تۇرسۇن قۇربان
يېقىندا ئادىتىم بويىچە ئەتىگەندە چېنىقىۋېتىپ، بىر تازىلىق ئىشچىسى بىلەن ئەھۋاللىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ‹‹ئىش ئورنۇمدىن قېلىپ ئون يىلغا يېقىن ئىشسىز يۈردۈم، بۇ جەرياندا خىزمەتنى كۆزۈمگە سۈرتكىدەك بولدۇم، يېقىندا ھۆكۈمەت قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شۇڭا قانچە جاپا تارتساممۇ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشكە رازى›› دېگەن سۆزى ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى.
جەمئىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ‹‹مەن بۇ ئىشقا ماس كەلمەيتتىم ››، ‹‹مېنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇم يوق ئىدى››، ‹‹مەن بۇ خىزمەتكە زايە كەتتىم››، ‹‹كەسپىمگە ۋە ئىقتىدارىمغا ماس كەلگۈدەك خىزمەت بولمىغاچقا، ئامالسىز مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن ››دېگەندەك ئاغرىنىشلىرىنى دائىم ئاڭلايمىز. ئەگەر سىز زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەش بىلەن خىزمەتتىكى خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىشنى بىلمىسىڭىز، خىزمەت سىز ئۈچۈن بىر باش قېتىشچىلىقى ۋە ئېغىر بېسىم بولۇپ قالىدۇ – دە، تۇرمۇشتىن ۋە خىزمەتتىن مەڭگۈ خۇشاللىق تاپالمايسىز، كۈنلىرىڭىز كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.
خىزمەت ھەققىدە مەشھۇر زات گالىل گىلان ‹‹ئەگەر سەن خىزمەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭدىن بىزار بولساڭ، ئەڭ ياخشىسى خىزمەتنى تاشلاپ چېركاۋ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سەدىقە تىلە›› دېگەن. ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمىتىگە نىسبەتەن ‹‹زايە›› بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانلارغا يەنە بىر مەشھۇر زات ‹‹ئەگەر سىز تاغ چوققىسىدىكى مەزمۇت قارىغاي دەرىخى بولالمىسىڭىز، ئۇنداقتا تاغ قاپتىلىدىكى كىچىك كۆچەت بولۇڭ، بىراق ئەتراپىڭىزدىكى باشقا كۆچەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى بولۇڭ›› دېگەن ھېكمەتنى تەقدىم قىلغان. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خىزمەت چوڭ ياكى كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، لېكىن ھەرقانداق خىزمەت سىزدىن تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەيلى سىز قىلىۋاتقان خىزمەت ئاددىي ياكى ئۇلۇغ بولسۇن، سىز پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىڭىزلا، ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ خۇشاللىققا ئېرىشىسىز.
ئىلمىي ئاساسلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىزمەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ناچار بولىدىكەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى%1 ئاشسا، ئۆلۈش نىسبىتى%2 يۇقىرىلايدىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، خىزمەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق.
خىزمەت كىشىلەرنىڭ يالغۇزلۇق ۋە قايغۇرۇش ھېسسىياتىنى تۈگىتىدۇ. ئادەم بىكار قالغاندا زېرىكىشلىك ۋە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئۆز كەسپىگە سادىق كىشىلەر جاپالىق خىزمەت قىلغان ۋاقتىنى ئەڭ خۇشال ۋاقتى دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى خىزمەت جەريانىدا كىشىلەر جەمئىيەت بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتنىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق دوستلۇق ۋە مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. خىزمەت يەنە كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بىر ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغاندا، يازغۇچى بىر ئەسەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتتۈرگەندە، ھەيكەلتىراش بىر ئىجادىيىتىنى پۈتتۈرگەندە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولغانلىقىنى كۆرگەندە ، قەلبى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىققا تولىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىزمەت ھايات ياشاۋاتقان كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، بەخىتلىك ۋە خاتىرجەم ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. سىز خىزمەتتە قانچە تىرىشچان، تەشەببۇسكار بولسىڭىز، كۆڭلىڭىزمۇ شۇنچە ئازادە، خۇشال بولۇش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىڭىزمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا خىزمىتىڭىزدىن قاقشىماڭ، تۇرمۇشتا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى خۇشاللىقلار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت قىلىشمۇ تۇرمۇشتىكى ئۆزگىچە، ئالاھىدە بولغان بىر خىل خۇشاللىق. شۇڭا خىزمەتنىڭ خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ، ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان خىزمەتنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت، بۇ خىزمەتنى ئىشلەشكە مۇيەسسەر بولۇشۇم ماڭا نىسبەتەن ئىلھام ۋە بەخت دېگەن تۇيغۇدا بولسىڭىز، يېنىك ياشايسىز.