Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشى

2014-06-19 12:37     كۆرۈلۈشى: 1100 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا  جەزمەن غەلبە قىلىش كېرەك شىن شۇەن      22- ماي بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باغچا شىمالىي كوچىسىدىكى ئەت....

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا

 جەزمەن غەلبە قىلىش كېرەك

شىن شۇەن

     22- ماي بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باغچا شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا تەسىرى ئىنتايىن يامان ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى، دېلودا 39 كىشى قازا قىلدى، 94 كىشى يارىلاندى. قەبىھ زوراۋانلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئۈرۈمچىنىڭ تىنچلىقى، جىمىجتىلىقىنى بۇزۇپ، نەچچە ئونلىغان ئائىلىنى بىردىنلا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىپ ، ئېغىر قايغۇ-ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلدى.

     زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ھېچقانداق قانۇن كەچۈرمەيدۇ؛ بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۈرۈمچى ۋە باشقا نۇقتىلىق ۋىلايەت ئوبلاست، شەھەرلەر دەرھال بىرىنچى دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دېلونىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە دېلونى پاش قىلىش ئەھۋالىنى ئاممىغا ۋاقتىدا ئېلان قىلدى، ھەر مىللەت ئامما توردىكى تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئاقىلانە ۋە مەدەنىي قاتاشتى؛ دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەۋەلىك رايوندىكى ساقچىخانىنىڭ 40 نەچچە كادىر-ساقچىسى بىر مىنۇت ئىچىدە نەق مەيدانغا بېرىپ، بەش مىنۇت ئىچىدە 5400 دىن كۆپرەك ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، پاراكەندىچىلىك يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەتتىن بولغان 600 نەچچە شەھەر ئاھالىسى ھەر قايسى قان تەقدىم قىلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ بەس-بەستە قان تەقدىم قىلىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 180 مىڭ مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلدى؛ جاڭ چۈنشيەن شۇجى كېچەيۇ كۈندۈز قوماندانلىق قىلىپ، نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، دېلونى پاش قىلىش، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردى، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا چېن زۇڭيەن، ۋاڭ شىگاڭ، غەيرەت غوپۇر قاتارلىقلار ھويلىغا قارايدىغان ئەينەكنى چېقىپ ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، خەتەرگە قارىماي موماينى قۇتقۇزدى، شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى…. پارتىيە، ھۆكۈمەت سەپەرۋەرلىك قىلىپ، پۈتكۈل ئاۋام قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى تارقاتتى.

     ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق كۈچ-قۇدرىتىمىزنىڭ مەنبەسى، خەلق ئۇرۇشى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر. بىر كىشىنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ، ئەمما ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، ئىجىتمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا ئاممىنى پائال قوللاش ۋە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ كوللېكىتىپ ئەقىل-پاراستىنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراستى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىدە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى خەلق ئۇرۇشى قاينىمىغا غەرق قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىشتەك كۈچلۈك ھوجۇم ھالىتىنى شەكىللەندۇرۇپ، سۈر-ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ھەققانىيلىقنى نامايەن قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇشىمىز كېرەك.

     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ھىمايە قىلىشتەك جامائەت پىكىرى كەيىپياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ ھىمايىسى ئىشلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى. زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنى ساراسمىگە سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، تاراتقۇلار، ئورۇنلار زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ۋە ئەپتى-بەشىرىسىنى ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىن ئەسەبىيىلىكىنى دەبدەبىلىك ئەيىبلىشى كېرەك، كادىرلار، ئاممىغا زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىشتەك رەزىل نىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاقىلانە بولۇشى، توپلىشىۋالماي، غەۋغا چىقارماي، يامان كىشىلەرنىڭ قىلىتىقىغا چۈشمەي، ئۆچ-ئاداۋەتنى زورۋان-تېررورچىلاردىن ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ قەبىھ جىنايى قىلىمىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، بارلىق ئاممىنى زورۋان-تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى قەبىھ ماھىيىتىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ھىمايە قىلىشتەك جامائەت پىكرى كەيىپىياتىنى شەكىللەندۇرۇش ئارقىلىق، زوراۋان-تېررورچىلارنى ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قاپتۇ›› دېگەندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك.

     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاممىغا تايىنىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتى ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى شەكىللەندۇرۇش كېرەك. ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق پارتلىتىش دېلولىرى بىزگە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يېنىمىزدىلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى، مەيلى قەيەردە بولمايلى، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇقىملىق ـ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قانلىق كۈرەشتە مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز جايلار، تارماقلار ۋە كىشى بولمايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بىرىنچى مەسئۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ‹‹بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت››، ئۆزىنىڭ ئادىمىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۆزىنىڭ دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاش پرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇشى؛ ھەر مىللەت ئامما ئاڭلىق ھالدا ئېغۋا توقۇماي، ئېغۋاغا ئىشەنمەي، ئېغۋا تارقاتماي، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئۇچرىماي، ئۆز خىزمىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بىر نىيەتتە قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاممىنى ئويۇشتۇرۇپ بىرىكىمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ كۆپ ۋە دائىم يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جايلار، ئورۇنلار، تارماقلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىستلنى ياخشىلاپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا باشلامچىلىق قىلىپ، ئىستلنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلرايى ۋە ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنى چىڭىتىپ، زوراۋانلىققا تاقابىل تۇرۇش مانىۋىرىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئويۇشتۇرۇپ، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەرنى تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، دىن ئەسەبىيىلىكىگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تور سىستېمىسىنى قېزىپ چىقىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ يامراش مەنبەسىنى يىلىتىزىدىن يوقىتىش؛ ‹‹تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى توغرا ئانالىز قىلىش ۋە ئىگىلەش؛ ھەر مىللەت ئاممىنى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش ۋە قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى تەمىنلەش، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش كېرەك.

     زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ جەڭ سىگنالى چېلىندى. ئالاھىدە ۋەزىيەت، ئالاھىدە ۋەزىپە، ئالاھىدە جەڭگاھ ئالدىدا، ئازابنى ئۇنتۇپ سەگەك بولۇپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئۆز ئىشىمىز ۋە ئۆتەشكە تېگىشىلىك مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا يېقىنىلىشىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دۈشمەنگە لەنەت ئوقۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا جەزمەن غەلبە قىلىشىمىز كېرەك.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter