Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئوبوروت قىلىنغان يەرگە نېمە ئۈچۈن ئاشلىق تېرىلمايدۇ؟

ئوبوروت قىلىنغان يەرگە نېمە ئۈچۈن ئاشلىق تېرىلمايدۇ؟

2014-10-30 12:10     كۆرۈلۈشى: 1144 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: جاۋ يۇڭپىڭ      يەر ئوبوروتىدا ئاشلىق تېرىلغۇ يېرىگە باشقا زىرائەت تېرىش يۈزلىنىشىنى چەكلەپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، سودا – سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا ئېقىشىغا چەك قويۇش كېرەك....

جاۋ يۇڭپىڭ

     يەر ئوبوروتىدا ئاشلىق تېرىلغۇ يېرىگە باشقا زىرائەت تېرىش يۈزلىنىشىنى چەكلەپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، سودا – سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا ئېقىشىغا چەك قويۇش كېرەك.

     ھازىرقى يەر ئوبوروتى قىزغىنلىقى ئارقىسىدىكى ئاشلىق تېرىلغۇ يېرىگە باشقا زىرائەت تېرىش يۈزلىنىشىگە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېقىندا مەلۇم بىر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ئاشلىق تېرىلىدىغان ئوبوروت يەرلىرىنىڭ %60ىگە باشقا زىرائەت تېرىلغان. بۇ نىسبەت 2010- يىلدىكىدىن %16.3 ئاشقان. دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى رايونلاردا سودا – سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجارە ئالغان يەرلىرىدە ئاشلىق تېرىلغان كۆلەم ئاران %6 بولغان. يەر ئوبوروتى تېزلەشكەنسېرى، ئاشلىق تېرىلغۇ يېرىگە باشقا زىرائەت تېرىش يۈزلىنىشى كۈچەيسە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشلىقنى كىم ئىشلەپچىقىرىدۇ؟

     ئوبوروت قىلىنغان يەرگە نېمە ئۈچۈن ئاشلىق زىرائىتى تېرىلمايدۇ؟ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ھازىر بىر مو كۆكتاتلىقنىڭ كىرىمى نەچچە مو يەردىن قىلىنغان ئاشلىق كىرىمىگە تەڭلىشىۋاتقاچقا، يەر ئوبوروتىغا قاتناشقان ئائىلىلەر ۋە سودا – سانائەت كاپىتالىنىڭ نىشانى يەنىلا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەردە بولماقتا. نۇقتىلىق يەر ئوبوروت قىلىدىغان بىر ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر يەر ئىجارە ھەققى، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى باھاسى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، بىر مو يەرنىڭ ئىجارە ھەققى شەرقىي شىمال رايونلىرىدا 800 يۈەن، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردا 1000 يۈەن، دېڭىز بويى رايونلىرىدا 1500 يۈەن بولۇۋېتىپتۇ، شۇڭا ئاشلىق تېرىپ كۆپ پۇل تېپىش تەس بولىۋېتىپتۇ.

     ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى بىلەن يەر ئوبوروتى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئوتتۇرىسىدا روشەن زىددىيەت مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، %70ى ئاشلىق زىرائىتى، %30ى ئىقتىسادىي زىرائەتنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ يەردە بازار تەڭپۇڭلۇقى مەۋجۇت بولۇپ، ئاشلىق زىرائىتى تېرىقچىلىقىنىڭ سېلىنمىسى ئاز، خېيىم – خەتىرى تۆۋەن، كىرىمى مۇقىم بولسا، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنىڭ پايدىسى كۆپ، لېكىن ئۇنىڭ مۇئەييەن خېيىم – خەتىرى بار. سودا – سانائەت كارخانىلىرىغا قارىغاندا دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىقچىلىقىدىكى ئەمگەك كۈچى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىشى جانلىق شىركەتلەرنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىشىدىكى ئەۋزەللىكى زامانىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتا بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ دېھقانلار بىلەن تېرىلغۇ يەر تالىشىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى يەنىلا دېھقانلارغا تايىنىلىدۇ. شۇڭا، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى نۇقتىلىق يۆلەش بىلەن بىللە، سودا – سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا كەڭ كۆلەمدە ئېقىشىغا بەلگىلىك چەك قويۇش كېرەك.

     ئەمما بەزى جايلار يەرنى ئوبوروت قىلىپ، سودا – سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا ئېقىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىپ، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمىگەن قۇرۇلمىلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن سۈرئەتنى قوغلاشتى. ئاشلىق ئېتىزلىرى كۆچەت، گۈل – گىياھ بازىسىغا ئايلاندى. لېكىن بازار ئېھتىياجى چەكلىك بولغاچقا، بازار قانچە كۆپ بولسا، خېيىم – خەتەرمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. كەسىپلەر مەغلۇپ بولسا، شىركەتلەر تاقىلىپ، ئاخىرىدا يەنىلا دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

     قايسى زىرائەتنىڭ پايدىسى كۆپ بولسا شۇنى تېرىش بىر خىل بازار ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. لېكىن مەمۇرىي جەھەتتىن ھەددىدىن ئارتۇق ئارىلىشىش بۇنىڭغا بەلگىلىك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. دېھقانچىلىق ئاددىي كەسىپ ئەمەس، ئۇ دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىكىگە، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقا ئامىللارغا سەل قاراپ، نوقۇل ھالدا ئۈنۈمنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ. يەر ئوبوروتىدا ئاشلىق تېرىلغۇ يېرىگە باشقا زىرائەت تېرىش يۈزلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، چوقۇم دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئاساسىدا تەدبىر تۈزۈش، بولۇپمۇ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىلىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

     دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش كېرەك. دېھقانچىلىق ئاجىز كەسىپلەرنىڭ بىرى. شۇڭا يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاشلىق تولۇقلىما سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلىما ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، توغرىلىق دەرىجىسى ۋە يۆنىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشلىق نىشان باھا تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىپ، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى ئاساس قىلغان ھەرىكەتچان ئاشلىق باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

     ئاشلىق تېرىغانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە››لەر. شۇڭا پايدا تولۇقلاش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، مالىيەنىڭ يۆتكىمە چىقىم كۈچىنى زورايتىپ، يەرلىكنىڭ دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، دۆلەت يېتەكچى سىياسەتنى يولغا قويۇپ، مەڭگۈلۈك ئاساسلىق ئاشلىق ئېتىزلىرىنى بېكىتىپ، ئاشلىق ئېتىزلىرىنىڭ باشقا زىرائەت تېرىقچىلىقىغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     يەر ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ چېكىنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. بولۇپمۇ، يەرلىكنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققىيات جەريانى ۋە ئادەم – يەر مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن چەتنەپ كەتمەسلىك، بىر تەرەپلىمە ھالدا كۆلەم ۋە سۈرئەتنى قوغلىشىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلماسلىق كېرەك.

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىنغان. «خەلق گېزىتى››دىن گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمە قىلغان



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter