ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> زور سالماق، يۇقىرى ئۈنۈم، كۈچلۈك كاپالەت

زور سالماق، يۇقىرى ئۈنۈم، كۈچلۈك كاپالەت

2014-02-23 11:15     كۆرۈلۈشى: 1333 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈش (ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5- قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى باشلانغانلىقى توغرىسىدا) ياڭ يىڭچۈن      2010- يىلى ....

ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، كۈچنى ئەبەدىي

ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈش

(ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5- قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى

يىلى باشلانغانلىقى توغرىسىدا)

ياڭ يىڭچۈن

     2010- يىلى 17 – مايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش ئېنىق كۆرسىتىلدى.

     ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ئۇزاق بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

     شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش››تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ غايەت زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مەردانە قەدەم بىلەن باشلاندى.

     خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى زورىيىپ، تۆت يىلدا سېلىنغان سېلىنما 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

     2010- يىلى 30 – ئاپرېل، جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت رەئىسلىرى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تۇنجى چوڭ ئىش شەھەر، بازارلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى بولدى.

     بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر، بازارلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللېكتىپ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 300 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچىنى شەھەر، بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش كۈتۈنۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

     شۇنىڭدىن كېيىن، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىشتەك ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كەينى – كەينىدىن يولغا قويۇلدى.

     شۇ يىلى 25 – ئىيۇلدىن 28 – ئىيۇلغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا تۆت كۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم›› لەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

     كىشىلەر بۇ بىر يۈرۈش خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمگەن پەيتتە، ‹‹چوڭ ھەرىكەت››لەر ئۈزلۈكسىز يۈز بەردى: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە تۈزۈمى ئورنىتىلدى، 1 مىليون 200 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى…

     2010- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم 119 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەرلىك مالىيە ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، 2011 – يىلى 27 – فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 22 تۈركۈملۈك 80 نۇقتىلىق ئەمەلىي قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى. ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇنداق سالمىقى زور قۇرۇلۇشلارنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى ئىدى.

     2011- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم 167 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەرلىك مالىيە ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنىڭ %73.2 ىنى ئىگىلىدى.

     2012- يىلى 6 – فېۋرالدىن 10 – فېۋرالغىچە، قار – مۇزلار تېخى ئېرىمىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرغان ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئون نەچچە رەھبىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن ئېرىشكەن ئۈنۈمى، ئېھتىياجى ۋە پىلانىنى ئىگىلىدى.

     2012- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن ئومۇمىي چىقىم 197 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقى تېخىمۇ ئېشىپ، قاتلىمى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

     خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بار، بىراق ئاخىرقى نۇقتىسى يوق. 2013 – يىلى 6 – فېۋرال، چاغانغا تۆت كۈن قالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، 25 تۈركۈملۈك 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشنى ھەم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ۋىلايەت، ئوبلاست قاتلىمىغىچە ئۇزارتىشنى جاكارلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى چاغانلىق سوۋغا بەردى.

     يىل ئاخىرىدا خۇش خەۋەر كەلدى. 2013 – يىلى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم 223 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋەدە قىلغان 25 تۈركۈمدىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرى تولۇق نەقلەشتۈرۈلگەنىدى.

     تۆت يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن ئومۇمىي چىقىم 700 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى كۆلىمىنىڭ زور بولۇشى، مالىيە سېلىنمىسىنىڭ كۆپ بولۇشى، نەپكە ئېرىشكەن ئاممىنىڭ كۆپ بولۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەنىدى.

     ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى تېز بولدى: خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى

     2010- يىلى 24- ئىيۇندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بۇرچىن، بۇرۇلتوقاي، دۆربىلجىن، تولى قاتارلىق تۆت ناھىيەدە بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى.

     شۇ كۈنى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى يىلامان سۇ ئامبىرىغا ئۇل سېلىش نەق مەيدانى كىشىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن يەرلىك چارۋىچىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قازاقلارنىڭ ئۆزگىچە قائىدە – يوسۇنى بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار جاڭ چۈنشيەننىڭ 9 – ئىيۇن سۇچىلىق نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، چارۋىچىلىق رايونلارنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاشۇ پەيتتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، 15 كۈن ئىچىدىلا تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت چارۋىچىلىق رايونى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشىنى روياپقا چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ياراتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

     كىچىك سۇ ئامبىرى، خەلق تۇرمۇشىدىكى زور ئىش؛ خەلقنىڭ دەردىگە يېتىشتە، ئەزەلدىن ئالدىراش بولۇش. تۆت يىلدا شىنجاڭ ئۈنۈمى، شىنجاڭ سۈرئىتى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئاۋاز قوشۇشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېرىشتى.

     ئەستايىدىل كىشىلەر شىنجاڭنىڭ مۇشۇ يىللاردىن بۇيانقى خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئۈچ تېز بولۇش››نى بايقىدى؛ بىرىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تېز بولدى. تۆت يىلدا شىنجاڭدا ھەر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى بارلىققا كەلدى؛ ئىككىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى تېز بولدى. قىشتا كۈچنى توپلاپ، ئەتىيازدا ئىش باشلىدى، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە جايلار بېكىتكەن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 4 – ئايدا قۇرۇلۇشنى باشلىدى. ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تېز بولدى، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرىغا قويغان خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرى ئۇزاققا بارمايلا ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى.

     تۆت يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شىنجاڭ ئۈنۈمى بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى، مەركەز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سىياسەت، مەبلەغ، تۈر جەھەتتىكى قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ئىجادىي تەپەككۇر ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ، كۆپ يىللاردىن ھەل قىلىنماي كەلگەن خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

      كىشىلەرنىڭ قەلبى ئىللىپ، روھى كۆتۈرەڭگۈ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۈچلۈك بولدى

     2013- يىلى 8- ئاينىڭ باشلىرىدا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسى دەرۋازاقۇم كەنتىدىكى 26 ياشقا كىرگەن نۇر ئەخمەت قوناقلىقتا ئىشلەۋاتاتتى، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ چۈنشيەن بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنىڭدىن خەلق تۇرمۇشىغا بولغان پىكرىنى ئاڭلىدى.

     ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، 2014 – يىلى 10 – فېۋرال نۇرئەخمەت مۇخبىر بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق پاراڭلاشقاندا ھاياجانلانغان ھالدا : ئەينى ۋاقىتتا، جاڭ شۇجى مەندىن سوئال سورىغاندا، يۈرىكىم ناھايىتى تېز سېلىپ كەتتى. بۇنداق چوڭ رەھبەرنىڭ دېھقانلاردىن پىكىر ئالغانلىقىنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، قەلبىم ئىللىدى. ھازىر كەنتىمىزنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانى پۈتتى، مەيدانغا يەنە نۇرغۇن چېنىقىىش ئۈسكۈنىسى سەپلەندى، بىز دائىم ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، دېدى.

     خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىگە تۇتىشىدۇ. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگەن پۇقرالار زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.

     شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبى ئىللىپلا قالماي، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولدى.

     2014- يىلى 10- فېۋرال سائەت 16 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاراپ ئۇچقان 6998 cz نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئىچى يولۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئىككى شەھەر ئارىسىدا كۈندە ئون نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىسىمۇ، دائىم ئورۇن قالمايدۇ.

     «ئىلگىرى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاز بولۇپ، يولۇچىلار شالاڭ ئولتۇراتتى، ھازىر شىنجاڭلىقلارنىڭ روھى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ››، – دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى فاڭ لىشۈ.

     كىشىلەر ئارىسىدا فاڭ لىشۈگە ئوخشاش شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار بولۇپلا قالماي، تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى.

     2013- يىلى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىمى 67 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 52 مىليون 50 مىڭ ئادەم /قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم – ئايرىم ھالدا %16.88ۋە %7.09 ئېشىپ، ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەتچىلىك كىرىمىدە قوش بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter