Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى كۈچەيتىشنىڭ ھالقىما تەرەققىياتتىكى ئەھمىيىتى

پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى كۈچەيتىشنىڭ ھالقىما تەرەققىياتتىكى ئەھمىيىتى

2014-05-30 4:26     كۆرۈلۈشى: 1382 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى كۈچەيتىش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە  ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن  مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە نۇرھاجى مۇھەممەت      پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتل....

پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى كۈچەيتىش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە

 ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن

 مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

نۇرھاجى مۇھەممەت

     پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە خىسلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىزچىل پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىدە كونكرېت گەۋدىلىنىدۇ. پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، ھايات – ماماتىغا، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىمۇ ئالاھىدە مۈشكۈل ۋە جاپالىق. شۇڭا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى كۈچەيتىش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     1. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي تەرەققىيات تەلىپى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى يۈكلىدى. بۇ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى روياپقا چىقىرىشتا پارتىيەمىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىشتەك پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئىلمىي ھالقىش، كېيىنكىلەر ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     ئەمما، بىزدە ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان ‹‹ئىستىل›› نىڭ ئىجتىمائىي سەلبىي تەسىرىنىمۇ چوڭقۇر تونۇشىمىز لازىم، بۇلار ھازىر خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ پاكلىقى، جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ئېغىر تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. شۇڭا، ئىجتىمائىي تەرەققىيات شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا سىياسىي ساپا، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئىستىلى جەھەتلەردىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. بۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن پارتىيە بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىدىيەدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، خەلق بىرىنچى دەيدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش؛ سىياسەتلەرنى تۈزگەندە، ئىجرا قىلغاندا ھەر ۋاقىت خەلقنى ئويلاش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىدىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ھەر ۋاقىت مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ‹‹تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا، ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشقاندىلا، ئۆزگەرگىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئۆزگىرىش، ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە تەشەببۇس قىلىپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەر ۋاقىت تىرىشىش لازىم.

     2. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى پۈتكۈل ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. خەلق يالغۇز جەمئىيەتنىڭ ماددىي بايلىقلىرى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭمۇ ھەل قىلغۇچ كۈچى. ماۋزېدۇڭ ماركسىزمنىڭ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابى ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلاپ، پارتىيەمىزنىڭ‹‹ئاممىۋى لۇشيەنى››نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغان.

     «ئاممىۋى لۇشيەن›› پارتىيەمىزنىڭ تۈپ خىزمەت لۇشيەنى ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلى بولۇپ، رەھبەرلىك ۋە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا پۇرۇلتارىيات پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ۋە رېئاللاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا پارتىيەمىز ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن مەيلى قايسى جايغا بارايلى، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشنى، تەدبىر بەلگىلىگەندە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشنى، خەلقنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى، خەلق بىلەن بەك – بەك ئىتتىپاقلىشىشنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋاقتىدا، ياخشى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

     خەلق يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى يادرولۇق كۈچ. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

     3. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، تۈپ مەنپەئەتى مەركەزلەشكەن. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىغا ۋە ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەرىگە باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىمىز لازىم. شۇڭا، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولماسلىق، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان رېئال خەۋپ، گەۋدىلىك زىددىيەت، ئاجىز ھالقىلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار‹‹ئەينەككە قاراش، ئۈستىبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسەل داۋالاش››تەلىپى بويىچە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

     ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق نىشانى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئالدى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، چۈشىنىشى، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، باشتىن – ئاخىر سەمىمىي، راستچىل، كەمتەر، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى چۈشىنىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتەك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تىرىشىشى لازىم. تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە بەختى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
  • « ئالدىنقى يازما »
  • « كېيىنكى يازما »
  • ئىنكاس يوللاش
     تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

    ( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter