Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتەيلى

ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتەيلى

2013-12-05 6:24     كۆرۈلۈشى: 11,737 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تۈزەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتەيلى شىن ۋېيمىن      ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائ....

تۈزەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلنى

باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتەيلى

شىن ۋېيمىن

     ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قائىدە – تۈزۈم ئورنىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە، گېزىتىمىزدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىش››، تۈزەشنى ئەستايىدىل تۇتۇش، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش قەتئىي ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى.

     «باشقىلاردىن تەلەپ قىلغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلىش، باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئۆزى قىلماسلىق كېرەك››. ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان تۆت ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىپ ئەمەلىي ئىشلىدى، جايلار، تارماقلار پائال ئەگەشتى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مېھمان كۈتۈش ۋە ئۇزىتىش، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا چەك قويۇلۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي كەيپىيات كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

     پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋۇزغا باغلىق. رەھبەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، بۇ قېتىمقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ھالقىسىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى ۋە ئاساسىي تەجرىبىسى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈلگە بولغاندىلا، يۇقىرى نېمە قىلسا، تۆۋەنمۇ شۇنى قىلىدىغان، زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

     ۋەدىنى تۈزەش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى تۈزەشتىكى روھى، ھەرىكەتتىكى كۈچى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا يەنە بىر قېتىم باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈنسىز بۇيرۇق بولۇپ، قانداق قىلىپ بىر دەرىجىلىك ئورۇن يەنە بىر دەرىجىلىك ئورۇننى يېتەكلەپ ‹‹ئۆزگەرتىش››كە، بىر دەرىجىلىك ئورۇن يەنە بىر دەرىجىلىك ئورۇنغا ‹‹ئۆزگەرتىش›› ئارقىلىق يەنىمۇ ئۈلگە بولۇشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇلغان ئېنىق تەلەپ بولدى.

     «تۆت خىل ناچار ئىستىل››دىن ئامما شۇنچىلىك يىرگىنىدۇ. بۇ يەردە خالىغانچە يول قويۇشقا ئىمكانىيەت يوق، كۆزىتىپ باقايلى دەيدىغانغا پۇرسەتمۇ يوق، بوپتىلا دەيدىغان ‹‹كىچىك مەسىلە››مۇ يوق، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا – قايتا تەكىتلىگەندەك، ‹‹<مىخلىۋېتىش> روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك›› .ئىستىلنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، بىرمۇ بىر ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشنىڭ جاپاسىدىن قورقماسلىق روھى بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە كۆز تىكىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوبدان قىلىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرسىتىش كېرەك.

     پائالىيەتنى ئاشكارا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قاتنىشىشقا، نازارەت قىلىشقا، باھا بېرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىش پارتىيەنىڭ مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەجرىبىسى، ئاممىۋى لۇشەننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قانداق بولۇشىدا ئوخشاشلا ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ئۇ ئاممىنىڭ قاتنىشىشىدىن، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇنداق بولماي يۈزەكى، مەۋھۇم ئىش قىلىنسا ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە زىيان يېتىدۇ.

     ئاممىنىڭ كۆزى روشەن، سۆز قىلىش ھوقۇقى بار، ئاممىنىڭ قاتنىشىشى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بېسىم، ئاممىنىڭ باھاسى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم. 1 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئورۇنلار نۇرغۇن كونكرېت مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان چارىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىرقى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاممىنىڭ رازى بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى ئۆلچەمگە قارىتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشكارا تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئاشكارا ھەل قىلىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى بىرمۇبىر تۈزۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم تۈزىتىش مەزمۇنى، نىشانى، مۇددىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى بەلگىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئاممىغا ئاشكارىلاش، ئاممىغا نېمىنى ئۆزگەرتىش، قانداق ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئاممىنىڭ باھاسى ئورنىغا دەسسەتسە، ئامما ئۆزگىرىشنى كۆرەلمىسە، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمىسە، قانداق ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلمىسە، ھەممە نۆلگە تەڭ بولۇپ، بىھۇدە ئىش بولۇپ قالىدۇ.

     بىر ھەرىكەت بىر پىروگرامما تۈزۈشتىن ئەلا. ئامما پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمىتى ۋە خىزمەت ئىستىلىغا باھا بەرگەندە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ دېگىنىگىلا قارىماي، ئۇلارنىڭ قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىگە، يەنى ئەمەلىيەتكە قاراش كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل پىلاننى نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى تۈزىتىش، ئىستىل توغرىلاش جەريانى بولۇپ، چوقۇم ‹‹تاش ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش›› روھى بىلەن، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ناتوغرا قىلىقنى تۈزەپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، ‹‹قىزىل سىزىق›› سىزىپ، ‹‹گۈلدۈرماما رايونى››غا بەلگە قويۇپ، ‹‹يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە›› ئورنىتىپ ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزم بەرپا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك، دائىملىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     بۇ جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ئىزچىل ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان تارماق، ئورۇنلار چوقۇم مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە يېقىن تۇرۇپ، تەڭ ئىلگىرلەپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيۇشۇش كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزۈلمەس ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشى كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2013-12-10 11:41 مۇئەللىم 

    بىلوگىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى تېمىلار بىلەن بىزىلىپتۇ ، نېمە ئىزدىسە تاپقىلى بولىدىكەن ھازىر ، ئەدەبىي ئەسەر بولامدۇ ياكى ۋەزىيەت ئەھۋالى بولامدۇ ، دىلغا ئوزۇق نادىر تېىملار تولۇپ تېشىپتۇ . غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا …..

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-12-10 13:47 تۇران تېكىن 

    كەپەمگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
    كەسپىم ۋە قىزىقىشىمغا ئاساسەن يوقنى ئىزدەپ تېپىپ، بارنى كۆچۈرۈپ يېزىپ يوللاپ تۇردۇم. بىر قىسىم ياخشى تىمىلار بار ئىدى، بىراق ئۇرۇپ بولالماي، تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن.

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter