Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە؟

بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە؟

2014-02-24 11:12     كۆرۈلۈشى: 1873 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئەكبەر ئىسمائىل      «شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە، ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا توي قىلىپ، يىراق يەرلەرگە كەتسە…، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خىمىيە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا، خىمىيەنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىمىغان بىيول....

ئەكبەر ئىسمائىل

     «شۇنداق بىر كۈنلەر كەلسە، ماتېماتىكا بىلەن فىزىكا توي قىلىپ، يىراق يەرلەرگە كەتسە…، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خىمىيە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا، خىمىيەنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىمىغان بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ ساراڭ بولۇپ قالسا، تەنتەربىيە، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىقلار بۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولسا …..»

     يۇقىرىقىنى يۇمۇركەن دەپ قالماڭ، بۇ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈندىداردا يوللىغان مەزمۇن بولۇپ، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان دەرستىن بىزار بولۇش پىسخىكىسىنىڭ ‹‹يۇمۇر›› ئارقىلىق ئىپادە تېپىشىدۇر. ئۇنداقتا، دەرستىن بىزار بولۇش نېمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بىزارلىق نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ، بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

     دەرستىن بىزار بولۇش ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم دەرسكە بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشى، بىر قانچە خىل دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى جۇغلانسا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇشتىن بىزار بولۇش ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئوقۇشقا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئوقۇشتىن بىزار بولۇش بىلەن دەرستىن بىزار بولۇشنىڭ مۇئەييەن ئوخشاشلىقى ھەم پەرقى بار، بۇ ئىككىسى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى ‹‹يۇمۇر››نىڭ ئىجادچىسى بىلەن ‹‹يۇمۇر››نىڭ تارقاتقۇچىلىرى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق دەرسلەردىن بىزار، تەنتەربىيە، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلاردا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى مەۋجۇتمۇ؟

     ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ‹‹ئۆزى دەرسخانىدا بولسىمۇ، خىيالى سىرتتا پالاز قاقىدىغان›› ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممە دەرستە مۇشۇنداق پاسسىپ بولۇشى ناتايىن.

     بۇ يىل مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 2 – يىللىقىغا چىققان ئادىل بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكى ‹‹يۇمۇر››نى كۆرگەن – كۆرمىگەنلىكىنى سورىۋېدىم، ئۇ بۇنداق ‹‹يۇمۇر››نىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتتى. ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ماتېماتىكا دەرسىدە يامان ئەمەسكەنتۇق، بىراق تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن چېكىنىپ كېتىپتۇ، شۇڭا دەرس ئاڭلىغۇسى كەلمەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي پەنلەردىن بىزاركەن، خىمىيە، فىزىكا دەرسلىرى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرمايدىغان دەرسلەر ئىكەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەردىن بىزار ئىكەن.

دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى نېمىدىن پەيدا بولىدۇ؟

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك 87 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبە زەيدىن ئوقۇغۇچىلاردا دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۆرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، يەنە بىرى ئەتراپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن، بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ، ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.

     ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى كەمچىل بولۇشى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. پىسخولوگىيەدە مۇددىئا شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتنى باشلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دەپ قارىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى كەمچىل بولۇشى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئوقۇشنى باشلىشى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۆگىنىش بېسىمى، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاساسى ئاجىز بولۇش سەۋەبلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلىگەندىن كېيىن دەرسلەردە يېتىشەلمىگەچكە، ئۆگىنىش بېسىمى سەۋەبىدىن دەرستىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە دەرسلەردە سەل ئىلگىرىلەپ، ۋاقتىنچە بولسىمۇ بىزارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلىدۇ، بىراق ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا، ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹قىيىنچىلىق››لارنى يېڭىش ئىرادىسى سۇسلاپ، بىزارلىق تۇيغۇسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. دەرستە ئارقىدىراق ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە دەرسلەرگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئامال بار قاچىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرالمىسا، ھەر قانچە ياخشى دەرس بولسىمۇ ئوقۇغۇچىدا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى پوزىتسىيەسىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاتا – ئانىلارنىڭ رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئارزۇلىرى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ دەرستە ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، بالىغا بەزىدە ئارتۇقچە تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۆز ئارزۇسىنى يۈكلەيدۇ، بۇنداق تەلەپلەر، ئارزۇلار ئوقۇغۇچىدە بىھۇدە بېسىم پەيدا قىلىپ، دەرستىن، ئېغىر بولغاندا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.

     دەرستىن بىزار بولغان بالىلاردا ئىككى خىل نەتىجە كۆرۈلىدۇ: بىرى، ئاتا – ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە دەرسكە قايتىدىن كىرىشىپ، بىزارلىق كەيپىياتىدىن قۇتۇلۇش. بۇ ياخشى ئۆزگىرىش، بىراق بۇنىڭ ئارقىسىغا ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېقىندىن ياردەم قىلىشى يوشۇرۇنغان؛ يەنە بىرى، دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى، دەرستىن بىزار بولغان ئوقۇغۇچىلار توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشەلمىسە، بىزارلىق تۇيغۇسىنىڭ جۇغلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆگىنىشنى بېسىم دەپ بىلىدىغان، ئوقۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلمايدىغان، ھە دېسىلا ئوقۇشتىن قاچىدىغان بولىۋالىدۇ. دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىغا ئايلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئاتا – ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ.

     دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى تەسىرچانلىققا ئىگە، بۇنداق كەيپىيات ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلاردا گۇمانخورلۇق، دىققىتىنى يىغالماسلىق، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش، ئەنسىزلىك، ئۇيقۇسىزلىق، زىيادە سەزگۈرلۈك، قورقۇشتەك پىسخىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ.

دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قانداق قىلغاندا تۈگەتكىلى بولىدۇ؟

     ھەبىبە مۇئەللىم مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ئوقۇغۇچىدا ئازدۇر – كۆپتۇر دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتى بولىدۇ، ھەرقانچە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارمۇ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە مەلۇم دەرسلەردىن بىزار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ، مۇھىمى ئوقۇغۇچىلاردا بۇنداق كەيپىيات كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئوقۇتۇش مېتودىنى تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان دەرس سۆزلەش شەكلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن بىزار بولۇشىدىن ساقلىنىدۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش ئىقتىدارى كەمچىل، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار باشنى چۆكۈرۈپ دەرس سۆزلەش بىلەنلا ئاۋارە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆزەتمەيدۇ ھەم ھېسابلاشمايدۇ، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى دەرستىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى تۈگىتىشتە ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېلىق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر. دوستانە ئالاقە، باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، پائال ھەمكارلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن بىزار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققاندا ‹‹مەجبۇرلاپ ئۆگىتىمەن››نى ئەمەس، بەلكى ‹‹قانداق يېتەكلەيمەن، قانداق قىزىقتۇرىمەن؟›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا – ئانىلارمۇ بالا تەربىيەسىدە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم، رىغبەتلەندۈرۈش بالىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان رىغبەتلەندۈرۈش ماددىي جەھەتتىكى رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس، ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ماددىي مۇكاپاتقا باغلاپ قويسا بولمايدۇ، چەكتىن ئاشقان ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىئاسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئوقۇغۇچى ماددىي مۇكاپاتتىن ئايرىلىپ قالسا، دەرستىن بىزار بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىشى زۆرۈر، بالا تەربىيەسىدە ‹‹ياخشى ئىشلەپسەن، ئوبدان يېزىپسەن، داۋاملىق تىرىشقىن، بۇ قېتىم ئۆتەلمىگەن بولساڭ، كېلەر قېتىم ئۆتەلەيسەن›› دېگەندەك تەرىپ ۋە مەدەت سۆزلىرى كۆپرەك، ‹‹خەتنى چىرايلىق يازماپسەنغۇ، تىرىشساڭ بولمامدۇ، ئىمتىھاندىن نېمىشقا ئۆتەلمىدىڭ›› دېگەندەك ئەيىبلەش سۆزلىرى ئازراق بولغىنى ياخشى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter