ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى

ئويناپ سۆزلىسەكمۇ، ئويلاپ سۆزلەيلى

2013-11-10 9:47     كۆرۈلۈشى: 1493 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تۇرسۇن قۇربان      بىزدە ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ‹‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە››، ‹‹يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس›› دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. بۇ سۆزلەر مۇنداقلا دېيىلىپ قالغان بولماستىن، بە....

تۇرسۇن قۇربان

     بىزدە ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ‹‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە››، ‹‹يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس›› دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. بۇ سۆزلەر مۇنداقلا دېيىلىپ قالغان بولماستىن، بەلكى ئەجدادلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە توپلانغان ئەقىل جەۋھەرلىرى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ يەكۈنى.

     ئادەتتە كۈندە دېگۈدەك دوستلار ۋە مۇئامىلىدارلار بىلەن ھەر خىل سۆز – پاراڭلارنى قىلىشىپ تۇرىمىز. مېنىڭچە ئۆيدە قىلىشقان گەپ ئۆيدە، ئىدارىدە قىلىشقان گەپ ئىدارىدە، دوست – بۇرادەرلەر بىلەن قىلىشقان گەپ شۇ جايىدىلا قالغىنى تۈزۈك. لېكىن ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئاغزىنى باشقۇرالمايدىغان بىر قىسىملارنىڭ ئۆيدىكى گەپنى ئىدارىگە، ئىدارىدىكى گەپنى ئۆيگە، دوست – بۇرادەرلەر ئارا قىلىشقان چاقچاق، پاراڭلارنى مۇناسىۋەتسىز سورۇنلارغا توشۇپ تارقىتىپ، ئورۇنسىز جېدەل – ماجىراغا سەۋەب بولۇۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، بەزىدە ئۆزىمىزمۇ بىلىپ – بىلمەيلا شۇنداق كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالىمىز . يېقىندا مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر ياشكادىر خىزمەت داۋامىدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكنى ئاتا – ئانىسىغا ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆپتۈرۈپ يەتكۈزۈش تۈپەيلىدىن كىچىك ئىش چوڭىيىپ، زىددىيەت ئىدارە رەھبىرى بىلەن ھېلىقى ياش كادىرنىڭ ئاتا – ئانىسىغىچە كېڭىيىپ، ئىدارىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىپلا قالماي، جەمئىيەتتىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلدى.

     ئېغىزنىڭ تاماق يېيىشكە، گەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بىراق ئېغىزغا ‹‹يۈگەن››سېلىشقا سەل قارىساق بولمايدۇ. ئاغزىم بار، دەپ ئويلانماستىن قالايمىقان گەپ قىلساق، ئاقنى قارىغا، قارىنى كۆككە ئۆزگەرتسەك ياكى بىراۋلارغا ھەر خىل بەتنام چاپلىساق، ئاقىۋەتتە ئۆزىمىز زىيان تارتىمىز. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز يەكۈنلىگەن ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساق، ئورۇنسىز كۆڭۈل ئاغرىقى، ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالايمىز. بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاغزىمىزغا تېخىمۇ بەك ھېزى بولۇپ، ئىشەنچسىز ئىغۋالارنى، يالغان – ياۋىداق گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلىماسلىقىمىز، تارقاتماسلىقىمىز، باشقىلارنىڭ ئادەتتىكى سۆزلىرىنى ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن ئاڭلاش، قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان سۆزنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئاڭلاش، خۇشامەت بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەرنى ھوشيارلىق بىلەن ئاڭلاش، قارشى ئېيتىلغان سۆزلەرنى ئانالىز قىلىپ ئاڭلاش، تەنقىد خاراكتېرلىك سۆزلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش، توغرا سۆزلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاڭلاش، خاتا سۆزلەرنى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاڭلاش، چوڭلارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئاڭلاش، كىچىكلەرنىڭ سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشقا ئادەتلىنىشىمىز لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter