Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بۇلغىمىنى تۈزەشتە چوڭ گەپ قىلماسلىق كېرەك

بۇلغىمىنى تۈزەشتە چوڭ گەپ قىلماسلىق كېرەك

2013-11-04 10:42     كۆرۈلۈشى: 1532 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ۋۇ ۋېيجېڭ      «بۇلغانغان سۇدىن بىر تامچىنىمۇ كۆلگە قويۇپ بەرمەيمىز››. نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم جايدىكى بىر رەھبەر مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەنىدى. يېقىندا تاراتقۇلار بىر قانچە جايدىن بۇ كۆلگە پاسكىن....

ۋۇ ۋېيجېڭ

     «بۇلغانغان سۇدىن بىر تامچىنىمۇ كۆلگە قويۇپ بەرمەيمىز››. نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم جايدىكى بىر رەھبەر مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەنىدى. يېقىندا تاراتقۇلار بىر قانچە جايدىن بۇ كۆلگە پاسكىنا سۇ بىۋاسىتە ئېقىپ كىرگەنلىكى، قارا رەڭلىك پاسكىنا سۇ بىلەن كۆك يۇسۇن يېشىلغا بويىغان كۆل يۈزى روشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

     «ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ PM2.5 دىن مۇداپىئەلىنىشتە غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز››. بۇ سۆزنىمۇ مەلۇم جايدىكى بىر رەھبەر دېگەن بولۇپ، ئاڭلىغان كىشى تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. بۇ رەھبەر تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، ئۇ مۇتەخەسسىسلەردىن نېمىنىڭ PM2.5 ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا، بۇ سۆزنى قىلغاندا، مۇتەخەسسىسلەر ھاڭ – تاڭ قالغان.

     بۇلغىمىنى تۈزەش جەريانىدا بۇنىڭغا ئوخشاش لاپ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. رەھبەرلەر بۇنداق سۆزلەرنى مەردانە قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. بەزى سۆزلەرنىڭ لاپ ئىكەنلىكىنى ئامما پەرەز قىلالايدۇ؛ بەزى سۆزلەرنى ئامما چۈشەنمىگەن بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ.

     رەھبەرلەر ئۆزىنىڭ چوڭ گەپ قىلىۋاتقىنىنى بىلىدۇ. ئەمىسە ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن چوڭ گەپ قىلىشتىن قورقمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق. چوڭ گەپ قىلغاندا خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداق قىلمىغاندا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدىغان گەپ. تۆت، بەش يىلدا بۇلغىمىنى تۈزەش ۋەزىپىسى ئورۇندالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا نۇرغۇن سەۋەب كۆرسىتەلەيدۇ، بەلكىم ئۇ چاغقىچە ئۇ رەھبەر ئۆسۈپ باشقا جايغا كېتىپ قېلىشى ياكى خىزمىتىنى يۆتكەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن تۈزەش ئىشى كېيىنكى رەھبەرنىڭ ئىشى بولۇپ قالىدۇ. دېمەك لاپ سۆزگە باج ئالمىغاندىكىن، ئۇلار لاپ ئۇرۇشتىن قورقمايدۇ، ئەلۋەتتە.

     ئامما بۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟ پالانى شەھەر باشلىقى تۆت، بەش يىلدا تۈزەيمەن دېسە، پۇستانى شەھەر باشلىقى يەنە تۆت، بەش يىل كېتىدۇ دېسە، ئاممىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەت گېپىدە تۇرمىدى، دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇلغىمىنى تۈزەشنىڭ قىيىنلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. تۆت، بەش يىلدا قولغا كەلگەن ئۈنۈمنى ئامما ھەقلىق، دەپ قارىسا، ھەل بولمىغان مەسىلە ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا چوڭ گەپ قىلىپ تاپا – تەنىگە قالىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

     ھازىر پارتىيەمىز ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە ئىككى مۇپەسسەل باياننى ئەسلەپ ئۆتەيلى. لېنىن: ‹‹ئامما مەسىلىگە نەزەرىيە جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت جەھەتتىن قارايدۇ، بىزدىكى خاتالىق مەسىلىگە ھامان نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغانلىقىمىزدا›› دېگەنىدى. دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ئىلمىي، پۇختا پوزىتسىيە قوللىنىش، ھەرگىز ساختىلىق قىلماسلىق كېرەك، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى سۆز بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ›› دېگەنىدى. سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، بۇلغىمىنى تىزگىنلەشتە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش بەكمۇ مۇھىم، ئۇنىڭغا ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

     بۇلغىمىنى تۈزەشتە ھەم مەسىلە ئېڭى ھەم جەريان ئېڭى بولۇشى كېرەك. بۇلغىمىنىڭ قەيەردىلىكىنى كۆرمەسلىك ئاممىنىڭ دەردى ھالىغا يەتمەسلىك بولىدۇ؛ بۇلغىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقمىغاندا، ئۇنى تەل – تۆكۈس تۈزەتكىلى بولمايدۇ. بۇلغىمىنى تۈزەشتە كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، تېزدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىمەن دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. بۇلغىمىنى تۈزەشنى ‹‹ئۇرۇش قىلىش›› دەپ بىلىش، ئەمما ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىپ، ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

     بۇلغىمىنى تۈزەشتە مەسىلىنى ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئامما مۇتەخەسسىس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھاۋا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىغا بولغان تونۇشى بىر قەدەر ئاددىي. كىشىلەر تۇمان، پاسكىنا سۇ، كادمېي گۈرۈچنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ كىيىم – كېچەك، ئوزۇق – تۈلۈك، تۇرار جاي ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلىرىدىنمۇ بۇلغىما پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ بۇلغىمىنى تۈزەشكە تېخنىكا، مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما تېخنىكا، مەبلەغنىڭمۇ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكى، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا بولمايدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەندە، ئاممىنىڭ بۇلغىمىنى تۈزەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     قۇرۇق گەپ دۆلەتنى خاراب قىلىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى روناق تاپقۇزىدۇ. بۇ بۇلغىمىنى تۈزەش مەسىلىسىنى سۆزلىمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قۇرۇق گەپ ساتماسلىق كېرەك دېگەنلىك. رەھبەرلەر بۇلغىمىنى تۈزەش خىزمىتىدە قۇرۇق گەپ ساتمىسۇن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter