ھاجى خوجائابدۇللا ئوسمان
سۈننىي مەزھىبى بىلەن شىئە مەزھىبى ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپتۇر. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرسىدىكى فىقھە جەھەتتكى ئىختىلاپ ئەڭ دەسلەپتە خەلپىلىك ئورنىغا كىم ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدىن باشلانغان. يەنى كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسلامنىڭ قانۇنى ۋارىسى بۇلىدۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئىككى مەزھەپ ئۇتتۇرىسىدىكى ئختىلاپ بىر مۈنچە جەھەتكە كېڭەيدى. جۈملىدىن فىقىھە ئەنئەنىسى جەھەتىتىكى ئىختىلاپمۇ كېڭەيدى. ئىككى مەزھەپنىڭ فىقھە ئەنئەنىسى جەھەتتىكى پەرقى ئاساسەن شەرىئەت مەنبەسى جەھەتتىە ۋە ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان شەرىئەت ئەھكاملىرى جەھەتتىن ئىپادىلىندۇ. شىئە مەزھىبىنىڭ ئۇششاق تارماقلىرى ھازىر دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەخمىنەن 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى سۇننىي مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلاردۇر.
شەرىئەت مەنبەسى جەھەتتە سۈننىي مەزھىبىمۇ شىئە مەزھىبىمۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىستىكى كۆرسەتمىلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنى چۈشەندۇرۈشى ئوخشىمايدۇ. سۈننىي مەزھىبىدىكى فەقىھلەر «قۇرئان كەرىم»نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۈزۇشتە ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ئەرەپ قەبىلىلىرىنىڭ ئادەتلىرى ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىلگەن ۋە تۇلۇقلانغان. لېكىن كۇنا ئەنئەنە ۋە ئادەتلەر پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىلمىگەن دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ شەرىئەت مەنبەسى جەھەتتىكى تۇپ خاھىشى «قۇرئان كەرىمدە» ئېنىق مەنئى قىلىنمىغانلىكى كونا ئەنئەنە ۋە ئادەت بۇلىدىكەن، بۇنداق ئەنئەنە ۋە ئادەت قۇبۇل قىلىنغان ۋە مۇئەيييەنلەشتۇرۈلگەن بۇلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر بولسا «قۇرئان كەرىم»نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇزۇش ئۈزۈل كىسىل ئسلاھات ھېساپلىنىدۇ، قەبىلىلەرنىڭ كونا ئادەتلىرى شەرىئەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن بىكار قىلىنغان دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ شەرىئەت مەنبەسى جەھەتىتكى تۈپ خاھىشى «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇلمىگەنلىكى كونا ئەنئەنە ۋە ئادەتبۇلىدىكەن، بۇنداق ئەنئەنە ۋە ئادەت بىكار قىلىنغان بۇلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت.
شەرىئەتتە ھەدىسنى ئاساس قىلىش مەسىلىگىسىگە، كەلگەندە سۈننىي مەزھىبىمۇ، شىئە مەزھىبىمۇ ئۇنىڭ شەرىئەتنىڭ تۇپ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئاساس قىلغان ھەدىس مەزمۇن جەھەتتىە بىر-بىرىدىن ئوچوق پەرىق قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىبى جامائەتچىلىك ئىتىراپ قىلغان ‹سىھاھى سىتتە› دەپ ئاتالغان ئالتە ھەدىس كىتاپقا ئەمەل قىلدۇ. شىئە مەزھبى بولسا ئۆزىنىڭ ئىماملىرى رىۋايەت قىلغان ۋە شەرھىلىگەن تۆت ھەدىس كىتابىغا ئەمەل قىلدۇ. ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا شەرىئەتنىڭ يەنە ئىككى مەنبەسى ئۈستىدىمۇ ئىختىلاپ بار. سۇنني مەزھىبى ‹قىياس› بىلەن ئىجمائ› نىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۈزۇش جەھەتتىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇلارنى شەرىئەتنىڭ ئىككىنچى ئۇرۇندىكى مەنبەسى دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىبى بولسا كەڭ ‹ئىدارك› نى قىياسنىڭ ئورنىغا قۇيىدۇ. ئۆز ئىماملىرى ياكى ‹مۇجتەھىد› لەرنىڭ ھۆكىمىنى ‹ئىجمائ› نىڭ ئۇرنىغا قۇيىدۇ. يەنى شىئە مەزھىبى شەرىئەت ئەمىلىيىتىدە سۈننىي مەزھىبىدىكى فەقھىلەرئوتتۇرغا قۇيغان ‹ئىجمائ› نىڭ چەكلەش كۈچىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھازىرقى زامان فەقھىلىرى شەرىئەت مەسىللىرنى يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن، يېڭىچە ئىزھالاشقا ھوقوقلۇق دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.
شەرىئەتنىڭ مەنبەسى جەھەتتىكى ئىختىلاپ مۇقەرەر ھالدا شەرىئەت ئەھكاملىرى جەھەتتە ئىپادىلىندۇ. شۇڭا ئىككى مەزھەپنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى جەھەتتىكى پەرقىمۇ ناھايتى ئېنىق. بۇلۇپمۇ نىكاھ مەسىلىسى بىلەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلش مەسىلىسىدىكى پەرىق تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. نىكاھ مەسىلىسىدە شىئە مەزھىبى ‹ھەقىقى نىكاھ› بىلەن ‹ساختا نىكاھ› نىڭ بارلىقنىلا ئېتىراپ قىلدۇ. سۈننىي مەزھىبىنىڭ فىقھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان ‹نورمالسىز نىكاھ› نىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاجىرشىش مەسىلىسىدە بىرقەدەر چىڭ بۇلۇپ، ئەرنىڭ ئۆز خۇتۇنىنى تالاق قىلۋەتكەنلىكىگە ھۆكۇم قىلىشتا شۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە بولغان ئىككى كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى ۋە ئەرنىڭ خاتاسىز، ئېنىق ۋە رەسمىي سۆز بىلەن تالاق قىلىۋەتكەنلىكىنى شەرت قىلىدۇ. سۇننىي مەزھىبىنىڭ كۆپ خىل تالاق قىلىش شەكلىنى (مەسىلەن: ئەرنىڭ كەينى كەيندىن ئۈچ قېتىم تالاق قىلدىم دىيشى بىلەن خۇتۇننىڭ ئەرنىڭ ئەمىردىن چىقىپ كىتىدىغانلقىنى) ئىنكار قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شىئە مەزھىبى يەنە ‹مۇتئە› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ۋاقىتلىق نىكاھنى ئىتىراپ قىلىدۇ. يەنى بى مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ ئىككى تەرەپ ئىخىيار قىلغان ئاساستا بىرنەچچە مۇسۇلمان ئايال ياكى ‹ئەھلى كىتاب› لاردىن بولغان ئايال بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشقا يول قۇيىدۇ. بۇ ‹ھۇزۇر ئېلىش مەخسەت قىلىنغان نىكاھ› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە، شىئە مەزھىبى سۇننىي مەزھىپىنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان ۋارىسلىق تۈزۇمى بۇيىچە ئىش قىلىدۇ. سۇننىي مەزھىبى «قۇرئان كەرىم» دىكى بەلگمىلەرگە ئاساسەن، مۇقىم ئۈلۈش ئالىدىغان ۋارىسلىق تۈزۇمى (بۇ بولسا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق تۈزۇمگە باراۋەر بۇلۇپ، بۇنىڭدا ھەرخىل ۋارىسلار قانۇن بۇيىچە تىگىشلىك ئۈلۈش ئالىدۇ) بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئادەتلىرى (ۋەسىيەتكە ئاساسەن ۋارىسلىق قىلىش) نى بىرلەشتۈرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاتا جەمەت ۋارىسلارنىڭ ئۈستۇنلۈك ھۇقۇقىنى داۋاملىق مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن بىللە، بۇرۇن ۋارىسلىق قىلىش ھۇقۇقى بولمىغان ئانا جەمەت تۇققانلار ۋە قىسمەن ئەر تۇققانلارغا لايىقىدا ئىتىبار بىرىپ، ھەم «قۇرئان كەرىم» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەھمىىيەت بىرىدۇ، ھەم قەدىمكى ئەنئەنە ئادەتلەرگە ھۆرمەت بىرىلىدۇ. شىئە مەزھىبى بولسا ۋارىسلىق تۈزۇمدە «قۇرئان كەرىم» دىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، پەقەتلا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ۋەسىيەتكە ئاساسەن قىلىندىغان ۋارىسلىقنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ جورسى(خۇتۇنى ياكى ئىرى)نى ئاساس قلىپ تۇرۇپ ۋارىسلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈچ دەرىجگە ئايرىيدۇ. دەرىجىلەر ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپ چەتكە قايرىپ قۇيىلىدۇ. ۋارىسلارنىڭ ھەرقايسىسى ۋارىسلىق تەرتىپى بۇيىچە ئۆزىگە تىگىشلىك ئۈلۈشنى ئالىدۇ. ئاتا جەمەت ئەر تۇققانلارنىڭ ئۇستۇنلۈك ھۇقۇقى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىتراپ قىلىنمايدۇ.
سۇننىي مەزھىبى بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرسىدىكى شەرىئەت جەھەتتكى پەرىقنىڭ پەيدا بۇلىشىغا، شەرىئەت مەنبەسى جەھەتتكى ئىختىلاپتىن باشقا ئاساسەن ئىككى خىل شەرىئەت ئەھكامى ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىجتىمائىىي تارىخىي شارائىتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەپ بولغان. سۇننىي مەزھىبى پاترىئارخاللىق تۈزۇمدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان قەدىكى ئەرەپ جەمئىيىتنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن. شىئە مەزھىبى بولسا فېئودالىلق تۈزۇمگە ئۆتكەن، بىر قەدەر بالدۇر تەرەققى قىلغان پارىس مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن. بۇ – ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى قانۇنچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى مەزھەپ شەرىئەت ئەنئەنىسى جەھەتتە كۈندىن كۇنگە يېقىنلاشماقتا. شەرىئەت جەھەتتكى پەرىق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسى سۈپىتىدە ھېلىمۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئىتىبارنى قوزغۇماقتا.