن گەۋدىسىگە ئايلانغان، ئالتۇننىڭ پۇل بولۇش خۇسۇسىيىتى ئىناۋەتلىك پۇل دەۋرىدە گەۋدىلەنگەن، بولۇپمۇ ئىناۋەتنىڭ كۆپۈكلىشىپ پاخاللىشىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئالتۇننىڭ پۇل بولۇش خۇسۇسىيىتى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىدۇ.

     100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى باشتىن–ئاخىر ئالتۇننىڭ ئاساسلىق ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلىرى بولۇپ كەلدى.نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندىمۇ بۇندىن كېيىن يەنە شۇنداق بولىدۇ. نۆۋەتتە، 158 مىڭ توننا كېلىدىغان دۇنيا ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %20ئالتۇن زاپىسى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىركى 10 يىل داۋامىدا بەزى دۆلەتلەر جۈملىدىن، ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى ئالتۇن زاپىسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالتۇنلارنى ئۈزلۈكسىز سېتىۋەتكەن، ئەمما شۇنى ئالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، كەلگۈسىدە ئالتۇن يەنىلا مۇھىم زاپاس مۈلۈك بولۇپ قالىدۇ.

     مەركىزىي بانكىلار ئالتۇننى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى يەنى بۇ دۆلەتلەر ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغان دەۋرلەردە ئورناتقان. 19-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئالتۇن چايقىغۇچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كانادا قاتارلىق جايلاردا مول ئالتۇن كان بايلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرى ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان.19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىنسانلار ئىشلەپچىقارغان ئالتۇنلار ئىلگىركى بەش مىڭ يىلدا ئىشلەپچىقارغان ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى ئاشقانلىقتىن، ئىنسانلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدا رېئال ماددىي شارائىت ھازىرلانغان، بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ئالدىنقى شەرت قىلىنىپ، ئىنسانلار پۇلنىڭ ئالتۇن بىرلىكى دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمى شارائىتىدا، ئالتۇن پۇل بولغانلىقى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك پۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەركىن ھالدا ئېكىسپورت ۋە ئىمپورتنى راۋاجلاندۇرغان.خەلقئارا سودىدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەندە ئالتۇن بىلەن چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئالتۇننى پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلغىلى بولىدۇ، ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمى ئەركىن قويۇش، ئەركىن ئالماشتۇرۇش ۋە ئەركىن چىقىرىش قاتارلىق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمى 1861-يىل ئەنگلىيەدە يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، 1914-يىلدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانغا قەدەر دۇنيادىكى 59 دۆلەتتە ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمى گەرچە ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئومۇمەن 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا قەدەر داۋاملاشقان. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ئوخشىمىغانلىقتىن، بەزى دۆلەتلەر ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى 100 يىلدىن كۆپرەك يولغا قويغان، بەزى دۆلەتلەر ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى پەقەت 10 نەچچە يىللا داۋاملاشتۇرغان. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئېلىمىز ئۇزۇن مۇددەت ئالتۇننى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنە جەھەتتە كۈمۈشنى پۇل بىرلىكى قىلىشنى يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، ئالتۇن پۇل بىرلىك تۈزۈمىنى ئەزەلدىن يولغا قۇيۇپ باقمىغان.

     1934- يىلدىن باشلاپ،ئامېرىكا ئالتۇننىڭ باھاسىنى يۇقىرى مۆلچەرلەش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زور مىقداردىكى ئالتۇنلار ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسىغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرگەن. ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى 1925-يىلدىكى تەخمىنەن ئالتە مىڭ توننىدىن كۆپىيىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى 18 مىڭ توننا ئەتراپىغا بارغان بولۇپ، يەر شارىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقلاۋاتقان ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %65 بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا يەر شارىدىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرى ساقلاۋاتقان ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 38 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %50 ئالتۇن زاپىسى ئامېرىكىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىنىشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئاكتىپ بالانىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكتىن، ئامېرىكا زور مىقداردىكى ئالتۇن زاپىسىنى ئاجرىتىپ، غايەت زور سوممىلىق قىزىل رەقەمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. 1950-يىلدىن 1971-يىلغىچە بولغان 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسى تەخمىنەن 20 مىڭ توننىدىن توققۇز مىڭ توننىغا چۈشۈپ قالغان.

     20- ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرىدا مۇستەقىللىقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى ۋە سودىلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىشنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى دۆلەتلەردىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئالتۇن زاپىسىنىڭ پايدا نىسبىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. ئالتۇن بى رتۈرلۈك ئۆسۈمسىز مۈلۈك (گەرچە مەلۇم مەركىزىي بانكىلار ئالتۇننى قەرز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئازغىنە ئۆسۈم كىرىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ)بولۇپ، تۆكمە قىلىپ سېتىلغان. 1980-يىلدىن 1999-يىلغىچە بولغان 20 يىلدا يەر شارىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسى تەخمىنەن %10 تۆۋەنلىگەن. ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى 1999-يىل 9-ئايدا مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، كېلىشىم ئىمزالاشقۇچى دۆلەتلەر ھەر يىلى تۆكمە قىلپ ساتىدىغان ئالتۇننىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 400 توننىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى شۇنداقلا مەركىزىي بانكىلارنىڭ قەرز پۇل بېرىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارىنى چەكلەشنى بەلگىلىگەن. خەلقئارادا 1997-يىل 7-ئايدا بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 252 دوللارغا ئۆرلىگەن. خەلقئارادىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋە خەلقئارادىكى تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى نەتىجىسىدە خەلقئارادا بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 1503.8 دوللارغا يەتتى.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter