ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> نىمە ئۈچۈن خان سارىيىدا 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار؟

نىمە ئۈچۈن خان سارىيىدا 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار؟

2013-12-05 6:53     كۆرۈلۈشى: 1701 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      تارىختا خان سارىيى (گۇگوڭ سارىيى) دىكى ئايرىمخانىلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بەزىلىرى 9999 ئېغىز ئۆي بار دىسە، يەنە بەزىلەر 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار دىيىشىدۇ. يەنە ....

     تارىختا خان سارىيى (گۇگوڭ سارىيى) دىكى ئايرىمخانىلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بەزىلىرى 9999 ئېغىز ئۆي بار دىسە، يەنە بەزىلەر 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار دىيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر 10 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي بار دىيىشىدۇ …….

     ئەنئەنىۋى قائىدە بۇيىچە ئېيتقاندا، ئۆيلەرنىڭ سانىنى سىتاستىكا قىلىشتا تارىختىن بۇيان «تۆت تۈۋرۈك بىر ئېغىز ئۆي» بۇيىچە ھىسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق بۇلۇپ، لىم، تۈۋرۈك قاتارلىق چوڭ ياغاچلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق غول جازا ياسىلىپ، ئاندىن غول جازا ئارلىقىغا خىش – تاش تولدۇرۇلۇپ، ئىشىك – دەرىزىلەر، بىزەكلەر ئورنىتىلىدۇ. شۇڭا تۆت تۈۋرۈك ئارىسىدىكى ئېستىرولۇق بوشلۇق «بىر ئېغىز ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاتالمىش «تۆت تۈۋرۈك بىر ئېغىز ئۆي» دىيىلىدۇ. خان سارىيىدىكى ئۆيلەرمۇ مۇشۇ بۇيىچە ھەسابلانغان. پەقەت تۆت تۈۋرۈك ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ (ئۆينىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى) ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشىماسلىقىدىن، قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۆينىڭ كەڭلىكى چوڭ – كىچىك بولسىمۇ بىراق يېرىم ئۆي دىگەن قاراش مەۋجۇت ئەمەس.

     خان سارىيىدىكى خانىلەر كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ساراي، ئوردا، تۆر ئۆي، بالخانا، ھوجرا، خانە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى قۇرۇلىشى ھەيۋەتلىك بولغان قۇياش سارىيى، «باۋخې» سارىيى بولسۇن، ياكى قۇرۇلۇش كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك بولغان پادىشاھنىڭ ياتىقى، خانىشنىڭ ياتىقى ۋە ئىبادەتخانا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش شەكلىنىڭ ھەممىسى «تۆت تۈۋرۈك بىر ئېغىز ئۆي» شەكلىدە. پەقەت ھەر بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئۆينىڭ كەڭلىكىنىڭ سانى بىلەن چوڭقۇرلۇقىنىڭ «قائىدە» دىكى تەلەپ بۇيىچە لايىھەلىنىشى ۋە قۇرۇلىشى قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى بىلەن قۇرۇلىشنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خان سارىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئوردا «تەيخې» ئوردىسى بۇلۇپ، 72 تۈۋرۈك بۇلۇپ، 55 ئېغىز ئۆي بار. پادىشاھنىڭ ھوجرىسى «غەرىبىي ئالتە ساراي» نىڭ بىرى بولغان «چۇشيۇ»سارىيى 10 ئېغىز ئۆيدىن تۈزەلگەن.

     «خان سارىيى ھەققىدە» دە خاتىرلىنىشىچە، قەدىمكى قۇرۇلۇش مۇتىخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتىستىكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، خان سارىيىدىكى چوڭ – كىچىك ساراي، خانە، بالخانا، ھوجرا، راۋاق قاتارلىقلاردىن بۇلۇپ جەمئىي 8707 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن. شۇڭا خان سارىيىدا 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار دىيىش خاتا بۇلۇپ، بۇ پەقەت رىۋايەت. «خان سارىيى ھەققىدە» مۇنداق دەپ خاتىرلەنگەن: تارىخ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، خان سارىيىدا ئەسلىدە 10 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي بۇلۇپ، كىيىن يىللارنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئۆيلەر كونىراپ بۇزۇلۇپ كەتكەن، غۇلاپ چۈشكەن ياكى ئوتتا كۈيۈپ كەتكەن. بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا 8000 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي بار. 1972- يىلى قەدىمقى قۇرۇلۇش مۇتەخەسىسلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن «تۆت تۈۋرۈك بىر ئېغىز ئۆي» ئۆلچىمى بۇيىچە خان سارىيىدىكى خانىلەرنى ئومۇميۈزلۈك سىتستىستىكا قىلغان. نەتىجىدە 980 دىن ئارتۇق ئوردا، ساراي، 8707 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن.

     ئۇنداقتا رىۋايەتتىكى يېرىم ئېغىز ئۆي قايەردە؟ سىز خان سارىيىنى ساياھەت قىلىپ، «جىڭيۈن» دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىن جەنۇپقا نەزەر سالسىڭىز، ھويلا تېمىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك يىشىل رەڭلىك ئەينەك كاھىشلىق ئىمارەتنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. مانا بۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «تۆت چوڭ مەجمۇئە» نى ساقلايدىغان «ۋېنيۇەن» كۈتۈپخانىسى. «ۋېنيۇەن» كۈتۈپخانىسىنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىنىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىيدىلىكى بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى راۋاقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىدا بىر جاڭدىن كۆپرەك ئارىلىق بولماستىن، بەلكىق ئىككى يىشىل رەڭلىك تۈۋرۈك ئارىسىدا پەقەت بەش چى ئەتراپىدىكى ئارىلىق بۇلۇپ، زىجىن شەھىرىدىكى «يېرىم ئېغىز ئۆي» مانا مۇشۇ يەردە.

     «زىجىن شەھىرىدىكى 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي» گە مۇناسىۋەتلىك قاراشلاردا ئەل ئىچىدىمۇ ئىككى خىل سۆز – چۆچەك بار.

     بىرىنچى خىل سۆز – سۆز چۆچەك: دەسلەپتە خان سارىيىنى سالغاندا، يوڭلې خان «چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش»، «ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بۇلۇش» مەنىسىدە خان سارىيىدىكى ئۆيلەىرنىڭ ئومۇمىي سانىنى 10 مىڭ قىلىپ بىكىتىپ، خان جەمەتى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەيېەتلىكلىكىنى، سالاپىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلماقچى بولغان. بىراق ئىش باشلاش ئالدىدا ئۇنىڭ چۈشىدە ئاسمان ئىلاھى ئۇنى ئارشىئەلانىڭ «لىڭشياۋ» سارىيىغا چاقىرىتىپ: «ئەرشىئەلادا ئاران 10 مىڭ ئېغىز ئۆي تۇرسا، سىنىڭ پانىي دۇنيادىكى بۇ خان ئوردىسىدىكى ئۆيلىرىڭنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ» دېگەن. يوڭلې خان قارشىلىق كۆرسىتىشكە پېتىنالمىغان. بىراق كۆڭلىدە يەنە قايىل بولماي خان سارىيىنى سالغاندا يېرىم ئېغىز ئۆينى كەم سالغان. بۇنداق بولغاندا خان جەمەتىنىڭ ھەيۋىسىمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ ھەم ئاسمان ئىلاھىمۇ گەپ قىلالمايدۇ دەپ قارىغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ گەپ پەيدا بولغان.

     ئىككىنچى خىل سۆز – چۆچەك: شۇ يىللىرى ليۇ بوۋېن خان سارىيىنى سېلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. خان ليۇبوۋېننى 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي سېلىشقا بۇيرىغان. بىراق ئۇ ھەممە جايغا بېرىپ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا ھەم خەلق ئىشچىلىرىنى ئەۋەتكەندە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسىرى رىيازەتتە ئۆتىۋاتقانلىقىنى، بىراق خان جەمەتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىىلەن ئۇ لايىھەلەپ بولغان خان ئوردىسى قۇرۇلىشى چىرتيوژىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئۆزگەرتىۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈز ئۆي ئازلاپ كىتىپ، ئەمەلىيەتتە 8000 نەچچە يۈز ئېغىز ئۆي سېلىنغان. ئۇ كۆڭلىدە: «ئىشقىلىپ بۇ گۇگوڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا، بۇ يەردە زادى قانچىلىك ئوردا ساراي بارلىقىنى كىم ساناپ بولالايدۇ؟ مەن قانچە ئۆي بار دىسەم شۇنچە ئۆي بۇلىدۇ» دەپ ئويلىغان. شۇڭا قۇرۇلۇش پۈتكەندە يوڭلې خانغا زىجىن شەھىرىدە 9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار دېگەن، يوڭلې خان بۇنىڭغا ئىشەنگەن. شۇنىڭ بىلەن «9999 يېرىم ئېغىز ئۆي بار» دېگەن قاراش ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter