Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (2)

مەسئۇد سابىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى (2)

2013-10-09 12:33     كۆرۈلۈشى: 11,206 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: لىيۇ شاڭخۇي   چېن ۋۇگۇۋ (ئالدىنقى يازمىنىڭ داۋامى) رېئاللىق تەرىپىدىن غىدىقلانغان ۋە كۈچىيىۋاتقان رەزىل نىيەت–  زوراۋانلىق بىلەن ھوقۇق تارتىۋېلىش      1928- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ياڭ زېڭشىن ئ....

لىيۇ شاڭخۇي   چېن ۋۇگۇۋ

(ئالدىنقى يازمىنىڭ داۋامى)

رېئاللىق تەرىپىدىن غىدىقلانغان ۋە كۈچىيىۋاتقان رەزىل نىيەت–

 زوراۋانلىق بىلەن ھوقۇق تارتىۋېلىش

     1928- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ياڭ زېڭشىن ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا خەلق ئىشلىرى نازىرى— گەنسۇ خېجۇلۇق جىن شۇرېن ناھايىتى تېزلا ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقتى. جىن شۇرېن ئىرادىسى ئۇلۇغ، قابىلىيىتى ئاجىز ، ئاچكۆز ئادەم ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا بار كۈچى بىلەن ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسەتلىرىنى دوراپ، ئۆز ئەينى قوللىنىپ، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي فورماتسىيىسىدەك بۇرۇقتۇرمىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما ئۇ ياڭ زېڭشىندەك تالانتلىق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتقان، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنداق كونا تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇ ئاۋۋال مەخپىي ساقچى كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئارقىدىنلا ئەسكەر كۆپەيتتى. ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ۋەزىپىگە قويۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە گەنسۇ خېجۇلۇقلارنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنلارغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن پەمسىز ۋە ئاچكۆز جىن شۇرېننىڭ بايلىق توپلىشى باشلاندى.

      جىن شۇرېننىڭ ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغان نادانلارچە ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۆزى بىلگەنچە زورلۇق بىلەن ئالۋان-ياساق سېلىشى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك تەسىر قوزغاپ قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1929- يىلدىن باشلاپ بۇنداق قارشىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، 1931- يىلغا كەلگەندە ئاخىرى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇرۇش مالمانچىلىقى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى.

     ۋاقىت سۇدەك ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. مەسئۇد بۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتىكى تەجرىبىسىز ياشتىن ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان ئىدى. ئۇ نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ھاياتىنى خىيال قىلىپ قالاتتى، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن ھەتتا مەكتەپ ئېچىش ئىشىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. گەرچە دوختۇرخانا ئېچىپ خېلى يۇقىرى نامغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسى ئەمەس ئىدى. پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايتتى. مەكتەپنى داۋاملىق ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى خىيالىغا كەلگىنچە كەڭ-كۇشادە سۆزلىيەلمەيتتى. تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولمىسا بولمايتتى. مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ دايىت (ئىلى دائىرىلىرى باستۇرغان پەقەت ئىلى دائىرىسىدىلا ئوبرۇت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان يەرلىك پۇل) پۇلىدىن نەچچە ئونمىڭ سەر مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرمىگەن ئىدى. مۇشۇ ھالەتتە كېتىۋېرىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى ئىشقا ئاشمىغان بولاتتى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ھەيۋە بىلەن ئىسكەنجىسىگە ئېلىشىغا ئۆچ بولسا، جىن شۇرېننىڭ گەپتىن-گەپ چىقىرىپ قاقتى-سوقتى قىلىشىدىن بىزار بولغان ئىدى.

     مەسئۇد چىداپ تۇرالمىدى. ئۇنىڭچە بۇنداق تەدرىجىي ئىلگىرلەش تىپىدىكى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى. ئۇ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر سەھنىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. غىدىقلىنىۋاتقان ۋە كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ زوراۋانلىق بىلەن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاشقا باشلىدى. جىن شۇرېننىڭ نادانلارچە يۈرگۈزگەن ھاكىمىيىتى ئۇنى بۇ خىل پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 1929- يىلدىن باشلاپ ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. 1931- يىلدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن كىيىن، ئۇ زېھنىنى جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر دېھقانلىرى قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى بولۇشقا مەركەزلەشتۈردى.

     قوزغىلاڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقان ئۇرۇشلار ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى. قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى خوجىنىياز ھاجى قالايمىقان ئۇرۇشلار ئىچىدە تېزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، جەنۇبى-شىمالى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە ھۆرمەتلىنىپ، مەنىۋى داھىيغا ئايلاندى. ئەمما مەسئۇد كۆزىتىش ئارقىلىق: خوجىنىياز ھاجى گەرچە ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلگەن، دىنى سەرگۈزەشتىگە ئىگە ئادەم بولسىمۇ ئەمما ئۇنى سىياسىي كۆز قارىشى يوق سۈيىئىستىمالچى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى قالايمىقان ئۇرۇشلار داۋامىدا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. ئەمما ئۇنىڭ قول ئاستىدا شىتاپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان دىۋىزىيە كوماندىرى مامۇت (سىجاڭ) نىڭ ئەمىلى كۈچى بار ئادەم، ئۇ تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپلا قالماستىن يەنە پۇللۇق باي. ئۇ ماڭا ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزەلدىن ئۆچ، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىزمنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كوممۇنىزم بولسا دىنغا قارشى تۇرىدۇ. ئەكسىچە ئويلىغاندا، پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى ئەسلىدىنلا ياقتۇرىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئەگەر مامۇتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولسا تەستە تاپقىلى بولىدىغان جارچىم بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. مەسئۇد نىشاننى توغرىلاپ بولغاندىن كىيىن، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مامۇتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. مەسئۇد گەرچە تېببىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە دەسلەپتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ھەربىي مەشىق قوبۇل قىلىپ، چېنىققان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى بىلىملىرى ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم نەزەرىيىلىرى بىلەن مامۇتقا خىزمەت قىلسىلا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى.

     مەسئۇدنىڭ كەلگىنىگە مامۇت سىجاڭ ناھايىتى قىزغىن ئىپادە بىلدۈردى. بۇ ئىككىيلەننىڭ سىياسىي غەرىزى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا، مەسئۇد ناھايىتى تېزلا مامۇتنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلاردىكى مەسلىھەتچىسى بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەسئۇد مامۇتقا چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن باش قاتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇپ، 1933- يىلى 4- ئايدا «12- ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، شېڭ شىسەينىڭ ئامىتى كېلىپ، ئۆلكە باشلىقىلىق ئورنىغا ئولتۇردى؛ تېخىمۇ يامان بولغىنى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ گەنسۇ مىللىتارىستى ما جوڭيىڭ بىلەن يەرلىك قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرىگە بىرلىكتە ئىختىلاپ سالدى، ما جوڭيىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا بىر قەدەم چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما خوجىنىياز بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەينى تەبىئىيلا ئېتىراپ قىلىپ بولغان ئىدى.

     بۇ ۋاقىتتا كېرىيە، قاراقاش ئالتۇن كېنى قوزغىلىڭىدىكى مەھەممەت ئىمىن، سابىت داموللا قاتارلىق پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمچىلار جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە جىددىي كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بەزى قارا نىيەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، خوجىنىياز ھاجىنى زۇڭتۇڭلۇققا تەكلىپ قىلدى. مەسئۇد بىلەن مامۇت خوجىنىيازنىڭ سوۋېتلىكلەرنىڭ مۇرەسسەسىنى قوبۇل قىلىپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ھەمدە جەنۇبى شىنجاڭ گارنىزون شتابىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىگىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئوخشاشلا رازى بولمىدى. بىراق بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن سابىت داموللىنىڭ يېنىغا تارتىشى ۋە نەسىھىتى بىلەن ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قوشۇلۇپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا يەنە مامۇت بىلەن بىرلىكتە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق قوشۇننى باشلاپ، ئاقسۇدىن قەشقەرگە بېرىپ ما جەنساڭغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى.

     ئەسلىدە بۇ نىڭدىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، شېڭ شىسەي قوشۇنىنى يۇقۇتۇش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەردى: ئەسلىدە شېڭ شىسەي قوشۇنىنى يۇقۇتۇش ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسى كۈچى بولغان ما جەنساڭ، ما جوڭيىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئىككى كۈچلۈك قىسمى تۆمۈر بىلەن ئوسمانمۇ قەشقەرگە كىرگەن ئىدى. بۇ ئىككى قوشۇن خوتەن تەرەپتىن كىرگەن بۆلگۈنچىلەر سابىت داموللا، ئىمىنلارنىڭ ئۆزىگە تارتىش ئوبيېكتى ئىدى. ما جەنساڭ قىسمى قەشقەردىكى شىڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پانتۈركىسلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغاچقا، ئۆلكىدىن ئەۋەتىلگەن يەرلىك ئوفىتسېر ما شىياۋۋۇ بىلەن ماسلىشىشنى خالايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سابىت داموللا، ئىمىن، تۆمۈر، ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەردە پۇت تېرەپ تۇرىشىغا يول قويمايتتى، شۇڭا بۇ بىر نەچچە قېتىم ئەۋەتىلگەن كۈچلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. مامۇت يېتەكچىلىكىدىكى قىسىم قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى»نىڭ بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچىلىرى «دۆلەت قۇرۇش» قوراللىق قىسمىدىكى مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى.

     «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى»نى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مامۇت سابىت داموللىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىنى قەشقەرنىڭ باش قوماندانى قوشۇمچە شتاب باشلىقى دەپ ئاتىۋالغان ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ يېڭىشەھەر قورغىنىدا تۇرىۋاتقان ما جەنساڭغا ھۇجۇم قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچى كۆپ بولسىمۇ (ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەن ئەسكىرى 6-7 مىڭغا يىتەتتى) ئۇدا بىر نەچچە ئاي ئۇرۇشۇپ يېڭىشەھەرنى ئالالمىدى. مامۇت ئۆزى ئاقسۇغا كېلىپ خوجىنىياز قىسمىنىڭ يېڭىشەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاندىن قورچاق زۇڭتۇڭ بولۇشقا نەسىھەت قىلدى.

     1934- يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى خوجىنىياز مامۇتنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قەشقەرگە كېلىپ، ما جەنساڭنى قورشاش كۆرۈشىگە ئاتلاندى. ئەمما يەنىلا مەغلۇب بولدى. مەسئۇد گەرچە پىلانىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ئۆز تەكلىپىنى پائال قوللىنىشقا ھامان ئامالسىز ئىدى. ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدە: بۇ شەھەرنى قورشاش قوماندانىنىڭ ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش، دېدى. ئالدى بىلەن مامۇت بىر ئەسەبىي دىنى مۇرت بولۇپ گەرچە نىسبەتەن كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئەمما ناھايىتى قوپال ئىدى. ئاسان ئىككىلىنىپ، ھالقىلىق ئىشلاردا ھەمىشە مەسلىھەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى رەت قىلاتتى. مەسىلەن: يېڭىشەھەرنى قورشاپ يوقىتىش ۋاقتىدا ئۇ بەزى مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان ۋاقىتتا قۇربان ھېيت كېلىپ قالدى، ئاقىللارنىڭ پىكىرى بويىچە ئۇرۇش قىلىپ غەلبە قازىنىشى كېرەك ئىدى، ئەمما مامۇت نەسىھەتنى ئاڭلىماي قىسىمنى توپلىشىپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلدى. نەتىجىدە ئىشغال قىلىنىپ بولغان بازىلارمۇ قايتىدىن دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى؛ ئىككىنچىدىن، مامۇتنىڭ ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىشىش روھى كەمچىل بولۇپ، ئۇ ھەمىشە چەتكە قاقاتتى، ئايرىم ئۇرۇشۇشنى خالايتتى. ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ ئاز كۈچ چىقىرىپلا ئەمەلدار بولۇشنى خالاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدى. خۇددى ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى فىتسمورىسنىڭ بايانىدا ئېيتىلغاندەك «ماجەنساڭ، تۆمۈر، ئوسمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا ئەسكىلىك قىلىش يەنى بايلىق توپلاش، خوتۇن توپلاش پىلانى بار ئىدى»، يەنە كېلىپ ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانلار بولۇپ، ئاتالمىش «دىننى قوغداش» بايرىقى ئاستىدىكى بۇ جەڭلەردە ئۆزىنىڭ جېنىنى سېلىپ بېرىشنى خالىمايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنتىزىم مەشىقلەنمىگەن بولغاچقا ئاساسىي جەھەتتىن قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى قىلاتتى. ئادەم سانى كۆپ بولسىمۇ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاجىز ئىدى.

     مەسئۇد گەرچە ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئۇرۇش قىلمىغان بولسىمۇ ھەربىي ئىشلاردىن ساۋاتى بولغاچقا ئۈمىدلىك يۈردى. مۇشۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك قوراللىنىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەمما بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۈمىدسىزلەندى. پەقەت بۇ ئادەملەرگە تايىنىپ قان كېچىپ ئۇرۇش قىلغان بىلەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مامۇتقا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، غەلبە قىلىپ رەسىمى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلاش تەكلىپىنى بەردى. مامۇت قارشى تۇرمىغان بولسىمۇ ئەمما ھەرىكەتنى ئارقىغا سوزدى. مەسئۇد خاتىرجەمسىزلىنىپ «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى» ئەمدىلا باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقاندىن كىيىن ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەر ھوقۇققا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇلارغا تايىنىپ «شەرقى تۈركىستان چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىھۇدە ئىشلىگەنلىك ئەمەسمۇ» دەپ ئويلىدى.

     ئەلۋەتتە خوجىنىياز قەشقەرگە بېرىپ ئون كۈن بولمايلا ما جوڭيىڭنىڭ ئاساسلىق قىسمى يېتىپ كەلدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان شىڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ ھەيدىشى بىلەن، جەنۇبى شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان شىڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرالمىسىمۇ ئەمما قەشقەرگە كەلگەن ئالدىنقى مەزگىلدە ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قىلدى. ئۇلار قەشقەر چېگرىسىغا كەلگەندە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئاتۇشتا قانلىق جەڭ قىلدى. خوجىنىياز قىسمى بىلەن ئالدىنقى قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان ما جەنساڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىرلىكتە قارشى تۇرغان بولسىمۇ ما جوڭيىڭنىڭ كۈچلۈك قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي قېلىپ، ئاخىرىدا ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلىپ، قەشقەردىن قېچىپ كەتتى. 1934-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ما جوڭيىڭ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلاندى. ئاتالمىش زۇڭلى سابىت داموللا قاتارلىق تايانچ ئەزالىرى شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشكىنى بويىچە خوجىنىياز ھاجى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. خوجىنىياز بىلەن مامۇت شىڭ شىسەينىڭ بەرگەن ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، بىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يەنە بىرى 6-دىۋىزىيىنىڭ قوماندانى بولدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا مەسئۇد ئۈمىدسىزلىنىپ ھېچ ئىش قىلىشنى خالىمىدى. ئەمما ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، نائىلاجلىقتىن ئۇھسىنىشقا مەجبۇر بولدى.

     شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ئۆزىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنى مەغلۇب قىلىپ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1934-يىلى يازدا خوجىنىياز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ، مامۇتنىڭ 6-دىۋىزىيىسىدە مەشىق ئېلىپ باردى. مەسئۇد بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يەنە بىر تەرەپتىن كومپارتىيىگە قارشى تۇرغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىگە تايىنىشتىن شىڭ شىسەيگە ھېچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى بېلەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ھەممە جايدا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باش پاناھ بولىدىغان جاي تاپالمىدى. شۇنداق قىلىپ 1934-يىلى باش كۈزدە مامۇتقا ئىستېپا بېرىپ، ھىندىستان ئارقىلىق نەنجىڭگە كەلدى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ يەنە مامۇتقا ياردەم قىلىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا چارە تېپىپ نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەكلىپنى بەردى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەسلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كىيىن يەنە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. مامۇت گەرچە نەنجىڭگە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجىسى ئويلىغاندەك بولمىدى. ئارقىدىن قىسىمدىن چېكىنىپ ۋەتەننى پارچىلاش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ قالدى.

شىنجاڭدىن قېچىپ چىقىپ، شىڭ شىسەينىڭ قىياپىتىنى

 ئاشكارىلاپ، ئۆزىگە گۇپپاڭچى ئىزلەش

     ھىندىستانغا تۇتىشىدىغان يول قەدىمكى يىپەك يولى بولۇپ يىراق ھەم ئېگىز – پەس ئىدى. مەسئۇد جەنۇبى شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن بۇ قەدىمى يولنى بويلاپ، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، ساھىللارنى بېسىپ، تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كىيىن 1934- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ كالكۇتتاغا يېتىپ باردى. بۇ يەردە بىر مەزگىل ئارام ئېلىۋالغاندىن كىيىن، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەنجىڭگە سەپەر قىلدى.

     ئۇ ئاۋۋال ھىندى ئوكياندىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، سىنگاپور ئارقىلىق يەنە غەربنى بويلاپ تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا بېرىپ، ئاخىرى 1934- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تىيەنجىنغا كەلدى. نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭلىق يۇرتداشلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال نەنجىڭگە باشلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ھەمدە ئۇنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈردى. بۇ ئەھۋال سەرسان- سەرگەردانلىقتا يۈرگەن مەسئۇدنى پەۋقۇلئاددە تەسىرلەندۈرۈپ، سەپىرىنىڭ بىھۇدە بولمىغانلىقىنى، ياخشى باشلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

     مەسئۇدنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يولغا قارىماي نەنجىڭگە كېلىشى مۇنداقلا ھاياجانلانغانلىقىنى بولماستىن بەلكى چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن چىقارغان قارارى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن سىستېمىلىق پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 20 يىلغا يېقىن ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ يۈرگەن رىيال تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ ئىدىيىسى كۈندىن-كۈنگە پىشىشىپ يېتىلىپ، رېئاللىققا ئايلىنىدىغاندەك تۇراتتى. ياش ۋاقىتلىرىدا «ياش تۈرك پارتىيىسى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شىنجاڭدىكى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ئوخشاشلا پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى، بىر نەچچە مەكتەپ ئېچىپ، تولۇپ–تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دەرس سۆزلەپ، ئەل- جامائەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھالدا ئۇلارنى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر چاقىرىق بىلەن ھەممىنى تەڭ ھازىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى.

     ئەمەلىيەتتە ، ئۇ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، نەچچە تۈمەن سەر كۈمۈش سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ بىر نەچچە مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەنمۇ چىقىشالماي، تۈرلۈك شەكىلدىكى چەكلىمە ۋە قارشىلىققا دۇچ كەلدى.

     1931- يىلى جىن شۇرېنغا قارشى قوزغىلاڭلار تېز ئۇلغىيىپ، قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقىپ، خوجىنىياز، ئوسمان، تۆمۈر، مامۇت، سابىت داموللا، مەھەممەت ئىمىن… لار ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ باقتى. جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقى ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلىپ، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلدى دەپ قارىدى. ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن بۇ «قەھرىمان»لار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان ۋاقىتتىلا ئاندىن بۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، گەرچە ئۇلار سىرتقى جەھەتتىن ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئېغىزىدا «شەرقى تۈركىستان» قۇرۇشنى ئېيتىپ يۈرسىمۇ ئەمەلىيەتتە نام-مەنپەئەتكە مەپتۇن بولغان ئەقلىدىن ئازغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردا ئېتىقادنىڭ يوقلىقىنى، پەقەت قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن توقاچ ئوغرىلاشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، ھەمىشە كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە ئۇرۇشىدىغانلىقى ھەتتا بىر بىرسىنى سېتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە نەزىرىنى ئاغدۇردى.

     ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ھۆكۈمەت ئۆزىنى سۈن جۇڭشەننىڭ ئۈچ مەسلىكىنى ئىجرا قىلغۇچى ھېسابلاپ، ھەممە مىللەت بابباراۋەر ، ئاجىز مىللەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى خەلقئارادىكى باراۋەر ئورۇنغا چىقىرىش كېرەك دېگەننى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى. ئەگەر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «ئۈچ مەسلەك» نىڭ قانات ئاستىغا ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا كۈچلۈك شىڭ شىسەينىڭ «ئاشكارا» ھالدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسى ئاستا-ئاستا ئىنقىلابقا سۆرەپ كىرىش ئېھتىمالى بار ئىدى. مۇشۇنداق تونۇش ئاستىدا ئۇ شىنجاڭدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى نەنجىڭ مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىككى جىيەن ئوغلىنىڭ بىرسىنى نەنجىڭ مەركىزى ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە، يەنە بىرسىنى مەركىزى ئۇنۋىرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلىنى كۈچەيتىش بويىچە شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلار ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوينىغا يوشۇرۇنۇش ئىدى.

     ياڭ زېڭشىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، مىللىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنى كونتورۇل قىلىش ھوقۇقىنى مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدى. كۈتۈلمىگەندە جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى يوقۇتۇش داۋامىدا پۇرسەتنى ئىگىلىدى. جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھەربىي بۇيرۇق، مەمۇرىي بۇيرۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەمۇرىي مەھكىمە خۇاڭ مۇسوڭنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، سىرتقى جەھەتتىن شىنجاڭدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ھال سوراش، شېڭ شىسەي ۋە ما جوڭيىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، ئەمەلىيەتتە پۇرسەت ئىزلەپ شىنجاڭنى كونتۇرۇل قىلىشنى مەقسەت قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا خۇاڭ مۇسوڭنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان ماجوڭيىڭنى جەنۇبى شىنجاڭدىن قوغلاپ چىقىرىپ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ چاڭگىلىغا ئېلىش نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىۋاتاتتى. مەركىزى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا خۇددى كېكىرتىكىدە سۆڭەك تۇرۇپ قالغاندەك خاتىرجەمسىزلىنىۋاتاتتى.

     خۇاڭ مۇسوڭ شېڭ شىسەينىڭ نەزەربەند قىلىشىغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. ئۇ نەنجىڭگە قايتىپ مەركىزى موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندا ھەمىشە مەمۇرىي مەھكىمىگە دوكلات بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەدبىرچىلەرگە شىنجاڭنىڭ يېرىم مۇستەقىللىق ھالىتىگە بولغان ئەمدىشىسىنى بىلدۈرۈپ تۇردى. خۇاڭ مۇسۇڭمو ۋە ۋاڭ جىڭۋېي قاتارلىقلار شىنجاڭنى مەركەزگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك مىللەتلەردىن پايدىلىنىش كېرەك دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەركەز تەسىس قىلغان نەنجىڭدىكى ئالى مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا دىققەت قىلدى. بۇ مەزگىلدە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان، جىن شۇرېن مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تەرجىمان بولغان ئەيسا ئالىپتېكىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باغلىغان مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ جۇڭۋېي ۋە باش كاتىپ چۇ مىنيىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە قەدىرلىشى بىلەن خۇاڭ مۇسۇڭغا ھەمراھ بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا تەشۋىقات ۋە ھال سورىغىلى كەلدى، ئۇ نەنجىڭگە قايتقاندا ئۆز شتابىنىڭ چېگرا ئىشلىرى گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى كونتۇرۇل قىلىش تاكتىكىچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.

     ئەيسا خۇاڭ مۇسوڭنىڭ يېنىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كىيىن، نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىدا ۋائىزخانلىق قىلىپ، يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا ئالايىتەن تىيەنجىنغا بېرىپ، مەسئۇدنى نەنجىڭگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كېلىشىنى ئۇنىڭ ئامىتى كەلگەنلىك دېسىمۇ بولاتتى. نەنجىڭ تەرەپ مەسئۇدنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي شىنجاڭدا مەكتەپ ئاچقان، دوختۇرخانا ئاچقان نامىنىڭمۇ بارلىقىنى، بولۇپمۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسىنى بىلگەندىن كىيىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولدى. مەسئۇد سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يول تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم نەزەرىيىسىنى ۋاقتىنچە يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ ، نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن مەزگىلىدىكى مەكتەپ ئاچقان نەتىجىلىرى ۋە مۈشكۈلاتلىرىنى يىغلامسىراپ ئېيتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ مائارىپ ئىستىكاھمىدىن پايدىلىنىپ «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى مائارىپقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتقا تەسلىم بولۇپ ۋەتەننى سېتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى خارلىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ زەربە بېرىپ، شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل نىقابلىنىش قىلمىشى نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ئېھتىياجىغا ماس كېلەتتى. بولۇپمۇ سىياسىي ئېھتىياجى قانائەتلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇنى دەسمايە قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز ھاكىمىيىتىنى ئاشكارىلاش مەسئۇدنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرىدىغان سەۋەب بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەسئۇد خۇاڭ مۇسوڭ پىلانلىغان تەشكىلى قۇرۇلۇش، ئارمىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۆز شتابىغا تەۋە چېگرا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇيزۇ تىل يېزىق بۆلۈمىنىڭ (ھەربىي) ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتتى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولدى. خۇاڭ مۇسوڭ شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، مەسئۇد شېڭ شىسەيگە قارشى ئاۋانگارت سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولغاچقا ئىككىيلەن تېز ۋە ئاسانلا كېلىشىپ، بۇ قاتلاملىق مۇناسىۋەت مەسئۇد ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە مەردىۋىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەسئۇدنىڭ نەنجىڭدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى ۋە ئىش باشلىشى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى.

     مەسئۇد نەنجىڭگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدىن نەنجىڭگە كەلگەن ھەر قىماپتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشتى ھەمدە «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، ئۆز تەسىرىنى زورايتىپ، ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى سېتىش قىلمىشى قىلىپ كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق ئازاب -ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقى، خەلقنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە جار سالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار بۇ ئىشتىن خۇشال بولدى. ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى، ئىمتىھان ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى گومىنداڭ نەزەرىيىچىسى دەي جىتاۋ ئۇنى تېخىمۇ مۇكاپاتلاپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن رىغبەتلەندۈردى. شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دەي جىتاۋ ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

     مەسئۇد بۇ ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ پائال ماسلاشتى. ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئوغلى ۋە جىيەنىنى نەنجىڭدە ئوقۇتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەنە دەي جىتاۋنى مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. دەي جىتاۋ شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا «مەي خۇەنشىن» دېگەن خەنزۇچە ئىسىمنى قويۇپ بېرىپ، يەنە داغدۇغا بىلەن ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شەپقىتىنى بىلدۈردى. مەسئۇد دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىشىش داۋامىدا ئوخشاش يولدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ «تەڭرىتاغ ئايلىق ژۇرنىلى»نى تەسىس قىلىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا چىقىرىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى نومۇسسىزلارچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۈچ مەسلەكنى ماختاش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن تىللاپ، ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيىنى يوشۇرۇن تەكىتلىدى.

     بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە بولغان قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسى، شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش تەشەببۇسى ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن «مەركەزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆز ۋە ھەرىكەتكە تەڭلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ناھايىتى تېزلا ئىلتىپاتقا ئېرىشتى، مەرتىۋىسى قەدەممۇ-قەدەم ئۆستى، ھۆكۈمەت پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1935- يىلى 11- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، مەسئۇد يەنە مەركىزى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەسئۇدنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى مۆجىزە ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى مەسئۇدنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئەڭ ياخشى مەزگىلى دېيىشكە بولىدۇ. 1936- يىلى ئۆلىما زېڭ ۋېنۋۇ ئۆزىنىڭ «غەربنىڭ ئىگىلىك تارىخى» دېگەن كىتابىدا «مەسئۇد شىنجاڭدىكى غۇلجىلىق باينىڭ ئوغلى بولۇپ، تۈركىيىدە ئوقۇغان. ئەخلاق ۋە ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن شىنجاڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى. ھازىر جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى 5- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 5- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى» دەپ باھا بەرگەن. بۇنىڭدىن مەسئۇدنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى.

     بۇ چاغدا مەسئۇد يەنە ئۆزىنىڭ سابىق باشلىقى—دىۋىزىيە كوماندىرى مامۇتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇردى. مەسئۇدنىڭ قوشۇنىدا مەسلىھەتچى بولغان ۋاقىتتا مەركەز بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئەمما مامۇت ئەسەبىي پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئۇنسۇرى بولسىمۇ، ئاقكۆڭۈل، جاھىل، نەزەر دائىرىسى تار كىشى بولغاچقا مەسئۇدنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە زورايدى. شۇنىڭ بىلەن مامۇت مەسئۇدنىڭ تەكلىپلىرىنى ئويلاپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىشەنچىلىك ئادىمى مۆمىن ئاخۇن بىلەن ئىمىن داموللىنى نەنجىڭدىكى پائالىيەتلەرگە ئەۋەتىپ، مەركەزنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شېڭ شىسەينىڭ يوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.

     سىياسىي پوزىتسىيىسى يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن مەسئۇد مامۇتقا باشتىن- ئاخىر دوستانە پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. يەنە كېلىپ سىياسى جەھەتتە ئوخشاش يولدا مېڭىۋاتقاچقا، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ شىنجاڭدىن سىقىپ چىقىرىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا مامۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، ھەمدە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مامۇتنىڭ ۋەكىللىرىنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، مامۇت ۋە ئۇنىڭ قىسمىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەركىزى كومىتېتى مەخسۇس خادىمنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتىپ، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ يول-يورۇق بەردى. بۇنىڭدا شىنجاڭدا كۆپرەك ھامىلىرىنى قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ تايانچى تاپقاچقا تەبىئىيلا بۇيرۇقنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ جايلىشىش ئورنى چەت بولغاچقا قاتناش، ئۇچۇر-ئالاقە قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى، شۇڭا قامچىسى ئۇزۇنراق بولسىمۇ ئاتقا تەگمەي، شۇنىڭ بىلەن مامۇت ئاخىرى ئامالسىز دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى، شېڭ شىسەي ھەممىنى بىر تۇتاش باشقۇردى.

     بۇ پىلانلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، توساتتىنلا مەسئۇدنىڭ شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. 1936- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنى نەنجىڭدە ئېچىلدى. يىغىندا مەسئۇد شېڭ شىسەينى قاتتىق سۆكۈپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى سېتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىرغىن قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى سىستېمىلىق ئاشكارىلىدى. شېڭ شىسەي نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن زور مىقداردىكى ئۇۋال قىلىنغان دېلولار شەكىللەندى، نەنجىڭگە كېلىپ ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىلارمۇ كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسىمۇ، كۆپىنچىسى يەنىلا خەنزۇلار ئىدى. مەسئۇدنىڭ سىستېمىلىق شىكايىتى بۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ كەڭ-كۆلەمدە قوللىشى ۋە ياخشى باھاسىغا، بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ۋە ئۆلىمالار شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش بىلەن مەسئۇد شىنجاڭ خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.

     1936- يىلى 8- ئايدا، موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالمىشىپ، ۋۇ جوڭشىن كومېتىت باشلىقى بولدى. كومىتېت باشلىقى ئالماشقاندىن كىيىن نەنجىڭدە «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» تەسىس قىلىندى، ھەر ساندا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا سەھىپە ئاجرىتىلدى. مەسئۇد ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ھەمىشە بۇ سەھىپىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەم نام ھەم مەنپەئەتكە ئېرىشتى. 1937- يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، نەنجىڭ خېيىم-خەتەر ئىچىدە قالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەختىنى كۆچۈرۈشنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بەزى ئاپپاراتلارنى چوڭچىڭغا يۆتكەپ بولغان ئىدى. مەسئۇد ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئالدىنقى قاراردا چوڭچىڭغا بارغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى . چوڭچىڭغا بارغاندىن كىيىن ئۇ ئاۋۋال يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا «ئانا يۇرت» ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقاردى. ژۇرنالنىڭ نامىنى مەسئۇد ئۆزى بېكىتكەن بولۇپ، تۈركىيىدىكى «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدىن ئۆرنەك ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدا تەشۋىق قىلىنىدىغان يادرولۇق ئىدىيە «ئانا يۇرتىمىز تۈركىستان» – ئۇلارنىڭ تەرغىبات نۇتۇقىدىكى ئاساسلىق سىياسىي شوئاغار ئايلاندى.

     مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشى ئاۋۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋۇ جوڭشىن چېگرانىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كىيىن، چېگرا ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ۋەقەلەردە ئىنتايىن سەزگۈر بولدى. مەسئۇدنىڭ «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى بۇرۇنلا ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ جوڭشىن ھەر مىللەت زاتلىرى جۈملىدىن شىنجاڭلىق زاتلارنىمۇ موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن بۇ ئەزالار ئارقىلىق مەسئۇدنى ئازراق چۈشەنگەن ئىدى. بەختكە يارىشا ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچقا، قەلب سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. چوڭچىڭغا كەلگەندىن كىيىن دارىتمىلاشقا باشلاپ، قىلماقچى بولغانلىرىغا تەييارلىق قىلدى. ھەمدە تىلدا دىققەت قىلغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن چېنىپ قالمىدى. بىر قېتىم زاڭزۇ-موڭغۇل كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى سىياسىي تەربىيە كۇرسىدا، شىنجاڭلىق ئەزالارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەسئۇد ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن ۋاقىتتا قەستەن تۈرك تىلى تەلەپپۇزىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى سۆزلىدى. بۇ ئەھۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق يىغىندا كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ ئالدىدا ۋۇ جوڭشىنمۇ قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پانئىسلامىزم نەزەرىيىلىرىنى تەپتارتماي بازارغا سېلىپ، يېنىدا ئادەم يوقتەك سۆزلىگەنچە ھاياجانلىنىپ ۋاتىلداشقا باشلىدى. ئەتراپىدىكىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتىشىگىلا باشقىچە ھېسسىياتتا بولۇپ كەلگەن ۋۇ جوڭشىن ئۇنىڭغا كەينى – كەينىدىن بىشارەت بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھېچنىمىنى بىلمىگەن بۇلىۋالدى. ئاخىر ۋۇ جوڭشىن ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە ئۇنىڭ سۆزىدىكى سەپسەتىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىيلەن نەق مەيداندىلا توقۇنۇشۇپ، يىغىن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇدقا بولغان قارىشى تۈپتىن ئۆزگەردى.

     1939- يىلى 1- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 5- ئومۇمىي يىغىنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا كومپارتىيىگە قارشى فاڭجېن بېكىتىلىپ، كومپارتىيىگە قارشى كومىتېت قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىندى. يىغىندا مەسئۇد كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، شېڭ شىسەينى كوممۇنىست ئۇنسۇر دەپ ئەيىبلەپ، شىددەت بىلەن سۆكتى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، مەسئۇدنىڭ نۇتىقىدىكى بەزى سۆزلەر يۈرىكىدىن چىققان ھەقىقى سۆزلەر بولسىمۇ، يەنە نىقابلانغان سۆزلەرمۇ بار ئىدى. 1942- يىلى 11- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 10- ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ ۋاقىتتا سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ئىش كۆرۈدىغان شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، جياڭ جيېشىغا «نازلىنىش»قا باشلىدى. يىغىندا مەسئۇد يەنە بىر قېتىم كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتتى.

     1943- يىلى 11- ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى مىسىردا قاھىرە يىغىنى ئېچىپ، ياپونىيىگە بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت جۇڭگوغا پايدىلىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدى. 1944- يىلى 1- ئايدا جياڭ جيېشى رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار كېڭىشى ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى «مەملىكەت پۇقرالىرىغا مەكتۇپ» نى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكتىن ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى بوشاپ، ئۇزۇن يىل كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىيالمىغان مەسئۇد تايانچ تاپقاندەك بولدى. يەنە كېلىپ گومىنداڭغا تۆھپە قوشقان بولغاچقا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىلجىرلاپ، پانتۈركىزم مۇقامىنى چېلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلى تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بۇ چاغدا زورقۇپ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا بىلجىرلاشقا باشلىدى. 1944- يىلنىڭ بېشىدا چوڭچىڭدا سۆزلىگەن «شىنجاڭ تارىخى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن ئىزلار» تېمىسىدىكى نۇتقى، ئەيسا تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن «ياشلار ژۇرنىلى» ۋە ئارقىدىن «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش» سەرلەۋھىسىدىكى ماقالىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ.

     «ئالتاي ژۇرنىلى» ئەسلىدە مەسئۇد ۋە ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار بىرلىشىپ چىقارغان ژۇرنال بولۇپ، ئەيسا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان ئىدى. ئۇلار بۇ ژۇرنالدا يوشۇرۇن شەكىللەر ئارقىلىق ھەمىشە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىدىغان ئەتكەس ماللىرىنى بازارغا سالدى. ئۇيغۇر تىلىدا 5 سان چىقىپ بولغان بولۇپ، خەنزۇ تىلى سانىنىڭ تۇنجىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش دېگەندىن كۆرە پانتۈركىزمنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان ماقالە دېگەن تۈزۈك ئىدى. مەسئۇد ماقالىسىدا: نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئون تۆت مىللەتكە ئايرىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك ، تاتارلار پەقەت «ئالتە قەبىلە» بولۇپ، تىل، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، كىيىنىش جەھەتتە ئوخشاش. ئىرق ئوخشاشلىقى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ تۇتىشىشىغا ئاساسەن «ئۇلارنىڭ بىر مىللەت يەنى تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك». تاجىك مىللىتىنىڭ تىلىدىن باشقا تەرەپلىرى بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە قەبىلە بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلارنىمۇ «تۈرك مىللىتى» دېيىشكە بولىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسئۇد خۇيزۇلارنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇلار «تاماقنى چوكىدا يەيدۇ»، دىنى ئېتىقاددىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، پەقەت موڭغۇللارلا مۇستەقىل مىللەت دېدى. شىنجاڭدىكى رۇس مىللىتىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ رۇسىيىگە، كومپارتىيىگە قارشى خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، ھەتتا ئۇلارنى جۇڭگولۇق ئەمەس، شىنجاڭدىكى مۇھاجىرلار دەپ قارىدى.

     ماقالە ئېلان قىلىنغاندا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كۆز قارىشىنى «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ نامىدا ماقالىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلارنىڭ ئاساسى قانۇن لايىھىسىگە قارىتا پىكىرى» دېگەن توننى كەيدۈرۈپ، 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى «ئاخبارات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مەزمۇن سۆزلەنگەن بولسىمۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى يادرولۇق نۇقتا بار ئىدى: بىرىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى تۈرك مىللىتى دەپ ئاتاش؛ ئىككىنچىدىن، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى «تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىش. مەسئۇدنىڭ دەسلەپكى ئويى شۇنىڭدەك بۇ ئىككىيلەننىڭ بايانىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سىياسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يول ھازىرلىماقچى بولغان ئىدى.

     ئۇلارنىڭ بىمەنە لوگىكىسى شۇ ھامان كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ئۆلىما لى دوڭفاڭ «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، «چۇڭچىڭدىكى بىر نەچچە يۇرتداشنىڭ پىكىرىگە ئاساسلىنىپ، نەچچە مىليون قېرىنداشنى ئۆزىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان، يەنە كېلىپ ھەقىقى شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نام بىلەن ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. لى دوڭفاڭ ماقالىسىدە ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىن-بۇيەردىن قۇراشتۇرغان نۇقتىنەزەرلىرىگە بىر-بىرلەپ رەددىيە بېرىپ، نۇقسانلىرى كۆپ ئىسپاتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، توغرا تارىخى ئىسپاتلار بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇيغۇر مىللىتى جوڭگۇ قەدىمقى زامان تارىخىدىكى ئوغۇز، ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇلار بىلەن تۈركلەر سۈي، تاڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە بىر مەھەل گۈللىنىپ كىيىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە ئۇيغۇرلار ئەسكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتقان. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئايرىم-ئايرىم ئىككى قەبىلە تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ بىرلەشتۈرۈپ بىر مىللەت دېگىلى بولسۇن؟ قىرغىزلار قەدىمكى تارىخلاردىكى خاككاسلار بولۇپ، ئۇيغۇر، تۈركلەر بىلەن قوشنا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ بىر قەۋم ئەمەس؛ تاتارلار موڭغۇل قان سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن. تاجىكلار پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاپ كەلگەن ئىران تىلى سىستېمىسىغا تەۋە مىللەت بولۇپ، تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوق؛ قازاق، ئۆزبېكلەرنىڭ شەكىللىنىشى نىسبەتەن كىيىن بولۇپ، تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا تۈرك يېزىغىنى قوللانغىنىغا قاراپلا تۈرك مىللىتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى ياپونلۇقلار چاسا خەتنى قوللانسىمۇ، ئۇلارنى جۇڭگولۇق دېگىلى بولمىغاندەك ئىش. لى دوڭفاڭ قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىدا تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمى پوزىتسىيىسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ سەزگۈرلۈكى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، گومىنداڭنىڭ پارتىيە گېزىتىدا ئېلان قىلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇقتىنەزەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

     1945- يىلى 4- ئايدا «ئالتاي گېزىتى»دا يەنە مەسئۇد «غەربى شىمالنىڭ سىياسىي توغرىسىدا سۆز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، بېشىدىلا «ھازىر سۆزلەيدىغان پۇرسەت كەلدى» دەپ، تاقەتسىزلىك ئىلكىدە ئۆزىنى باسالماسلىق پسىخىكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ شۇنچە ئالدىراپ نېمىنى بايان قىلىدۇ؟ ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غەربنى ئېچىش مەزمۇنىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنىڭ تارقىلىشىغا چىدىيالماي، تاقەتسىزلىك ئىچىدە پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرۈشكە، شىنجاڭنى ئېچىشقا، شىنجاڭنى قۇرۇشقا، شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە قارشى تۇرىمەن، شىنجاڭدىكى تىنچسىزلىققا كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە ۋە ئارمىيە سەۋەپچى دېدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىم جەڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ مەقسىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بىرسىدە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتاشنى چاقىرىق قىلسا يەنە بىرسىدە خەنزۇ قوشۇنى بىلەن خەنزۇ خەلقىنى شىنجاڭغا كىرگۈزمەسلىك چوقانىنى سالدى. بۇنىڭدىن چىقىدىغان يەكۈن ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بولۇپ، پەقەت مۇھىت چەكلىمىسى يەنە كېلىپ گومىنداڭنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش سۆزىنى دېيەلمىگەن خالاس. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد ۋە ئەيسا داۋاملىق ئالاقە قىلغان بېرەيلەن بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدا مەسئۇدنىڭ ھەقىقى پسىخىكىسى ئاشكارىلاندى. ماقالىدىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا «مەسئۇد – سوۋېتقا قارشى مۇتەخەسسىس، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىئارام بولغان» ئىدى. مەسئۇد يەنە « خەنزۇلار مەخسۇس باشقا مىللەتلەرنى يەۋىتىدىغان مىللەت دېگەن» ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەمراھلىرى ئىمىن، ئەيسالار بىلەن بىرلىكتە جياڭ جيېشىغا مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە قۇرۇش تەلىپىنى ئىزھار قىلدى. بۇ ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان»، «بىر مەزگىل ئۇلارنىڭ لەنجۇ، چوڭچىڭلارغا بېرىپ كىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان». بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش قوزغىغان بىر مەزگىللىك «پانتۈركىزم» ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى كىلىمات شەكىللەندۈرەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئەپتى- بەشىرىسى خەلق ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ، ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مەسئۇد قاتارلىقلارغا يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسى بولۇپ بەرگەچكە، ئۇلار قايتىدىن روھلانغان.

      تەرجىمە قىلغۇچىلار:

     ئابدۇجاپپار ھامىدىن (كەلپىن ناھىيىلىك تەرەققىيات .ىسلاھات كومىتىتى)

     قاھار زەيدىن (كەلپىن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرجىمە ئىشخانىسى)

     زورىگۈل قادىر (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتى)

     رۇشەنگۈل ئەزىز (ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىلىق ھۆكۈمەت)

     (داۋامى بار)



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter