تۈزۈم كاپالىتى ئارقىلىق مائارىپ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلايلى
تاۋ شىپىڭ
مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى تۈزۈم كاپالىتى ئارقىلىق مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئۆرلەش نۆۋەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىدۇر. شۇڭا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› ۋە ‹‹نۇقتىلىق شەھەرلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئىمتىھاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاتارلىق ئىككى ھۆججەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەرنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك.
مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتۇر، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مەكتەپكە كىرىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش چارىسى مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، چارىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە مۇقىملىقى مائارىپ تەرتىپىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بەزى جايلاردا تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، نارازىلىق كەيپىياتى ئەۋج ئالدى. ئالايلۇق، مەكتەپكە كىرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، مەكتەپكە كىرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى خالىغانچە كۆپەيتىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدىكى قائىدىگە خىلاپ ئىمتىھانلار ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى قاتارلىقلار. بۇ قېتىم ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق ئايرىش، مەكتەپكە كىرىدىغان ئوبيېكىتلارنى تەرتىپلىك بېكىتىش، مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئاشكارىلاش، بۇ ئارقىلىق قالايمىقان ھادىسىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇڭا، جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا رايون ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى كونكرېت قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپكە كىرىشنى پاكىت ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسەن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن رايونلار ئارىسىدا، مەكتەپلەر ئارىسىدا يەنىلا پەرق ساقلانماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرىراق سەۋىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقتىن، بەزى رايونلاردا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش بەلگىلىمىسى ۋە ئاممىنىڭ مەكتەپ تاللاش تەلىپى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلدى، مۇشۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان تۈرلۈك مەسىلىلەر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارنى شەكىللەندۈردى، ھۆججەتتە دەل مۇشۇ قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا قاراتمىلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەك، بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىرى رايون قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.
مەجبۇرىيەت مائارىپى كىشىلىك ھاياتقا ئاساس سالىدىغان مائارىپتۇر، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ھەر بىر كىشىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش. قىسمەن مەكتەپلەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارى بالدۇرراق يېتىلگەن، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن تاللايدۇ. بۇ بالىلار مائارىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە مايىللىشىشى ۋە باشلانغۇچ مائارىپنىڭ ئىمتىھانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولدى، بۇنداق قىلىش ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا پايدىسىز. جايلار ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىمتىھانسىز مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مائارىپ يىرىك پىلان تىزىسىدا: 2020- يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ تەكىتلەندى. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ تاللاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپلەرنى باراۋەر ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قىسمەن پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ياخشى مەكتەپلەرنى تاللاش خاراكتېرلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇڭا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش، بولۇپمۇ رايون ئىچىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە، شۇنداقلا تۈپ سىياسەت. ئاساسى ئاجىز رايونلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ۋە يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، ھۆججەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان رايون ئىچىدىكى ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە ياخشى مەكتەپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەكشى تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. مەكتەپ رايونى تۈزۈمى بىلەن توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەكتەپكە كىرىش دائىرىسى ۋە تەكشى تەرەققىياتنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىشتۇر. ئېلىمىز كۆپ يىل يولغا قويغان مەكتەپ رايونى تۈزۈلمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش كېرەك، بۇنىڭدا ئاددىيلا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويماستىن، بەلكى مەكتەپ رايونىنى ئايرىش تەڭپۇڭ بولۇش، مەكتەپ رايونى فۇنكسىيەسى چېگراسىنى بېكىتىش ھەم مەكتەپ رايونىنى باشقۇرۇشنى قويۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مېنىڭچە ئېلىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ئەڭ ئاۋال ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشتا ئادىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئادىل بولۇش، مىللىي تىل-يېزىق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى يولغا قويۇشتا ئادىل بولۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلغاندا مائارىپتىكى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىشى مۇمكىن.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: