Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تارىخى ھەمىدى

تارىخى ھەمىدى

2014-06-19 11:39     كۆرۈلۈشى: 11,163 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: موغۇلىستان يۇرتى ھەققىدىكى قىسسەلەر ۋە ۋەقەلەر موللا مۇسا سايرامى      ھۆرمەت ۋە ھەشەمەت ئىگىلىرىدىن بولغان يېقىن دوست – بۇرادەرلەرنىڭ ناھايتى سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغا....

موغۇلىستان يۇرتى ھەققىدىكى قىسسەلەر ۋە ۋەقەلەر

موللا مۇسا سايرامى

     ھۆرمەت ۋە ھەشەمەت ئىگىلىرىدىن بولغان يېقىن دوست – بۇرادەرلەرنىڭ ناھايتى سەزگۈر قۇلاقلىرىغا يېتىپ روشەن ۋە ئاشكارە بولغايكى، قەدىمقى زامانلاردا ۋە تارىخ كىتاپلىرىدا، بۇ يەتتە شەھەر ”موغۇلىستان“ دەپ ئاتالغان. كونا ئىشەنچىلىك ھۆججەتلەردىمۇ، بۇ جاينىڭ ”موغۇللىيە“ تەۋەلىگىدە بولغانلىغى قەيت قىلىنغان. ئەمدى ”موغۇللىيە“ دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ يەتتە شەھەر دەسلەپ قايسى دەۋرىدىن باشلاپ دىننىڭ دۆلەت شېرىپىگە ئىگە بولغان؟ ئۇنىڭ پادىشالىرى قايسى مەزھەپ ۋە مىللەتكە مەنسۇپ؟ خاقانى چىنىنىڭ بۇ جايغا قاچان ئىگىدارچىلىق قىلغانلىغىغا قانچە يىل بولدى؟

     يۇقىرقى مەسىلىلەرنى تەپسىلى يېشىپ بېرىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بۇ قىسقىچە تارىخچىدا، ئالدى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن تارىخچىلارنىڭ ئەۋلاتلارغا تەقدىم قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ كىتاپلىرىدىكى ئىبارىلەرنى نەمۇنە ئورنىدا بايان قىلماي تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر سۆزلىگۈچى سۆزىنىڭ ئەۋۋىلىنى باشلىماي تۇرۇپ ئاخىرىدا كۈچەپ كەتسە، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى بېشى يوق گەپ دەپ نەزەر- ئېتىۋارغا ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا ”رەۋزەتۇسسافا“ (ساپالىق باغ – ت)، «مۇنتەخەببۇتتاۋارىخ» (تارىخلارنىڭ تاللانغىنى – ت)، ”تارىخ رەشىدى“ ۋە باشقا تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن تاللانغان بىرقانچە مەلۇمات بۇ ئەسەردە ئالدى بىلەن قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ.

     ئەلقىسسە، ئۆتكۈر كۆزلەر ئەھلى ۋە دانالارغا مەخپى قالمىغايكى، بۇ تارىخنى يېزىشتىكى ئەسلى مەقسەت بولسا، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەھۋالى، پادىشا ۋە ئەمىر- ئەمىرالىرى، دۆلەتكە ھۆكۈمران بولۇپ سۆلەت ۋە سەلتەنەت تاپقانلار ۋە ئۇلارنىڭ شۆھرەت ياكى قان- قېرىنداشلىق جەھەتتىكى نامى نەسەپلىرى، ئەسلى ۋەتەنلىرى، ئورۇن مەنزىللىرى، يۇرتى، ئۇلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى، نىشان- ئالامەتلىرى، سۆز- ماقالىلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئالدى بىلەن نوھ بىننى ئادەم سانى (ئىككىنچى – ت) نىڭ زىكىرىنى ئارزۇ- تىلەك ۋە تەبرىك بىلەن باشلىماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۆجىزلىك ۋەقەلىرى، قەۋم گۇرۇھلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئاچماي تۇرۇپ، مەقسەت ۋە مۇددىئاغا يەتكىلى بولمايدۇ.

     نوھ ئەلەيھىسسالام ئەللىك كەم بىر مىڭ يىل (مىلادى 950- يىلى – ت) پەيغەمبەرلىكتە ئولتۇرۇپ، ئۆز قەۋملىرىنى دىنغا دەۋەت قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ قەۋملىرى يامان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلمىدى ۋە توغرا يولغا كىرمىدى. «كىتابى مۈلكولئەئالام» (ئالەم ئىگىسىنىڭ كىتاۋى يەنە قۇرئان – ت) دە ۋە ئەرەپ، ئەجەم خەلقىنىڭ ئارىسىدا، خۇدا ئۆز قەھرى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ دوزاققا تاشلىغانلىغى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار ۋە مەشھۇر رىۋايەتلەر ساقلانغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەققىدىكى قىسسىلەرگە ۋە نوھ ئەلەيھىسالامنڭ سام، ھام ناملىق ئىككى ئۇلۇغ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە توختالمىدىم.

     نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى يافەس بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن ۋەتەن تۇتقان ئەۋلاتلىرى ھىن، تۈرك، موغۇل قاتارلىق قىبىلىلەرنىڭ نەسەپلىرىنى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ بۇ جايلاردىكى باشقا قىبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولساممۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەسمىكىن دىگەن خىيال- ئەندىشە بىلەن، پەقەت يافەسنىڭ بىر ئوغلى تۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى، نەۋرە- چەۋرىلىرى، قەۋمى- قېرىنداشلىرىنىلا قىسقىچە بايان قىلدىم. چۈنكى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆمرى 80 ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ قەدەملىرى قىسقىرىپ، نوقسانلىرى كۆپىيىدىكەن. شۇڭلاشقا، تۆۋەندە يازغانلىرىمنى تەنە- تەئەررۇز قىلماسلىغىڭىزلارنى ئۈمىدت قىلىمەن.

     خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، نوھ ئەلەيھىسسالام ئاب ئازاپىدا (تۇپان سۈيى بالاسىدا – ت) پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بىر كېمە ياساپ، كېمىگە ھەر تۈرلۈك مەخلۇقتىن بىر جۈپ سېلىپ، ئەڭ ئاخىرى كېمىنى جۇد تېغىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن سەكسەن كىشى سالامەت چىقتى. لېكىن دەريا سۈيىنىڭ داۋاملىق ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارمۇ ھالەك بولۇپ، ئاقىۋەت نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، ئۈچ ئايال جەمئىي يەتتە كىشىلا سالامەت قالدى. يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت گۇرۇھى ياكى ئادەم جىنسى، دەل شۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىدىن تارالغان ئەۋلاتلاردىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپتىن، نوھ ئەلەيھىسسلام «ئادەم سانى» (ئىككىنچى ئادەم ئەلەيھىسسلام – ت) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا يەر يۈزىدە بۇلاردىن باشقا ھايات ۋە ئىنسان قالمىغان ئىكەن.

     نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرى سام، ھام ۋە يافەس ئىدى. بۇلار يەنە پەيغەمبەر مۇرسەل ئىدى دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار. سام نوھنىڭ يەنە باشقا ئوغۇللىرىغا قارىغاندا ئەقىللىق، دانا ۋە ساپ پاراسەتلىك ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسلام ئەنبىيالىق ۋە ئەلچىلىكنىڭ ئىچكى سىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. باشقا پەرزەنتلىرىنى بولسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئىدى. ئالەمنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە ياخشى جايلىرىنى، بولۇپمۇ روبئى مەسكۇن (يەر يۈزىنىڭ ئادەملىرى ياشايدىغان ئاۋات قىسىمى – ت) نىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ياخشى يەرلىرىنى مەخسۇس پەرزەنتىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ھۆكىما (پەيلاسوپلار – ت) ۋە ئەمىرالارنى (ئەمىرلەرنى – ت) سامنىڭ نەسلىدىن بولسۇن دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. سام بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇنىڭدىن توققۇز پەرزەنت دۇنياغا كەلدى. بۇلار ئەرفەھشەغ، كىيومرىس، ئاسۇر، يەقىن، لاۋاج، لاد، ئەلەم، لەدىم، يۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەرفەھشەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى، كىيومرىس بولسا پادىشلارنىڭ ئانىسى ئىدى.

     سام ھەر بىر پەرزەنتىنى ھەر قايسى تەرەپكە بۇيرىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئون توققۇز خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولدى ۋە بابىل، يەمەن، ھەزەرمۇت، ئومان، ئىراقەيىن، پارىس قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان بولدى. بەزىلىرى يەر زىمىننىڭ شەرق ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگە بېرىپ، ھام بىلەن يافەسنىڭ ئەۋلادىغا ئارىلىشىپ، نوپۇسى ناھايىتى كۆپىيىپ، شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئاۋات قىلدى.

     ھام جەنۇپ تەرەپكە بېرپ، دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان بولدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا توققۇز پەرزەنت بەردى. ئۇلار ھىند، سىند، نۇبە، كەنئان، زەنج، كوش، قىمىت، بەربە (بەربەر ـ ت) ھەبەش دەپ ئاتالدى. سۇدان يۇرتىنىڭ ئادەملىرى، زەنگىبار، ھەبەس، ھىندىستان خەلقى ھامنىڭ ئەھۋلادى، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئون سەككىز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى. ئۇلارمۇ نۇرغۇن شەھەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى.

     بۇرۇن نوھ ئەلەيھىسسلام كېمىسىنى جۇد تېغىغىا سۆرەپ چىقىپ، ئۆز پەرزنەتلىرىگە زىمىن ئايرىپ رۇخسەت بەرگەن چاغدا، يافەس دادىسىدىن ”ماڭا دۇئا ئۈگەتسىڭىز، مەن خالىغان چاغدا دۇئا قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغان بولسام“ دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىدى، دادىسى بۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى. ئاللا ئۇنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىسمى ئەززەم دىگەن ئايەتنى ئەۋەتتى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى تاشقا نەقىش قىلىپ ئۇيۇپ بەردى. بۇ تاشنى ئەرەپچە ”ھىجىرىلمەتلەر“ (يامغۇر ياغدۇردىغان تاش – ت) دەيدۇ. تۈركلە ”يادا تاشى“ ياكى ”جادا تاشى“ دەپ ئاتايدۇ.

     يافەس دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدىكى ئىدىل (ۋولگا – ت) ئىرىتىش دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايتى. ياخشى قائىە- يوسۇنلارنى ئورناتتى ۋە دۇنيانىڭ شەرقىدىكى بېيجىڭ مەمىلكىتىدە بىر شەھەر بىنا قىلدى، خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئون بىر پەرزەنت بەردى. ئۇلار چىن، ساقلاپ، گۇمادى، تۈرك، خەلەج، خەرىز، رۇس، سەدسان، غەربا، رۇج، مۇنشەج دەپ ئاتالدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئەۋلادىدىن قىز ئېلىپ بېرىپ، ”يۇرتۇڭلارنى ئاۋات ۋە باي قىلىڭلار، ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىگە ئوبدان تەربىيە بېرىڭلار، ئۇلار كۆپەيسۇن“ دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

     يافەسنىڭ ئەۋلادىغا تۈرك دىگەن ئوغلى باشلىق بولدى. ئۇ ناھايتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ ئالەم ئەتراپىنى سەيلە قىلىپ يۈرۈپ بىر كىچىك دەريا ۋادىسىغا باردى. بۇ جاينى ”سەيلۇك “ دەپ ئاتايتى. بۇ ئېقىن سۇلىرى، بۇلاقلىرى كۆپ، چىرايلىق سايرايدىغان ھەر تۈرلۈك قۇشلار ياشايدىان خۇش ھاۋالىق بىر جاي ئىدى. تۈرك بۇ جاينى كۆڭلىگە ياقتۇرۇپ، ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئوت- گىيا ۋە قومۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇردى. ئاندىن كېيىن چېدىر- ئۆيلەرنى پەيدا قىلدى، چارۋا تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كەيدى. ئۇنىڭغا ناھايتى ئادىل ۋە سېخى پادىشالىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەق تائالانىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى، ھەم ناھايتى ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىگە ”فودەك“ دەپ ئىسىم قويدى. فودەك ئوۋ قىلىشقا ناھايتى ئامراق ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سەھرادا كىيىك گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغاندا، بىر پارچە كاۋاپ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فودەك بۇنى يەردىن ئېلىپ دەرھال ئاغىزىغا سالدى ۋە كاۋاپنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىگىنى سەزدى- دە، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى تۇز بىلەن يەيدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىلگىى بۇنداق ئادەتنى بىلمەيتى.

     يافەسنىڭ ئوغلى خەرىز شىمال تەرەپتىكى مەمىلكەتلەردىن سۇ بويلىرىغا كېلىپ، بۇ جايلارنى مۇناسىپ كۆرۈپ ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۈلكە، سۈلۆسۈن ئوۋ قىلىپ، تېرىسىنى كىيىم قىلىپ كىيىدىغان بولدى. خەرىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىر پەرزەندى دەرياغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. خەرىز سۇنىڭ زىددى (قارىشىسى – ت) ئوت ئىكەن دەپ ھېساپلاپ نۇرۇغن ئوتۇن راسلاپ ئەھلى قەۋمىنى ھازىر قىلىپ، داپ، تەمبۇر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى تەييارللاپ، نەغمە- ناۋا بىلەن، ئوغلىنىڭ جەسىدىنى دەريادىن سۈزۈپ چىقىرىپ ئوتتا كۆيدۈردى، بۇنداق شۈم ۋە يامان ئادەتلەر تا ھازىرىغچە بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى يەنە تاغ غارلىرىدىن ھەسەل تېپىۋېلىپ ھالۋا قىلىشنى پەيدا قىلغان ئىكەن.

     كۈنلەرنىڭ بىرىدە يافەسنىڭ ئوغلى رۇس خەرىزنىڭ يۇرتىغا يېقىن كۆچۈپ كېلىپ، خەرىزگە ئەلچى كىرگۈزۈپ، ئۆزىگە يېقىنراق بىر جايدىن ئورۇن بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. خەرىز ناھايتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا پاكىز ۋە ھاۋالىق بىر ماكاننى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ جايدا ئورۇنلىشىپ قالدى.

     يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى غار بۇلغار دىگەن زىمىنغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، ياخشى ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدى. لېكىن ئۇ ناھايتى مەككار- ھىلىگەر ئىدى ۋە ئۆز قېرىندىشى تۈرك بىلەن قاتتىق جەڭ- جىدەللەرنى قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭ سەۋىۋى شۇكى، بىر كۈنى يافەس بىننى نوھ دەرياغا چۈشۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يادا تاش غەر بىننى يافەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا يافەسنىڭ ھەر قايسى ئوغۇللىرى بۇ يادا تاشقا مەن ھەقلىق دەپ دەۋا قىلىشتى. غەر ھىلىگەرلىك ئىشلىتىپ، خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تاش تېپىپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش قىلىپ، ئىسمىنى نەقىشلەپ تەييارلاپ قويدى. ئاندىن ئۇ ”چەك تارتىپ باقساق، چەك قايسىمىزغا چىقسا يادا تاش شۇنىڭغا مەنسۇپ بولسۇن“ دىدى. ئۇلار بۇنىڭغا قارار قىلىشىپ چەك تاشلاشتى. چەڭ تۈرك بىننى يافەسكە چىقتى. غەر ئىلاجىسىزلىقتىن ئۆزى تەييارلىغان يالغان يادا تاشنى تۈرككە بەردى. تۈرك بۇ تاشنى ئېلىپ ھەرقانچە يامغۇر تەلەپ قىلسىمۇ، يامغۇر ياغمىدى. ئۇ يالغان يادا تاشنى ئۇقۇشماي ئېلىپ قويغانلىغىنى بىلىپ، غەرنىڭ ھىيلە- مىكىر قىلغانلىغىنى سېزىپ، لەشكەر يىغىپ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى ۋە يالغان يادا تاشنىڭ ئورنىغا راست يادا تاشنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غەرمۇ چوڭ ئوغلى بىيۇدنى لەشكەر بىلەن جەڭگە ئەۋەتتى. ئارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، بىيۇد جەڭدە ئۆلدى. تۈرۈك غەلبە قىلىپ قايتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىر تۇققانلار ئارىسىدا جەڭ- ماجىرالار باقى ئادەت بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.

     يافەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى ساقلاپ غەرپ تەرەپلەردە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى ۋە ئەۋلاتلىرىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ چاغدا يەنە ئۇنىڭ بىر ئىتىمۇ توساتتىن كۈچۈكلىگەن ئىدى. ساقلاپ بۇ ئوغۇلنى ئىتقا ئىمىتىپ، پەرۋىش قىلىپ چوڭ قىلدى. بۇ بالا ئىتقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ يۈزىنى چىشلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغىمۇ ساقلاپ دەپ ئات قويدى. بۇ بالا بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن پەرزەنتلىرى ۋە تەۋەلىگىنى باشلاپ رۇس دىيارىغا بېرىپ، ئۆزىگە لايىق بىر زىمىن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، رۇس ئۇنىڭغا ”بۇ زىمىن بەك تار، سىزلەرگە كەڭ بىر جاي لازىم ئىكەن“ دەپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. ساقلاپ ئۇنىڭدىن يېنىپ گۇمادى ۋە خەرىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، يەنە شۇ تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئوخشاش جاۋاپ ئالدى، نەتىجىدە ئۆز- ئارا جەڭ- ماجىرالار پەيدا بولدى. ساقلاپ قېچىپ بىر جايغا باردى. بۇ يەر بولسا دائىرىسى ئالتىمىش دەرىجىدە ۋە يەتتە ئىقلىمنىڭ سىرتىدىكى بىر جاي ئىدى. سوغاق قاتتىق بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلار يەر تېگىدىن ئۆي ياساپ ئولتۇراتتى.

     يافەسنىڭ گۇمادى دىگەن يەنە بىر ئوغلى ئەيشى- ئىشرەت ۋە ئوۋچىلىققا ئامراق بىر كىشى ئىدى. ئۇ ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت بۇلغارنىڭ ئەتىراپىدا مۆتىدىل خۇش ھاۋالىق ۋە پاكىز بىر جاينى تېپىپ، شۇ جايدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئىككى پەرزەنت بەردى. ئۇنىڭ بىرىگە بۇلغار، يەنە بىرىگە بەرتاس دەپ ئات قويدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ھەر تەرەپكە بېرىپ، ئىمارەت سېلىپ، تۈلكە، سىنجاپ (سۈلۆسۈن – ت)، سەمۇر (قۇندۇز – ت)، تاقىم (قۇش – ت) ئوۋلاپ، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ كىيىدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. بۇ ئادەت شۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە جامائەت ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

     يافەسنىڭ ئوغلى چىن ناھايتى ئەقىللىق، زېرەك، ھۇشيار ۋە تەدبىرلىك كىشى ئىدى. دادىسى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنىمۇ ئوغلىنىڭ نامى بىلەن چىن دەپ ئاتىدى. چىن يەنە تەبئىتى ئۇستۈن ۋە ھۈنەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ نەققاشلىق، رەسسامچىلىق ۋە گۈللۈك كىيىم تىكىپ كىيىشنى پەيدا قىلدى. پىلىچىلىك ھۈنەرۋەرچىلىگىنى كەشەپ قىلىپ، بۇنى ئۆز پەرزنەتلىرىگە ئۈگەتتى. بۇ ھۈنەرۋەنچىلىك ھازىرمۇ كۆپرەك بېيجىڭدا مەشھۇر. بۇ چىننىڭ پاك زېھىن- ئىدرەككە ئىگە بولغانلىغىنىڭ ئىپادىسى. بۇ چاغدا ئاللا چىنغا خۇش چىراي ۋە شوخ بىر پەرزەنت بەردى، بۇنىڭغا ماچىن دەپ ئات قويدى ۋە ئۇنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلدى، ماچىنمۇ كۆپ پەرزەتلىك بولدى، بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ”مېنىڭ پەرزەنتلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، بۇ زىمىنغا سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتىم. ئەگەر رۇخسەت بولسا يېقىنراق بىر شەھەر بىنا قىلپ ئولتۇرسام“ دىدى. چىن بۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ماچىننىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان بولدى، ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ بالىلىرىغا قوينىڭ يۇڭىدىن يىپ ئىگىرىپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۈگەتتى. قۇش جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە ئەنقا دىگەن ناھايتى چىرايلىق سۈرەتتەك بىر قۇش بار ئىدى، ئۇ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا باشلىرىغا قىسىدىغان بولدى. ماچىن بۇ قۇش قاناتلىرىنى جەڭ كۈنلىرىدە باتۇرلارنىڭ دەستار- داۋۇلغا (ئوق ئۆتمەيدىغان تۆمۈر ياكى پولاتتىن ئىشلەنگەن باش كىيىم ـ ت) لىرىغا بېكىتىپ، ھەيۋەتلىك باتۇرانە قىياپەتكە كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇ ئادەت مەنساپدارلار ئارىسىدا تا ھازىرقى دەۋرىگىچە ساقلانماقتا.

     يەنە بىر قېتىم ماچىن ئوۋغا چىقىپ، بىر كىيىكنى تۇتقان ئىدى، كىيىكنىڭ كىنىدىگىدىن بىر خىل خۇش پۇراق قان ئېقىپ چىقتى. ماچىن بۇ قاننى ئېھتىيات قىلىپ ساقلاپ قويدى. قۇرۇغانسېرى بۇ قاندىن تېخىمۇ بىر خىل خۇشپۇراق پەيدا بولدى. ماچىن شۇنىڭدىن باشلاپ ”ھەرقانداق كىشى بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغان بولسا، ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېھتىيات قىلىپ ساقلىسۇن“ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىيىكنى ئوۋلايدىغانلار ئۇنىڭ كىندىگىنى ئېلىپ ساقلايدىغان بولدى. بۇ مىشكى (ئىپار – ت) دەپ ئاتىلىپ، ئادەملەرنىڭ قولىدا بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇ ھال ماچىننىڭ بالا- پەرزەنتلىرىگە يىلدىن- يىلغا بايلىق- بەرىكەت ئېلىپ كەلدى. چىن ۋە ماچىننىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ پەرزەنت- ئەۋلاتلىرى ئوتتۇزئالتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى.

     شۇنداق قىلىپ، سام، ھام، يافەس بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى يەتمىش ئىككى خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى بىر تايىپە ياكى بىر قەبىلە بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قەبىلىلەر بىر- بىرى بىلەن تىلماچ (تەرجىمان – ت) ئارقىلىق سۆزلىشەتتى. ھەر بىر تايىپە ياكى قەبىلە ھەر تەرەپكە تارقاپ، ئۆز ئالدىغا شەھەر- ئىمارەتلەرنى بىنا قىلىپ ياشايدىغان بولدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، يەئجۇج ۋە مەئجۇج دىگەن تايىپە ۋە قەبىلىلەرمۇ يافەسنىڭ ئوغلى مىنشەجىنىڭ ئەۋلادى دەپ بايان قىلىنىدۇ.

     ئەگەر يافەس بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون بىر ئوغلىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلىدىغان بولساق، گەپ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ، بۇ قىسقىچە تارىخنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ. بىز بۇنىڭ ئىىچىدە پەقەت ئايرىم تۈرك ئەۋلاتلىرىنىلا تەپسىلىرەك بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قەلەم سۈردۇق.

بەزى تارىخىي كىتاپلاردا، تۈركنى يافەس ئوغلان دەپ ئاتايدۇ ھەم ئۇنى كيومرىس بىلەن زامانداش دەپ بايان قىلىدۇ. ئومۇمەن تۈرك، موغۇل (موڭغۇل – ت)، تاتار، قىرغىز، قىپچاق، ئۇيغۇر ، مانجۇ، نايمان، چىركەس، داچىڭ، داغىستان، تۇرغوۋت، نوغاي، بارلاس، جوراس، جالايىر، دىلىم، جۇرجۇت، يەئجۇج- مەئجۇج قاتارلىق نەچچە مىڭ قەبىلە ۋە نەچچە مىڭ تايىپىنىڭ نەسەپلىرى تولۇق تۈرك بىننى يافەسكە يېتىدۇ.

     يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، يافەس نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك، ئۇنىڭ ئوغىلى ئەبىلغاخان، ئۇنىڭ ئوغلى زىپ باتۇيخان، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلەنجە خان ئىدى. بۇ ئەلەنجە خاندىن قوشگېزەك ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بىرسىنىڭ ئېتىنى موغۇل، يەنە بىرسىنىڭ ئېتىنى تاتار دەپ قويدى. ئەلەنجە خان بولسا ئۇلۇغ شان- شەۋكەتكە، چەكسىز بەخت- دۆلەتكە ۋە ھەددى- ھىساپسىز مال- مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن زامان پادىشالىق قىلدى. شۇ سەۋەپتن ئۇ توغرا يولدىن ئېزىپ ئۆز ئەجداتلىرى ئىچىدىكى خانلار ئارىسىدا ئەسلىدىكى دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىنى تاشلاپ، يامان يولنى باشلاپ، ھەممىدىن بۇرۇن كۇفرۇ شىرىكلىك (مۇشىرىكلىك – ت) يولىنى تۇتقان خانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەلەنجە خان ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلاراغا چېگرا- پاسىل بەلگىلەپ بەردى. موغۇل خانغا تەۋە جايلارنى”موغۇلىستان“، تاتارخانغا يېقىن جايلارنى ”تاتارىستان“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. موغۇل خان بىلەن تاتارخان ئۆزىگە تەۋە زىمىنلارنىڭ كاتتابېشى بولۇپ ئۆتتى. شۇ زاماندىن بۇ جايلار ”موغۇلىستان“ ۋە ”تاتارىستان“ دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. موغۇلۇستاننىڭ دائىرە ۋە پاسىلى مەزكۇر كىتاپنىڭ خاتىمە قىسىمىدا بايان قىلىنىدۇ. ئاللا ئۇنى يېزىشقا ئىمكانىيەت بەرگەر- ئىنشا ئاللا!

     ئەلەنجە خاننىڭ ئوغلى موغۇلخان، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان ئىدى. لېكىن، قاراخان ئۆز ئىسمى- جىسمىغا لايىق قارانىيەت، مۇشرىكلىك ۋە كاپىرلىق مەزھىپىنىڭ يولىدا قەتىي تۇرىدىغان، كۆرگەنلا مۇسۇلماننى زادىلا تىرىك قويمايدىغان بىر خان ئىدى. ئىسلامغا ئاداۋىتى كۈچلۈك بۇ كاپىرىدن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. بۇ يۈزى ناھايتى نۇرلۇق ئوغۇل ئىدى. بۇ ئوغۇل ئۈچ كۈنگىچە يا ئانىسى ياكى بىرەر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاغىزىغا تەككۈزمىدى. ئانىسى بۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايتى غەمكىن بولۇپ تۇرغاندا، چۈشىدە بالىسىنىڭ: ”ئەي ئانا! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئىمەي، مۇسۇلمان بولمىساڭ ئەممەيمەن، بۇ سىرنى زادى كىشىگە دىمە“ دىگەن سۆزى ئايان بولدى. ئۇ ئۇيقۇدىن تۇرۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. بالا سۈتنى ئەمدى. ئانىسى ئېرىنىڭ خۇلقى- مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دىمەي، ئۆز ئىمانىنى مەخى ساقلىدى. موغۇللارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن چاغدا، ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، يۇرتنىڭ چوڭ- كىچىكلىرىنى چىللاپ، ئات توي مەرىكىسى قىلاتتى. شۇ پەيتتە دادىسى بىلەن ئانىسى مەرىكىگە تەرەدۇت قىلىپ، بۇ خۇش پېئىللىك، گۈزەل ئوغلىغا نىمە دەپ ئات قويساق بولار دەپ مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بۇ زەكي بالا ”مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن“ دەپ تىلغا كىردى. دادىسى بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خوشاللىقتىن ئۇنىڭ ئېتىنى ئوغۇز دەپ قويدى.

     ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە، قاراخان ئۇنىڭغا ئۆز ئىنىسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە ياتمىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا نەزەر سېلىپمۇ قويمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئوۋدىن يېنىپ بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەندە تاغىسىنىڭ قىزى ”مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام“ دەپ تەلەپ قويدى. ئوغۇزخان ”ئەگەر مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن ئەمىر- ئەقىدەمگە ئالاي“ دىگەندە، ئۇ قىز مۇسۇلمان بولدى. ھەر ئىككىسى ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشكە ۋەدە- ئەھد قىلىشتى. بىر كۈنى ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتتى. دادىسىمۇ سىرنىڭ تېگىگە يەتمەيلا ماقۇل بولۇپ، بۇ قىزنى ئېلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەر- خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ناھايتى چوڭقۇر ئىدى.

     بىر كۈنى ئوغۇز ئوۋغا كەتكەندە، قاراخان ئوغۇزنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن ”ئوغلۇم سىزگە نىمە ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىمىدى“ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ”ئۇ ئوغلىڭىز مۇسۇلمان دىنىغا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ توقال خوتۇنىمۇ مۇسولمان بولۇپتۇ، مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىدىن يانمىغانلىغىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى“ دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزەپ ئوتلىرى ئۆرلەپ، ئوغۇزنىڭ ئۈستىگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولدى. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمان خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇزغا خەۋەر قىلدى. ئۇمۇ لەشكەر تۈزۈپ تەييارلاندى. ئارىدا قاتتىق جەڭلەت بولۇپ، ئوغۇز غەلبە قىلىپ، دۈشمەنلىرىنى داداىسىنىڭ قارارگاھىغا يېقىن بىر جايغىچە سۈرۈپ كەلدى. بۇ چاغدا دادىسى لەشكەرگە ئۆزى قوماندالىق قىلىپ ئۇرۇشقا چىقتى. ئۇرۇشتا دادىسى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرى يوق قىلىندى. نەتىجىدە ئوغۇز تامامەن غەلبە قىلىپ، دادىسىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىغىنى ئاشكارە قىلىپ، يۇرت ئىچىگە ئادالەت ۋە پاراۋان تۇرمۇش تىكلىدى. ياخشى قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورناتتى. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشالىق قىلىپ، ئەرەپ زىمىنلىرى ھەتتا رۇبئى مەسكۇننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يۇرتلاردىمۇ ئاۋاتلىق ۋە مەمۇرچىلىق ئورناتتى. خۇداۋەندەكېرىم ئۇنىڭغا ئالتە پەرزەنت بەردى. ھەر بىر پەرزەنتى يەنە تۆتتىن جەمئىي يىگىرىمە تۆت پەرزەنتلىك بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى يىگىرىمە تۆت تارماققا ئايرىلىپ، يىگىرىمە تۆت قەبىلىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر، قانلى، قاي، خەلەج دىگەنگە ئوخشاش ئايرىم- ئايرىم نام لەقەملەر بىلەن ئاتىلدىغان بولدى.

     ئوغۇزخان قوشۇن باشلاپ ئەرەبىستان تەرەپكە يۇرۇش قىلغان چاغدا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىرى جەڭدە ۋاپات بولدى. بۇ باتۇرنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، تۇغۇت ۋاقتى- قارارىغا توشۇپ، كىشىگە كۆرۈنمەيدىغان بىر خالى جاي تاپالماي، بىر دەرەخىڭ كاۋىكىنى پانا قىلىپ، شۇ جايدا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئادالەتپەرۋەر ئوغۇزخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ ئايالنى بالىسى بىلەن بىللە ھەرەمگە (ئۆز ئوردىسىغا – ت) ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىلدى. بۇ بالا دەرەخ ئىچىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ”قىپچە“ دەپ ئات قويدى. چۈنكى دەرەختىن يېڭى ئۈنۈپ چىققان نوتىنى ”قىپچە“ دەپ ئاتايتى. كېينچە سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ”قىپچە“ دىگەن نام ”قىپچاق“ دەپ ئۆزگىرىپ مۇقىملاشتى. بۇ بالا چوڭ بولغاندا، ئوغۇزخان ئۇنى لەشكەر باشلاپ خەزەر (كاسپى كۆلى – ت) تەرەپكە يولغا سالدى. ئۇ شۇ جايلارنى ئىگەللەپ ماكان قىلدى. قىپچاق قەبىلىرى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.

     ئوغۇزخان يەنە بىر ئوغلى كۈن خان دىگەننى ئۆزىگە قايىم ماقام (مىراسخر – ت) قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈن خاننىڭ ئوغلى ئاي خان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇلتۇز خان، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىز خان، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلى خان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېل خان قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن پادىشا بولدى. بەزى راۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېل خان بىلەن پادىشا فەردۇننىڭ ئوغلى تۇر ئارىسىدا بەزىدە قارىمۇ- قارىشىلىق ئاداۋاتلىرى، بەزىدە خەت- ئالاقە ۋە برىش- كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىدى. بۇنىڭا قارىغاندا، ئېل خان تۆرىنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان.

     موغۇل خانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىچىدە سەككىز نەپەر خان ناھايتى شەۋكەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك پادىشا بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، تاتارلار موغۇل خانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ھەممە موغۇللارنى قىرغىن قىلىپ، ئۇرۇق- ئەۋلادىنى يەر يۈزىدىن تامامەن يوق قىلدى. پەقەت ئېل خاننىڭ ئوغلى قىنانخان بىر پۇرسەت تېپىپ تاغىسىنىڭ ئوغلى تەكۇز بىلەن بىللە تاتارلانىڭ قىرغىنچىلىغىدىن قېچىپ، خوتۇن، بالا- چاقىلىرىنى ئېلىپ، بىر مۇنچە چارۋىسىنى ھەيدەپ، بىر پىنھان تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياشايدىغان بولدى. بۇ تاغنىڭ پەقەت بىرلا دەرۋازىسىدىن باشقا چىقىدىغان ئاغىزى يوق ئىدى، ئۇلار بۇ دەرۋازىنى مەھكەم بېكىتتى ۋە بىر قانچە ئەۋلاتقىچە بولغان نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە، ئۇلار شۇ تاغ ئارىسىدا ياشاپ كەلدى. ئەۋلاتلىرى ۋە چارۋىسىمۇ ناھايتى كۆپەيدى. قىنانىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”قىيات“، تەكۇزنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ”ئۆكۈش“ دەپ ئاتايدىغان بولدى. بۇلار كېينچە تېخىمۇ كۆپىيىپ، بىر قانچە قەبىلىگە ئايرىلىپ تاغ ئىچىگە سىغمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئاسماننىڭ تېگىدە بۇ جايدىن باشقا يەنە بىر زىمىن يوق ۋە بىزدىن باشقا ئىنسان ياكى مەخلۇقمۇ يوق دەپ ھىساپلايتى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ماكانىنى ”ئەرگىنەقۇن“ دەپ ئاتايتى. بىر كۈنى ئۇلار ئەجداتلىرى بېكىتىپ قويغان دەۋازىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا باشلىدى.

     ئەسلىدە موغۇل خانلىرىدىن سەككىز خان دۆلەت ۋە ئىززەت بىلەن تۇغۇلۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەشەمەتلەر بىلەن ئۆتكەن ئىدى. توققۇزىنچىسىغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ نىيىتى نابۇد بولدى. شۇڭلاشقا كېيىنكىلەر بۇ سەككىز خاننىڭ زامانى مۇبارەت ۋە خوشلۇق ھىساپلايدىغان، پادىشالار ئۇلۇغ شەۋكەت ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىلىرى ئۆز- ئارا توققۇز توققۇزدىن سوغا- سالام قىلىشىدىغان ئەھۋال ئادەت بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇلار بىر سەككىزنى ”بىر توققۇز“ دەپ ئاتايتى. خان ۋە پادىشالار، ھەتتا پۇقرالار بولسا پەقەت سەككىز ناننى كۆتىرىپ بېرپ، ئۇنى توققۇز دەپ ھىساپلايتى. بۇنداق ئادەت موغۇلىستان يۇرتىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

     ئۇ چاغدا، ئېل خان ئەۋلادىدىن يۇلتۇز خان پادىشا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىرسىدىن ئوغۇل، يەنە بىرسىدىن قىز دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇلارنى بىر- بىرىگە نىكا قىلىپ قويغان ۋە بۇلاردىن بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا يۇلتۇز خانمۇ ۋاپات بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرىمۇ ۋاپات بولۇپ، پەقەت ئالانقۇۋا دىگەن بىر خوتۇنلا يالغۇز قالدى. بۇ خوتۇن يۇلتۇز خاننىڭ خەلقى ۋە ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولدى. ئالانقۇۋا ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئىدى. بىر كېچىسى ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈگىدىن خۇددى ئاپتەپتەك بىر نۇر كۆرۈنگەندەك بولدى. بۇ نۇر يەنە ياش بىر يىگىت سۈرئىتىگە كىرىپ ئالانقۇۋا بىلەن ھەمبەستەر (بىللە – ت) بولدى، ئۇنىڭدا بىر خوشاللىق پەيدا بولۇپ ھامىلدار بولۇپ قالدى. دۆلەت ئەركانلىرى (ئەرباپلىرى – ت) بۇنى ئاڭلاپ تەئەررۇز- مەسخىرە قىلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا ئالانقۇۋا ”مېنىڭ ئادىتىم پاكلىق، نومۇسلۇق، راستچىللىق بولۇپ، پاھىشە ۋە يامانلىق قىلمايمەن، ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر ئۆيگە كىرىپ، ياش يىگىت سۈرىتىدە بولۇپ بىللە بولدى. ھامىلدار بولۇپ قالدىم“ دەپ ھىكايە قىلدى. بەزىلەر بۇ نۇرنى ھەرزىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ ۋە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دەپ قىياس قىلىشتى. مۇنداق ئەھۋاللار خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن بولغان. بۈۋى مەريەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي!) دىن ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىسىز تۇغۇلغان، بۇنداق ئاجايىپ ۋە غارايىپ ئىشلارنى خۇداۋەندە ئاللا ئاسانلا پەيدا قىلالايدۇ. خالىغلان نەرسىنى قىلالايدىغان ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قلالايدىغان بىردىن- بىر سۈپەت پەقەت رەھىمدىل ئاللاغىلا خاس دەپ پەتىۋا قىلىشتى. بەزىلەر يەنە ئاستىرونۇم ۋە پەيلاسوپلارنىڭ، ئەگەر كۈن بىلەن ئاي ھەمەل بۇرجىدا (مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە بولغان مەزگىل – ت) بىر سىزىققا توغرا كېلىپ، ئالتىنچى دەرىجىدە ئۇچۇراشسا، شۇنداق ۋەقەلەر پەيدا بولىدۇ دىگەن سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ راستلىغىنى ئىسپاتلاپ ۋە تەستىقلاپ، بىر قانچە سەۋەپ ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى. ”رەۋزە تۇسسافا“ دىگەن كىتاپتىمۇ باشقىلارنىڭ ئالانقۇۋاغا قىلغان مەسخىرە ۋە ئەيىپلەشلىرىگە قارىشى بىرمۇنچە دەلىل- ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن.

     كەمىنە مەندەك كۆپ نوقسانلىق بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدە، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان مۇنداق بىر قارىشى مەندىكى سۆز ئۆزىنىڭ نىقاپ پەرىدىسىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنۇپ، مەخپى بولۇپ كەلگەن بۇ ئاجايىپ رىۋايەتنى ئېنىقلاپ، ۋاراق سەھپىسىگە يازدىم. مېنڭچە، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق بايان قىلىش كېرەك. يەنى ئالانقۇۋا نەسلىدىن مۇسۇلمانىلىق گۇرۇھىغا كىرگەن خان، پادىشالارنىڭ تۇغلۇق خان، تۆمۈرخان، ئەمىر تۆمۈر كوراگانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلات جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتلىك ئالانقۇۋا نەسىل- ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار يەنە ئالانقۇۋاغا ئادەم ئەۋلادى قول تەككۈزۈپ باخمىغان. ئالانقۇۋا پەقەت نۇردىن ھامىلدار بولۇپ نەچچە ئاي ۋە نەچچە مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇزەنجىرخاننى تۇققان، بىز بولساق ئەنە شۇنىڭ ئەۋلادى دەپ پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۆھرەتلىك ھىساپلايدۇ. ئۇ كۆرۈنگەن نۇرنى ھەزرىتى ئەلى كىرەموللا ياكى جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ قىياپىتى دەپ يۇقىردىكى رىۋايەتكە ئەقىدە ۋە ئىخلاس قىلىدۇ.

     مېنىڭ قارىشمچە، بۇنداق پايدىسىز ئەقىدە- ئېتىقات ۋە ھىكايىلەر نەزەر ۋە ئېتىۋارغا ئالغىلى بولمايدىغان بىر خىل قۇرۇق گەپ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشىنىش كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى. چۈنكى ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا بولسا ھىجىرىنىڭ قىرىقىنچنى يىلى (مىلادى 660-660 – ت) ۋاپات بولغان ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالانقۇۋا دەۋر ھەزرىتى ئەلىدىن كېيىن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئالانقۇۋا قارا شەھەر مەمىلكىتى تەۋەسىدىكى ئۆز قەۋمى- مىللىتى بولغان قالماقلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي خۇدايتائالانى، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ساھابلىرىنى بىلمەيتى. بەلكى ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا خۇدايتائالا، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلارنىڭ ئىسىم- شېرىپلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. بۇ ھەم ئاي ۋە كۈنگە ئىبادەت قىلىدىغان، جىن، شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ياشاشنى ئادەت قىلىدىغان تائىپىلەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قانداق قىلىپ ئاللاتائالانىڭ مۇنداق نۇر ئىلھامىنىڭ بىشارىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ؟

     مەشھۇر تارىخ كىتاپلىرىدا ئىنسانلارغا موغۇل تايىپلىرىنىڭ ئىسلام شەرىپىگە ئەڭ دەسلەپ ھىجرى ئالتە يۈزىنچى يىللىرىدىن (مىلادى 1203-1204- يىللىرى – ت) كېيىن ئىگە بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئەھلى كىتاپ ئەمەس (مۇقەددەس دىنىي كىتاپ ئەۋەتىلگەن بىرەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئەمەس – ت) مۇشرىك بىر خوتۇننىڭ نىكاسى شەرئىتىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەزرىتى ئەلى كېرەموللا ۋەجھۇ كارامەت بىلەن بۇ مۇشرىك خوتۇننى مۇسۇلمان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقانلىغىنى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا، بۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ پاكلىغىغا شەك- شۆبھە ۋە گۇمان كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. گۇمان بىلەن بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا گۇماننىڭ ئۆزى شەرىئەتتە ھۆججەت ۋە دەلىلىمۇ بولالمايدۇ.

     شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئلى ئىراق زىمىندىىن باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتمىگەن ئىدى. ئەگەر بۇ ئۇلۇغ زات ئۆز قەۋرىسىدىن چىقىپ نۇرغا ئايلىنىپ، ئاندىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرىپ، بىر كاپىر خوتۇن بىلەن يېقىنلشىپ بىر ياستۇقتا ياتتى دەپ سۆزلەنسە، بۇ تاناسخىيە ۋە ھۇلۇلىيە  تەرەپدارلىرىنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ قالىدۇ.

     موغۇللارنىڭ مەزھەپلىرى ئىنساننىڭ روھى ھامان ئۆز تېنىدىن ئاجراپ يەنە بىر تەنگە يۆتكىلىپ يۈرىدۇ دىگەن ئەقىدىگە ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەزھەپ. چىن ئەھلىنىڭ بەزلىرى ۋە بارلىق ھىندىلارمۇ شۇ مەزھەپنىڭ تەرەپدارلىرى. شىئە مەزھىپىنىڭ بەزى سوپىلىرى شۇ مەزھەپكە مايىل. ھالبۇكى، بۇنداق ئەقىدە- ئېتىقات بولسا كاپىرلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

     «مىلەل ۋە نەھەل» (مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەر) دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئىمام مۇھەققەق بىننۇلھەزم ئەلزاھىرى ۋە باشقا ئالىملار ئۆز كىتاپلىرىدا، يۇقۇرقىدەك ئەقىدىگە ناھايتى قاتتىق رەدىيە بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەر بىلەن يېقىنلاشمىغان خوتۇنلارنىڭ بالا- پەرزەنت تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم بۇ جامائەت ئىچىدە ماقۇل كۆرۈلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بۇنداق ھادىسە، مەريەم بىنت ئەمران ۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ئاياللار تايىپىسىدە سادىر بولمىغان، ھەزرىتى ئەيسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملا بۇۋى مەريەمدىن ئاتىسىز دۇنياغا كەلگەن. شۇڭلاشقا، بۇنداق مۆجىزىلىك ھادىسە پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئالەيھىسسالامغىلا خاس بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا ئىنسانغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.

     ئىسلام دىنىنىڭ بەزى تەتقىقاتچى ئىماملىرى بۈۋى مەريەمنى پەيغەمبەر ئىدى. ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولمىغان تەقدىردە، ھەق تائالا ئۆزىنىڭ قەدىمقى كىتاپلىرىدا (ئىنجىل، تەۋرات ۋە قۇرئاندا – ت) بۇ ھەقتە خىتاپ قىلىپ سۆزلىمىگەن بولاتتى دەپ بايان قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتى بىلەن ئاتا ۋە ئانىسى يوق يارىتىلغان مەخلۇق. ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بولسا ئانىسىدىن دادىسى يوق ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ ئككىسىدىن باشقا ئىنسان ياكى باشقا ھايات ئىگىسىنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى يوق ۋۇجۇتقا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئالەمنىڭ ھەقىقى ياراتقۇچىسى ئاللا ئۆزىنىڭ ئىلھام ۋە ئېھسانلىرى ھەم ياخشى- يامان ئىشلار يېزىلغان كىتاپلىرى ئارقىلىق، كۈچ – قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، ئالەمنىڭ ئىنتىزامىنى بىر رەۋىش ۋە بىر خىل يولدا ئىزچىل ئادەت قىلىپ ساقلاپ كەلدى. شۇڭلاشقا، ھەرقانداق زامان ياكى ھەر بىر ئاۋاندا ئاللانىڭ بۇ خىل ئادەم ئۆلچەملىرى ۋە نىزام- تەرتىپلىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى تۇس- شەكلىنى ئۆزگەرتكەن غەيرى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. قىسقىسى، ئاللا تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنمىغان بىرەر يېڭى ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. قۇرئانى كېرىمدىكى ”ئاللانىڭ قانۇنىدىن ھىچقانداق ئۆزگىرىشىنى تاپالمايسەن“ دىگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ئالانقۇۋا ھىكايىسىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاساسسىز بىر باتىل ھىكايە ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ ھىكايىنى رىۋايەت قىلىپ يۈرگۈچلەر ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا كاپىر ۋە مەلئۇندۇر. چۈنكى، ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنبىيا، مۇرسەلىنلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ قېشىغا چۈشۈشى مەنئىي قىلىنغاندۇر. شۇنداقلا رەسۇل خاتە مۇلنەبىن (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام – ت) دىن كېيىن ھىچقانداق ئىنسان ياكى بىرەر ھايات ئىگىسى پەيغەمبەرلىك دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئالانقۇۋانىڭ ئاق ئۆي تۈڭلۈگىدىن بىر نۇر پەيدا بولۇپ، مەندە بىر خوشاللىق ھاسىل بولۇپ، ھامىلدار بولدۇم، نەتىجىدە بۇزەنجىر خان ۋۇجۇتقا كەلدى دىگەن سۆزلىرىنى يۇقىرىقى قاراشلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى تامامەن ئاساسسىز، بھۇدە گەپ بولىدۇ.

     موغۇللار زىنا قىلىشنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ھالال دەپ ھىساپلايدۇ. موغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئەگەر ئەرگە بەرمەكچى بولغان قىز ياكى سىكىلەك خوتۇننى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ لاماسى يەنى نىكا قىلىدىغان موللىسى بىر كېچە خوتۇن قىلىپ، ئۆز ئىلكىدە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆز ئىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نىكا ئادەتلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ لاماسى زادىلا خوتۇن ئالمايدۇ، دىگەن مەلۇماتلار بار. تارىخ كىتاپلىرىدا يېزىلىشىچە يەنە موغۇللار دادىسىنىڭ خوتۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئەمىرى- ئەقىدىگە ئالىۋېرىدۇ. مەسلەن، چىنگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر خوتۇنىنى ئوغلى تولى خان ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى بالا تاپقان دەپ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن، بۇ ئالانقۇۋامۇ زىنا بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغاندا، موغۇللار بۇ ئاتىسى يوق بالىنى قانداق قىلىپ ئولۇغىمىز قاتارىدا ھىساپلايمىز دەپ ئار نومۇس قىلىپ نارازى بولۇشقان. ئۇلار يەنە بۇ نارازلىقنى بېسىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ھىلە- مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، يالغانچىىلىق قىلىپ، دىنىي كىتاپلاردىكى ئايەتلەردىن دەلىل- ئىسپاتلارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى بۇنداق نومۇستىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇشقان. ھەتتا تارىخ يازغۇچىلارمۇ ئۆز دەۋرىدىكى پادىشالارغا ۋە ئۇلۇغلارغا خوشامەت قىلىپ، جانابىڭىز شۇنداق ئۇلۇغ پادىشادۇرسىزكى، ئۇلۇغ نامىڭىز نۇردىن ھامىلدار بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن پادىشا ۋە خانلارنىڭ ئەۋلادىدىندۇرسىز، شۇڭلاشقا ھەر قانداق غالىپ پادىشالاردىنمۇ غالىپ بولالايسىز دەپ خوشامەت سۆزلىرىنى بايان قىلىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، موغۇللار بۇنداق رىۋايەتلەرگە چوڭ دىققەت- ئېتىۋار بىلەن قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ غورۇرى دەپ پەرخىرلىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ نىسبەت- نەسەپلىرىنى شۇلار بىلەن باغلايدۇ. بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىغىنى پەقەت ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئاللاغا مەلۇم.

     ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە يېنىپ، بىر- بىرلەپ بايان قىلايلى. ئالانقۇۋادىن ئۈچ ئوغۇل ۋۇجۇتقا كەلدى. كەنجىسىگە بۇزەنجىر دەپ ئات قويدى. ئۇ ھۇشيار، دانا، ئادالەتلىك ۋە دۆلەتمەن پادىشا ئىدى. نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋە ئوبدان قائىدە- تۈزۈملەرنى پەيدا قىلدى. ئەمىر بابا مۇسىلىم مەرۋىزى بىلەن دوستلۇق قىلاتتى دەپ بايان قىلىنىدۇ. مەلۇمكى، ئۇ ئەمىر ئابا مۇسىلىم بىلەن بىر زاماندا ياشىغان. بۇزەنجىر خاننىڭ ئوغلى بۇقا خان، ئۇنىڭ ئوغلى دومىن خان، ئۇنىڭ ئوغلى قايدۇ خان، ئۇنىڭ ئوغلى بايىسىنقىرخان، ئۇنىڭ ئوغلى دۇمىناي خان ئىدى. دۇمىناي خاندىن قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل تۇغۇلدى. بىرسىگە قۇبۇلخان، يەنە بىرىسگە قاچۇلى خان دەپ ئات قويدى. چىنگىزخاننىڭ نەسەبى قۇبۇل خان بىننى دۇمىناي خانغا، ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ نەسەبى بولسا قاچۇلى بىننى دۇمىناي خانغا يېتىدۇ.

     قاچۇلى بىر كېچىسى مۇنداق چۈش كۆرۈپ، ئۇ چۈشىنىڭ مەزمۇنىنى دادىسىغا مۇنداق بايان قىلىپتۇ. ”ئاكام قۇبۇل خاننىڭ ئېتىگىدىن بىر كۈن پەيدا بولۇپ، ئاسماننىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەممە ئالدەمدە روشەنلىك پەيدا قىلىپ پېتىپ كەتتى. يەنە بىر قانچە كۈنمۇ كەينى- كەينىدىن چىقىپ، روشەنلىك پەيدا قىلىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پېتىپ كەتتى. ئاخىرى يۇلتۇزغا ئوخشاش بىر روشەنلىك پەيدا بولغاندا، مېنىڭ ئىتىگىمدىنمۇ بىر كۈن چىقىپ پۈتۈن جاھاننى يۇرۇتۇپ، بۇمۇ پېتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن چىقىپ، ھەر قايسىسى ھەر بىر تەرەپنى يۇرۇتتى. بۇ ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئويغانسا چۈشۈم ئىكەن.“ دادىسىمۇ خۇددى شۇنداق بىر چۈش كۆرگەن ئىدى. دادىسى بۇنى ئويلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ھەر قايسى جايلارنىڭ دانالىرىنى يىغىپ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تولۇق بايان قىلدى. دۆلەت ئەركانلىرى پىكىر- تەپەككۈردىن كېيىن، قۇبۇل خان ئەۋلادىدىن شەۋكەتلىك بىر پادىشا چىقىپ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭ ئىتائىتىگە بوي سۇنىدىكەن ۋە دۆلىتى زىيادە بولىدىكەن. كېيىن چىققان كۈن بولسا، ئۇنىڭ بالا- پەرزەنتلىرىدۇر. بۇلار دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ھەر بىرى ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرۈن بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ چۈشنى كۆرگەن قاچۇلى نەسلىدىن بىر ئۇلۇغ شائان پادىشا (شاھلارنىڭ شاھى – ت) دۇنايغا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ قەدەم بەرىكەتلىرىدىن ئالەم يۈزى ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىققا توشۇپ ئۆتىدىكەن دەپ تەدبىر بېرىشتى ۋە ھەممىسىلا ماختاپ ئاپرىن ئوقۇشتى. خان يارلىق قلىپ، ئۇشبۇ مەزمۇندا بىر خەت پۈتۈشنى بۇيرۇدى. خەتكە ”مەندىن كېيىن قۇبۇل خان ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە خان بۇلۇپ ئۆتكەي، قاچۇلى ئەۋلاتلىرىمۇ ۋەزىرلىك دەرىجىسىە تۇرۇپ، يۇرتدارچىلىقتىن خەۋەر ئالغاي“ دىگەن مەزمۇندا بىر قانچە پايدىلىق سۆزلەر بىر- بىرلەپ تىزىلىپ يېزىلدى. خان باشلىق دۆلەت ئەركانلىرى ئۆز مۆھرىنى بېسىپ، خەتنى غەزنىدە قويدى. بۇ يارلىق خەت خانلارنىڭ غەزنىسىدە تاكى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا زامانغىچە ساقلاندى ۋە شۇ يارلىق دەستۈرى بويىچە خەتنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىپ كەلدى. بۇ خەتنى قالماق- موغۇللارنىڭ تىلىدا ”فارامىن“ دەپ ئاتايتى. كېيىن قۇبۇل خاندىن بەرتان خان تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئوغلى سېسۇ باھادۇر، ئۇنىڭ ئوغلى تېمۇچىن باھادۇر بولۇپ، بۇنىڭ لەقىمى چىنگىز قائان ئىدى.

(بۇ سۈرەت پايدىلىنىش ئۈچۈن قىستۇرۇلدى، توردىن ئېلىنغان)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter