ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇسى 7 مىليۇن بۇلۇپ، ئەمىلىي كونتۇرۇل قىلىدىغان يەر كۆلىمى 25 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر (بېيجىڭ شەھرىدىن چوڭراق) كىلىدۇ. بۇ دۆلەت خەلقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزىدىن كۈچلۈك رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان.
ئىسرائىلىيە ھەربىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك بۇلىشى بۇنىڭ بىر تەرىپى. بايلىق مەنبەسى كەمچىل بۇ دۆلەتنىڭ كىشى بېشى GDP سى تەخمىنەن 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ھەر 10 مىڭ ئىسرائىلىيىلىك ئىچىدە 140 پەن – تېخنىكا ئالىمى ۋە تېخنىڭ بار. ئامېرىكىدا 80 دىن، ياپونىيەدە 75 تىن توغرا كىلىدىغان بۇلۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. ھازىرغىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 680 كىشىنىڭ 138 نەپىرى يەھۇدى ياكى يەھۇدىي قان سېستىمىسىدىكىلەردۇر.
ئىسرائىلىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ تونۇلغان يازغۇچى ئاموس ئوز يېقىندا بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق ئىككى ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن:
ئاموس ئوز ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىللە يەنە دائىم تاراتقۇلاردا قاراشلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويىدىكەن. ئۇ يېقىندا زوڭلىنىڭ تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلغان. زوڭلى تېلىفۇندا ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇغانلىقى ھەم ئۇنىڭ بىلەن قەھۋە ئىچكەچ پىكىر ئالماشتۇرغۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. «مەن باردىم ھەم زوڭلى بىلەن قەھۋە ئىچكەچ يېرىم سائەت سۆھبەتلەشتىم، نەتىجىدە ھېچقايسىمىز بىر بىرىمىزنىڭ پىكىرىگە قايىل بولمىدۇق».
ئىككىنچى ۋەقە ئۇنىڭ تاكسى توسۇش كەچۈرمىشى، ئۇ تاكسىغا چىقىشىغىلا شوپۇر ئۇنىڭغا: «مەن سىزنىڭ كىتابلىرىڭىزنى ئوقۇغان، لىكىن قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلمايمەن» دېگەن. كىيىن ئۇ شوپۇر قارىشىنى قەتئىيلىك بىلەن بايان قىلغان.
شوپۇردىن زوڭلىغىچە باراۋەر پوزىتسىيەدە پىكىرلىشىش ئىسرائىلىيەدىكى ئومۇمىي ئەھۋال. ئاموس ئوز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈنكىدەك قۇدرەت تېپىشىدىكى سىر – گۇمان ۋە گۇمانلار ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش ئىكەن.