Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تارىخىي ئىزلاردىن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئالاقىسىگە نەزەر

تارىخىي ئىزلاردىن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئالاقىسىگە نەزەر

2014-01-04 8:46     كۆرۈلۈشى: 1766 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لى دۇڭمېي،      جۇ بىيى،      جانبېك جاۋدات      كۈنبېگ، ئىۋىرغول، قامىل دېگەن يەر ناملىرى قۇمۇل دىياردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى.      غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى مۇھىم....

لى دۇڭمېي،      جۇ بىيى،      جانبېك جاۋدات

     كۈنبېگ، ئىۋىرغول، قامىل دېگەن يەر ناملىرى قۇمۇل دىياردىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى.

     غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان قۇمۇل 2000 يىللار ئىلگىرىلا خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلار كەسكىن تالاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بولۇپ، ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ بوغۇزى›› دەپ قارالغان. جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە ۋە تارىختا مۇھىم رول ئوينىغان قۇمۇل تارىخىي كىتابلاردا ئۈزۈلمەي خاتىرىلىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا چوڭقۇر تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان.

     پات – پات ئۇچراپ تۇرىدىغان تۇرالار يىپەك يولىدىكى كارۋانلارغا ئۈمىد بېغىشلىغان. تۇرا ھەربىي ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئالاقە ۋە ئەشيا يۆتكەش يولىنى شەكىللەندۈرگەن، كۆپلىگەن تۇرا ھۆكۈمەت ۋە شەخسىي ئالاقە بىلەن ماڭغان كىشىلەر ھاردۇق ئالىدىغان، غىزالىنىدىغان ئۆتەڭ بولۇپ قالغان.

     1997- يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، قۇمۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەھمەد ياقۇپ مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىدە 63 جايدا تۇرا بار (بارىكۆل ناھىيەسىدىلا 70 تۇرا بار دېگەن قاراشمۇ بار ئىكەن) بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى ۋە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.

     تۇرا 2013 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە يېڭىدىن قۇشۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۆت مەدەنىي يادىكارلىق ئورنىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ يىل دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى 12 تۇرانى رېمونت قىلدۇرغان. يېڭىدىن قوشۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى بەچىر قەبرىستانلىقى، بارىكۆل ناھىيەسىدىكى شەرقىي بالبال جىلغىسى خارابىسى ۋە يۆگۇڭتەي غەربىي بالبال خارابىسىدىن ئىبارەت. 1995 – يىلى بەچىر قەبرىستانلىقىدىن شىمالىي يايلاق مەدەنىيىتىگە تەۋە ‹‹تاغ ئۆچكىسى›› مىس ھەيكىلى چىققان، بۇ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بايقالغان تارىختىن بۇرۇنقى مىس بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. ‹‹تاغ ئۆچكىسى›› مىس ھەيكىلى بىلەن بىللە ساپال قاچا، مىس قاچا، تۆمۈر قاچا، ئالتۇن قاچا قاتارلىق دەپىن بۇيۇملىرى چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ساپال قاچا ھەممىدىن كۆپ. بۇ قەبرە توپى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر، غەربتىن شەرققە كەڭلىكى 500 مېتىر كېلىدىغان قاقاس تۆپىلىككە تارقالغان بولۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەبرىستانلىقتا ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىگە تەۋە 500 نەچچە قەبرە بارلىقى بايقالغان.

     قۇمۇل ۋاڭ قەبرىستانلىقى، قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى، لاپچۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، يانبۇلاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئورۇنلار قوشۇلسا، قۇمۇل ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن توققۇزغا يېتىدىكەن، نۇرغۇن خارابىلىك يىپەك يولىنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت تارقىتىشىنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدىكەن.

     قۇمۇل دۆربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانى قالغايتى كەنتىدىكى قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى تاڭ دەۋرىدىكى بۇددا دىنى گۈللەنگەن مەزگىلدىكى چوڭ بۇددا دىنى يادىكارلىقى ئىكەن. تارىختا خاتىرىلىنىشىچە، قالغايتى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىلىرىدىلا بار ئىكەنتۇق. تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭ قۇمۇلدىن ئۆتكەندە، بۇ يەردە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ نوم تەپسىر قىلغان دېگەن قاراش بار ئىكەن.

     قۇمۇل ۋاڭ قەبرىستانلىقى قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىدىكى شەھەر ئىچى يېزىسى جىگدىلىك قۇدۇق كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، قەبرىستانلىق ۋە ھېيتگاھ جامائەسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. قەبرىستانلىقتا ئەسلىدە ياغاچ، تاش قۇرۇلمىلىق چوڭ – كىچىك ئالتە گۈمبەز بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ۋە ئاغىچىلىرى دەپىن قىلىنغان ئىكەن، ھازىر ئىككى گۈمبەزلا ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئىككى گۈمبەزدە ئىسلامچە ئۇسلۇب ئاساس قىلىنغان، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەككىز تەرەپلىك ئوخشاش ئۆگزە ۋە موڭغۇلچە قالپاق شەكلىدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچراشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

     كارىز تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر دەرھال تۇرپاننى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەھمەد مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىدە 339 كارىز بولۇپ، ھازىر 180 كارىزدا سۇ بار. 2010 – يىلىدىن باشلاپ كارىزنى قوغداش تۈرى يولغا قويۇلدى. 2012 – يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 5 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر كېلىدىغان كارىز يېپىق ئۆستىڭى، تىك قۇدۇق ئاغزىنى پۇختىلىدى ۋە يېپىق ئۆستەڭنىڭ لېيىنى تارتىپ، لاتقىلارنى سۈزۈپ سۇنى سۈزۈلدۈردى.

     قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مۇزېي ‹‹دۇڭشىڭ›› بازىرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، بىر كورپۇس ئۈچ قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت بىناسىنىڭ بىر قەۋىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، بىرلا ئامبىرى ۋە ئىككى كۆرگەزمە زالى بار ئىدى، ئومۇمىي كۆلىمى 400 كىۋادرات مېترغىمۇ يەتمەيتتى. ھازىر 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان 7200 كىۋادرات مېتىرلىق ۋىلايەتلىك مۇزېي زىننەتلىنىۋاتىدۇ، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

     مۇزېينىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن فېڭ مۇنداق دېدى: مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى تارىختىن ئىلگىرىكى خارابىلىكلەردىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىنكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ناھايىتى ئاز، مۇزېيدا ساقلانغان سۈر ساپال ئىدىش، بۇت تەكچىسى، ھەيكەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەل ئارىسىدىن يىغىۋېلىنغان. شەرق ۋە غەربنىڭ ئىقتىساد، سودا ئالاقىسىمۇ نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇرغان. قۇمۇلنىڭ مىسكەرچىلىك سەنئىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بەزىلەر بۇنىڭدىن مىس قوراللار شەرقتىن تارقالغان، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.

     قۇمۇلدىن قېزىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا كېلىشتىن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بېرىش – كېلىش قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەن فېڭ مۇنداق دېدى: قارا دۆۋە يېزىسىدىن قېزىلغان دېڭىز قۇلۇلىسى دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن قۇمۇلغا كىرگەن بولۇپ، تارىختىن ئىلگىرىكى قۇمۇل بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

     ئەگەر قۇمۇلدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىختىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۆپرەك ئىسپاتلايدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا قۇمۇلنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرى يېقىنقى زامان شەرق، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىرىكىشىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇمۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ۋىلايەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۈرىدىن بەشى (قۇمۇل مۇقامى، قۇمۇل چەشمىسى، قۇمۇل سەنىمى، كۆك مەشرىپى ۋە شىنجاڭ كۈيى)، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈردىن 29 ى، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈردىن 146 سى بار ئىكەن.

     قۇمۇل غەربىي رايون مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۇچراشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇمۇل مۇقامى قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. تەڭكەش قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سازلاردىن قۇمۇل غىجىكى، قۇمۇل راۋابى ۋە داپ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇمۇل مۇقامىدىكى ھەر بىر مۇقامنىڭ نامى باشقا مۇقاملارغا ئوخشىمايدۇ، باشقا مۇقاملاردا ئەرەب، پارس تىللىرى كۆپرەك قوللىنىلغان، قۇمۇل مۇقاملىرىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە نام بېرىلگەن.

     قۇمۇل مۇقامى 2005 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، قوغداش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان راسخوت شۇ يىلىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن يىلمۇيىل كۆپىيىپ، ھازىر 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قۇمۇل مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ كۆلىمى 4875 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تەشۋىقات، ئورۇنداش، تەتقىقات، ئارخىپ ئاسراش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.

     بىز قۇمۇلدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كىشىلەر قۇمۇل كۆك مەشرىپىنى باشلاش ئۈچۈن تۇنجى قارنىڭ يېغىشىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. بۇ بىر خىل ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، مەشرەپتە ئويۇن، مۇقام، ناخشا – ئۇسسۇل قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن. ‹‹كۆك›› ئۇيغۇر تىلىدا باھار، ھاياتلىق دېگەن مەنەلەرنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، قىشتىكى تۇنجى قار ياغقاندا مەشرەپنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ھەممە ئۆيلەر شادلىققا تولىدۇ، بۇ مەشرەپ ئىككىنچى يىلى 21 – مارت، يەنى نورۇز بايرىمىغىچە داۋاملىشىدۇ. مەشرەپتە باھار ۋە يېشىللىق مەدھىيەلىنىدۇ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter