ئۆگىنىشچان رەھبەرلىك بەنزىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۆگىنىشچان
پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن
ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك
ئابلىمىت ئىمام
پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››دا: ‹‹ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆگىنىشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل – پاراسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئۇسۇل بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
بىرىنچى، ئۆگىنىشنى سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداقلىقى شۇ ئادەمنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆگىنىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، مېڭىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلانغان نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىشنى سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا ئائىت قانۇن – نىزاملارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ يېڭىلانغان نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئادا قىلىنىشىنى كۆزلەپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆگىنىشنى تەخىرسىز ۋەزىپە قاتارىدا بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھازىر ئىچكى – تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تەرەققىياتتا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە خىرىسلارغا، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز تەرەققىيات، ئىسلاھات ۋە تەڭشەش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىۋاتىدۇ، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، يېڭى كەشپىيات، يېڭى ئىجادىيەتلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپەيدى، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېغىرلاشتى. ئەگەر ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ ئۆگەنمىسەك، كۆز قارىشىمىز كونىراپ، ئىدىيەمىز دەۋرگە ماسلىشالمايدۇ، ئىقتىدارىمىز تۆۋەنلەپ، بۇرچىمىزنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلالمايمىز. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار زىممىسىدىكى بۇرچ، ۋەزىپە ھەققىدىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنى ئۆز ئورنىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلانغان نەزەرىيەسى بىلەن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
ئۈچىنچى، ئۆگىنىشنى ھەل قىلغۇچ ئامىل قاتارىدا بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتۇر. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ئالدىدا ئۆگىنىشنى بوشاشماي چىڭ تۇتقاندىلا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيەنىڭ يېڭىلانغان نەزەرىيەسى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئېتىقادنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە باشتىن – ئاخىر سادىق بولغىلى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى ۋە ئاساسىي تەلەپلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش – تۇتماسلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش – كەلتۈرەلمەسلىككە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تاللاش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ھەل قىلغۇچ ئامىل قاتارىدا بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
قىسقىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، كىتابتىن، ئەمەلىيەتتىن ۋە خەلقتىن پائال ئۆگىنىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ، ئومۇمىي ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ئۆگىنىشچان رەھبەرلىك بەنزىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.