Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئىسلام ئەقىدىسىدىن تېررورلۇققا بىر نەزەر

ئىسلام ئەقىدىسىدىن تېررورلۇققا بىر نەزەر

2014-08-15 12:23     كۆرۈلۈشى: 1384 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: نۇرمۇھەممەت توختى      ئىسلام دىنى تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن. ‹‹ئىسلام›› دېگەن ئەرەبچە ‹‹ئۇرۇش››، ‹‹ئۆچمەنلىك››، ‹‹زوراۋانلىق››، ‹‹تېررورلۇق›› دېگەن سۆزلەرگە قارشى مەنىدىكى ‹‹تىنچلىق››دېگەن مەنىنى ....

نۇرمۇھەممەت توختى

     ئىسلام دىنى تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن. ‹‹ئىسلام›› دېگەن ئەرەبچە ‹‹ئۇرۇش››، ‹‹ئۆچمەنلىك››، ‹‹زوراۋانلىق››، ‹‹تېررورلۇق›› دېگەن سۆزلەرگە قارشى مەنىدىكى ‹‹تىنچلىق››دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. بۇ ھەقتە ‹‹قۇرئان كەرىم››دە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹مەرھەمەتلىك ئاللانىڭ (ياخشى كورىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ. نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار (سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز) دەيدۇ. يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ›› (25 – سۈرە 63 – ئايەت). دېمەك، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان دىن ئىكەنلىكى ئېنىق. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە تىنچلىق بولغان جايدا بەخت – سائادەت بولىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىلىدىغىنى مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك، بۇ ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشى، شۇنداقلا ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئۈمىد ئارزۇسى. شۇڭا، ئىسلام دىنىمىزدا تىنچلىق بەخت – سائادەتنىڭ سىموۋولى. تىنچلىق بارلىق ئىنسانلار ئىنتىلدىغان نىشان. شۇڭا، ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە مۇسۇلمانلار تىنچلىقنىڭ ئەلچىلىرىدىن بۇلۇشىمىز لازىم.

     «تىنچلىق›› ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىدىن بولۇپ، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس شەرىف››تە مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ – ھەم پەرز ھەم سۈننەتتۇر.

     «مۇسۇلمان›› دېگەن سۆز ‹‹مۆئىمىن››، ‹‹بويسۇنغۇچى›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، ئاللاننىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ‹‹تىنچلىق››قا ئىنتىلگۈچى دېگەنلىكتۇر. ئاللاننىڭ 99 مۇبارەك نامىنىڭ بىرسى ‹‹تىنچلىق››تۇر. مۇقەددەس كەئىبىنىڭ قوۋۇقلىرى ئىچىدە بىر قوۋۇقنىڭ نامى‹‹تىنچلىق قوۋۇقى›› دەپ ئاتىلىدۇ. جەننەتنىڭ ئىسىملىرى ئىچىدە ‹‹تىنچلىق›› بار. ئاللاننىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئاۋۋال ‹‹تىنچلىق›› بىلەن ئەھۋال سوراشقا بۇيرۇغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلارغا ‹‹تىنچلىق›› ئېلىپ كېلىشىنى ھەمدە كىشىلەرنى ‹‹تىنچلىق››نى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىقنى مەقسەت قىلغان. ‹‹قۇرئان كەرىم›› دىكى 114 سۈرە، 6236 ئايەتكە قاراپ باقايلى، تىنچلىق ئىسلام دىنىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھەم ئاخىرقى نۇقتىسى.

     ئىسلام دىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى قېرىنداش، ئاللاننىڭ بەندىسىى دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى باراۋەر – ئىتتىپاق ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە: ‹‹پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز – نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار يەنى (مۇخالىيەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن›› (سۈرە نەھىل 125- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). شۇڭا، ئىسلام دىنى باراۋەرلىكنى دەۋەت قىلىدۇ. باشقىلارغا رەھىمدىل، كەڭ قورساق بولۇشنى، ھەممە يەردە ئۈمىدۋار بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئىنتىلدىغان تىنچلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى دەۋەت قىلىدۇ.

     ئىسلام دىنى بىزدىن ‹‹ئوتتۇراھال يول›› تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ‹‹ئوتتۇراھال يول›› مۆتىدىل توغرا يول، شۇنداقلا ‹‹ئاللاننىڭ يولى››دۇر.

     ئىسلام دىنى ئەمەل – ئىبادەتتە ئوتتۇراھال بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ‹‹تىنچلىق››نى غايە قىلىدىغان دىندۇر. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق شەرىئەت ھۆكۈملىرىدە ئوتتۇراھال بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرىدىغان ئىدىيە كۈچلۈك. ئوتتۇراھال بولۇش دېگىنىمىز ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، ئامان – ئىسەن بولۇش دېگەنلىكتۇر. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ‹‹ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر›› دېگەن، يەنە ‹‹سىلەر دىندا چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلەر، سىلەردىن ئىلگىركىلەر شۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان››، ‹‹يوق نەرسىنى پەيدا قىلماڭلار، يوق نەرسىنى پەيدا قىلساڭلار بىدئەت بولىدۇ››، ‹‹ئوتتۇراھال يول تۇتۇڭلار، ئوتتۇراھال ياشىغان كىشى ئالدى – كەينىگە قارايدۇ، ئوتتۇراھال يول نورمال يول››، ‹‹بەك ئەسەبىيلىشىپ كەتمەڭلەر، ئادەملەر ئەقلىدىن ئازغاندا ئەسەبىيلىشىدۇ، جاھىل بولۇپ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇش ئەسەبىيلىك›› دەپ ۋەسىيەت قىلغان.

     ئىسلام دىنىنىڭ قارىشچە، ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى، مۇۋازىنەتنى (تەڭپۇڭلۇقنى) ساقلاش كېرەك، شەرىئەتنى بۇرمىلاپ، مەسىلىلەرگە قارىغۇلارچە ھۆكۈم قىلغاندا ئوتتۇراھاللىقتىن ئېغىش يۈز بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي مەنىسىمۇ ‹‹تىنچلىق››، ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرىمۇ ‹‹تىنچلىق›› بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرخىل مىللەت ۋە ئوخشىمىغان دىنلارنى ھۆرمەتلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېچكىمگە ئازار بەرمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە تەھدىت سالىدىغان، زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھەرقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى، مەيلى ئۇنى سادىر قىلغۇچى بىرەر شەخىس، تەشكىلات ياكى گۇرۇھ بولسۇن، مەيلى ئۇ دىن قالپىقىنى كىيگەن ياكى كىيمىگەن بولسۇن، ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە شەرىئەت ھۆكۈمىگە خىلاپتۇر. شىنجاڭدىكى زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرى بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن ئايەت، ھەدىسلەر روھىغا خىلاپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە تۈپتىن خىلاپ بولغان ئادىمىيلىك مەدەنىيىتىگە تۈپتىن قارشى ھەرىكەت.

     يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ۋەقەلىرى جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئاۋامغا زور زىيان سالدى. بۇ ۋەقەلەر زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقنى مەنسىتمەي، ئىنسانپەرۋەرلىكنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيلىك چېكىگە ئاشكارا ئىغىۋارگەرچىلىك قىلىشتەك جىنايى ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قەبىھ ھەرىكىتى ھەممىمىزنى چۆچۈتتى، زادى قانداق كۈچ ئۇلارنى بۇنداق ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشقا تۈرتكە بولدى؟ جاۋاب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى دىن ئەسەبىيلىكىدىن ئىبارەت. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىدىغان ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىي دىن ئەسەبىيلىكى. ئۇلارنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى مىللەت، دىن بايرىقىنى دەستەك قىلىپ، ئاممىنىڭ ساددا مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى بولۇپمۇ بىر قىسىم مەدەنىيەت ساپاسى، قانۇن ئېڭى تۆۋەن ياشلارنى قايمۇقتۇرۇش ۋە قۇترىتىش.

     «قۇرئان›› تىلى كىلاسسىك ئەرەب تىلى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ يېقىنقى يىللارغىچە ئىسلام ئەقىدىسىنى مەسچىتلەردىكى تەبلىغلەرگە تايىنىپ چۈشىنىپ كەلگەن. كۆپىنچە ئېتىقادچى ئامما ئەرەب تىلىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس شەرىف››نى چۈشۈندۈرۈشتە، بىرى چۈشۈندۈرگۈچىنىڭ سەۋىيەسىگە باغلىق، يەنە بىرى ئۇنىڭ سىياسىي مەيدانىغا باغلىق بولىدۇ. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئىسلام دىنىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بۇرمىلاپ، ئەسەبىيلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرۇش بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ ئەھلى ئۆلىمالىرىمىز ئىسلام دىنىنى توغرا شەرھلەپ، ئۇلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىغا زەربە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

     زوراۋان – تېررورچىلار كۆپ ھاللاردا ئىسلام دىنى نامىدىن پايدىلىنىپ، شەرىئەتنى بۇرمىلاپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماقتا؛ خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزغاننى ئاز دەپ، ئىسلام دىنىغىمۇ ھاقارەت قىلماقتا. ئۇلار تەرغىب قىلىۋاتقان دىن ئەسەبىي ئىدىيە ماھىيەتتە بىر سىياسىي مەسىلە، بىراق ئۇ دىن سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ، دىنىي شوئار توۋلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆز مەيلىچە بۇراپ، ئىسلام دىنىنى كۈچىنىڭ بارىچە رادىكاللاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەن. شۇڭا، ئۇ زور دەرىجىدە ئالدامچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىگە ئىگە.

     شۇڭا، ئىسلام دىنى ساھەسەدىكى زاتلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچى كۈچلەرنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ نامىنى سۇيئىستېمال قىلىشتەك رەزىللىكىنى ۋە جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، مۇسۇلمان خەلقنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىي ھەرىكىتىمىزنى نامايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى، مېھىر – مۇھەببەتنى، كەڭچىلىكنى سۆيىدىغان ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمان ئاممىسىغا مەلۇمكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى مىللەت، دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئىسلام دىنى بۇنداق قەبىھ قىلمىشلارنى چەكلەيدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئېيتىلغاندەك: ‹‹كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەريۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ›› (سۈرە مائىدە32 – ئايەت). يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ داڭلىق ئىسلام ئالىمى ئالدۇلئەزىز فەيزانى كۇنمىڭدا يۈزبەرگەن 1 – ماي تېررورلۇق ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇنداق ۋەھشىيلىك ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇنداق قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن قاتىللار بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، ئۇ دۇنيادىمۇ ئاللاننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، دېدى.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 4 – قىتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا سوز قىلغاندا: ‹‹تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت (ئۈچ خىل كۈچ)كە چوقۇم قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى خاتىرجەم، ئاسايىشلىق ئىناق زېمىندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمىز ››دېدى. دېمەك، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسى بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، زوراۋان – تېررورچىلار جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ، شۇنداقلا دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

     ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تىنچلىق بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، تەستە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمىزمۇ قولدىن چىقىپ كېتىدۇ. ھەر مىللەت خەلقى بالا – قازاغا دۇچار بولىدۇ. تىنچلىق، خاتىرجەملىك بولسا ئاندىن ھەممىمىز خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىمىز، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلار تەرەققىي قىلىپ مەدەنىيلىشىدۇ، تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىدۇ. شۇڭا، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلاش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرمىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۆرەش قىلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان ۋە خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter