خاسىيەت ئىسمائىل
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا توختالغاندا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن بىز شۇنى ھېس قىلىمىزكى، قانداق قىلغاندا ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ بىزدىكى چىنلىق ماھىيەتلىك قانۇنىيەت ئاساسىدا شەكىللىنىشى ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە پەلسەپىۋى نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى ۋەزىيەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
رېئال تۇرمۇشىمىزدا، بىز پەلسەپەدىن ئۆزىمىزنى يىراق تۇتىدىغان بولۇپ قالدۇق، ئەمەلىيەتتە بۇ پەلسەپىنىڭ تېگىگە يەتمىگەنلىكىمىزنى، ھەقىقىي ئىلىمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟ ئۇنىڭ رولى نېمە؟ قانداق ئىلمىي قىممىتى بار؟ دېگەن نۇقتىلارنى ئويلىنىدىغان چاغ كەلدى.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىزدىن ئىلىم – پەن ئېڭى تۇرغۇزۇشنى، تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئىلىمدارلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى؛ ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىمدارلارنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەسلىي مەنىسىدىن قارىغاندا، پەلسەپە ئىلمىي تەنقىد ۋە ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئالەم، ئادەم ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق زور ئىلىم – پەن ۋە بىلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بارلىق ‹‹نېمە ئۈچۈن›› لەرگە ئەڭ ئاخىرقى ھەق جاۋابنى تېپىشتىن ئىبارەت. قىسقىچە ئېيتقاندا، پەلسەپە بارلىق ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر، يەنى ئىنسانلارغا دۇنيانى مەنە جەھەتتىن تونۇتىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئىنسانلارنىڭ شەيئىيلەرنى بىلىشتىكى ئەڭ مۇكەممەل ئۇقۇمى ۋە ئۇقۇملارنىڭ ئىخچاملىنىشى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ شەيئىيلەرنى بىلىش، ماھىيەتلىك قانۇنىيىتىنى تونۇش، ئۆزگەرتىشتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، تەرەققىيات جەريانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتىنى بىلىش، چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم. پەلسەپە بارلىق پەنلەرنىڭ ئانىسى. پەلسەپە بىلەن باشقا كونكرېت پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىر – بىرىدىن يىراقلاپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق كونكرېت مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت تەبىئىيلىك، ئۆزگىرىش ھەم ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە تەرەققىي قىلىدىغان ئىنساننىڭ بىلىشى، ياكى جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرا يېتەكچى ئىدىيەگە موھتاج.
پەلسەپەنىڭ بىزگە كېرىكى بارمۇ؟ دېگەن مەسىلىنىڭ ئۆزىمۇ بىر پەلسەپەۋى مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭدىن پەلسەپەنىڭ ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا، تەپەككۇرى ۋە مەۋجۇتلۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. پەلسەپە تەبىئەت، جەمئىيەت، يەنى مەلۇم كىشىلەر توپى بىلەن مەلۇم كىشىلەر توپى توغرىسىدىكى بىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىشنى ھەقىقەتكە كۆتۈرىدىغان، ھەقىقەت ئاساسىدا قىممەت قوغلىشىدىغان توغرا دۇنيا قاراشنى يېتىلدۈرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىلىم – پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تەپەككۇرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ياشاش ئۇسۇلىنى يورۇتۇپ، شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىر زىيالىيلار قاتلىمى بىلەن ئاۋامنىڭ، ئالىملار بىلەن ئاۋامنىڭ، دۆلەت بىلەن ئاۋامنىڭ مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ۋاھاكازا. بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىمىزدا پەلسەپەنى توغرا تونۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى: بىرىنچىدىن، پەلسەپەۋى سىياسىي ئېڭىمىزنى كۈچەيتەيلى. بۇ جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك سىياسىي ئېڭىمىزنى سۇسلاشتۇرىدۇ، جۈملىدىن ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئېڭىمىزنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى دوگما ھالەتتە چۈشىنىۋېلىپ، ئەقلىي مۇلاھىزە قىلالماي قالىمىز. ھازىرقى پەلسەپەۋى ئىدىيەنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىققا ئۇيغۇن بولماسلىقى تەپەككۇرىمىزدا مەجرۇھلۇق، نادانلىق، نامراتلىق ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى خۇنۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ ئىناقسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.