ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار

پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار

2014-02-25 12:01     كۆرۈلۈشى: 1498 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشن....

مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى پۇقرالار

كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› (قىسقارتىلىپ 1- نومۇرلۇق ھۆججەت دەپ ئېلىندى) 19- يانۋار رەسمىي ئېلان قىلىندى. 1- نومۇرلۇق ھۆججەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى مەزمۇنغا چېتىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقرالار بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، پۇقرالار مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئېنىق جاۋاب بېرىلگەن.

پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 1- مەسىلە: يېزا كوللېكتىپ يېرى بىلەن

دۆلەت يېرى ئوخشاشلا بازارغا كىرىدۇ

     ئوخشاش بىر پارچە يەرنى ھۆكۈمەت بازاردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى تېرىلغۇ يېرىنى ئېلىش باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشتەك غەلىتە ئەھۋالدا جىددىي ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

     مۇخبىرنىڭ ئەنخۇي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئۇقتۇرۇشىدىن ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ قولىدىن ئالغان ھەر مو يەرگە بەرگەن تولۇقلىما باھاسى 30 – 40 مىڭدىن 100 نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولغان. ئوخشاش بىر پارچە يەرگە ھۆكۈمەت سودىگەر چاقىرىپ ئۆي – زېمىن تەرەققىيات سودىگىرىگە سېتىپ بەرگەن باھاسى ھەدېگەندىلا نەچچە ئون مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىكى ئاسمان زېمىن پەرقتىن دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ يېتەرلىك كاپالەتلەندۈرۈلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

     ئوتتۇرا رايوندىكى مەلۇم ئۆلكە مەركىزىدىكى بىر ئۆي – زېمىن تەرەققىيات شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتتىن يەر سېتىۋالساق، شەھەر ئەتراپىغا يېقىن جاي بولسا، ھەر موسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، شەھەر 2- ئايلانما يولى ئەتراپىدا بولسا 5 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، چەت ياقىغا جايلاشقان يەر بولسا، ھەر موسى 3 – 4 مىليون يۈەن بولىدۇ.

     1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا كىرگۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىش ۋە ئىشلىتىش مۇددىئاسىغا چەك قويۇشنى شەرت قىلغان ئەھۋالدا، يېزا كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، پاي قىلىپ قوشۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بازارغا كىرىش، ئوخشاش ھوقۇق، ئوخشاش باھادىن بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرى، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ۋە قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش كېرەك.

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەشمىسى: ئەنخۈي ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چاڭ ۋېي مۇنداق قارىدى: 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە يەر ئىسلاھاتى ھەققىدىكى بايان، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىندا قارار قىلىنغان ‹‹شەھەر، يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرى بەرپا قىلىش›› نىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئىپادىلىنىشى. كەلگۈسىدە شەھەر، يېزىلارنىڭ يەر باھاسىنىڭ ئىككى مەنبەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەر تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئىسلاھات يۇقىرىدىن سۈرۈشتۈرگەندە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىپلا قالماستىن، يەنە تۆۋەندىن سۈرۈشتۈرگەندە يەرلىكنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچى مەسىلىسىدە يەر مالىيەسى، ئۆي – زېمىن بازىرى قاتارلىقلارغا تايىنىدىغانلىقىغا چېتىلىدۇ، بۇ ئىقتىسادىي ئايلىنىش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا سىجىل ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ئۇ مۇنداق قارىدى: مەركەزنىڭ يېزا يەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قايتا – قايتا تەكىتلەش پوزىتسىيەسى كىشىلەرگە مەدەت بولدى، كېيىنكى ئىشلارنىڭ ئاچقۇچى ۋە يادروسى مەركەزنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق، رېئال مەسىلە بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، شۇڭا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەدبىرىنىڭ بالدۇرراق، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 2- مەسىلە: ئاشلىق بىخەتەرلىكى

چىڭىشى، يەرلەر ‹‹ئارام ئېلىشى›› كېرەك

     «زەھەرلىك جاڭدۇ››، ‹‹كادمىيلىق گۈرۈچ››لەر كەينى – كەينىدىن بارلىققا كەلمەكتە، شۇڭا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. بەزى رايونلاردا تېرىلغۇ يەر بىلەن سۇ مەنبەسى تۇرمۇش ئەخلىتى ۋە سانائەت يۇندىسى، داشقىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، تۇپراقتا زەھەرلىك ماددىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىمىيەۋى ئوغۇتنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ‹‹يەر قۇۋۋىتى›› كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، زىرائەت سېلىنمىسى بىلەن مەھسۇلات تۆۋەنلىگەن.

     خەينەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى كۆكتات سورتىنى ئوغۇتلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئوغۇتلاش ئىلمىي بولمىغانلىقتىن، ئوغۇت زىيادە ئىشلىتىلگەن. تەكىيە كاۋىنى مىسالغا ئالساق، %37 ئازوت ئوغۇتى، %92 فوسفورلۇق ئوغۇت، %55 كالىيلىق ئوغۇت زىيادە بېرىلگەن، بۇ زىيادە بېرىلگەن ئوغۇت تۇپراققا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق سالغان، فوسفورلۇق ئوغۇت زىيادە بېرىلسە، تۇپراق تاتىراڭلىشىدۇ، سۇ مەنبەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئوزۇقلۇقنى زىيادە كۆپەيتىدۇ. بەزى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشى بىلەن زەھەرلىك ماددىلار ساقلىنىپ قالىدۇ.

     خەينەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق – ئوغۇت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شيې لياڭشاڭ مۇنداق دېدى: يەرلىرىمىز ھەقىقەتەن ‹‹چارچىدى››، ئەمدى بولسىمۇ ‹‹ئارام ئېلىشى›› كېرەك! ئىلگىرى يەرگە نېمە تېرىساق ئۈنەتتى، ھازىر زىيادە ۋە زىچ تېرىش سەۋەبلىك تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەنلەپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرىدى.

     بۇ يىل مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىكولوگىيەسى ياخشى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇت ۋە تۆۋەن قالدۇقلۇق دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش، كۆلەملىك باقمىچىلىق فېرمىسىدىكى چارۋا – ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ – ماياقلىرىدىن پايدىلىنىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سوبيېكتلىرىنىڭ ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق سۇلياۋ يوپۇقى ۋە قالدۇق يوپۇقنى يىغىۋىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك.

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەشمىسى: خەينەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق – ئوغۇت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شيې لياڭشاڭ مۇنداق دېدى: 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە يەردىن ئىبارەت ‹‹ئىشلەپچىقىرىش كۈچى›› يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان، بولۇپمۇ ئىلگىرىكى يەرلىك مەشغۇلات قاتلىمىدا توختاپ قالغان تۇپراق ئورگانىك سۈپىتى ئۆستۈرۈلسە تولۇقلىما بېرىلىدىكەن، بۇ جايلارغا نىسبەتەن زور ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلسا، دېھقانلار ئورگانىك ئوغۇتنى پائال ئىشلىتىپ، چارۋا – ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ – ماياقلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ.

     جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ فېڭتيەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سانغا ئەھمىيەت بېرىشتىن تەدرىجىي سانغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن تەڭ سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. سىياسەتنى تەڭشەشتە، ‹‹مۇھىتى ياخشى يېزا ئىگىلىكى›› نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مايىل قىلىندى، يېزا ئىگىلىكى مۇھىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەردە، بەزى يېڭىچە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تېخنىكا ۋاسىتىسى دۆلىتىمىز مەدەت بېرىۋاتقان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.

پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 3 – مەسىلە: ‹‹ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پاي قوشۇش

ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش›› تىن جانلىق

پايدىلىنىش تېرىلغۇ يەر ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

     يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارغا ‹‹بىخەتەرلىك تۇيغۇسى›› ئاتا قىلىشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق يانداشما تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك.

     «يېرى ئېلىنغاندىن كېيىن بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىلگەن بولسىمۇ، بىر نەچچە يىل، ئون نەچچە يىلدىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟›› مۇخبىرىمىز شەندۇڭ، ئەنخۈي قاتارلىق جايلاردا مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا، جايلار شەھەر – بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، يېرىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن دېھقاننىڭ ‹‹بىخەتەرلىك تۇيغۇسى›› سەل تۆۋەنلىگەن، ئۇلار قانچىلىك تولۇقلىما ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

     مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تىزىملاش، كىنىشكا بېجىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دېھقانلارغا تولۇق تايىنىپ خىزمەتلەردە دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، يەنە ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پاي قوشۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 1 – نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا تۆلەم بېرىش چارىسىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ ئېلىنغان كوللېكتىپ يېرىگە تۆلەم بېرىشتىن سىرت، يەنە ئۇلارنى تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىنىش جەھەتلەردىنمۇ مۇۋاپىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يەر ئېلىش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئەرز قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەشمىسى: شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى چىن چىڭۋۇ مۇنداق قارىدى: بۇ يىلىقى 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىدا دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى يەر باشقۇرۇش ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلىنىشنى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىپتۇ. 1- نومۇرلۇق ھۆججەتتە تېرىلغۇ يەر ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار يارقىن نۇقتا كۆپ ئىكەن، مەسىلەن ‹‹ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پاي قوشۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرماسلىق›› ۋە ‹‹يەر ئېلىش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئەرز قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش››، بۇ ئەمەلىيەتتە كوللېكتىپ مۈلۈكنى پايلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەر بىر كىشىگىچە مىقدارلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ‹‹ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پاي قوشۇش ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇش›› ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، دېھقانلارغا يەر ئېلىش جەريانىغا ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى ئاتا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

     چىن چىڭۋۇ مۇنداق دېدى: ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھەر بىر دېھقانغىچە ئەمەلىيلەشكەندىلا، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرغاندىلا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش شارائىتىغا ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.

     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن ئېلىندى

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter