ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> راھەتپەرەسلىكنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك

راھەتپەرەسلىكنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك

2013-11-10 9:45     كۆرۈلۈشى: 1210 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى توغرىسىدىكى يېڭى ئويلىنىش (خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى)      ھازىرقى ‹‹مۇھىت›› ئەينى يىللاردىكى ‹‹مۇھىت››تىنمۇ مۇرەككەپ، تۈرلۈك ئازدۇرۇشلار ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپەيدى، پۈتۈن پا....

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى توغرىسىدىكى يېڭى ئويلىنىش

(خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى)

     ھازىرقى ‹‹مۇھىت›› ئەينى يىللاردىكى ‹‹مۇھىت››تىنمۇ مۇرەككەپ، تۈرلۈك ئازدۇرۇشلار ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپەيدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى، سان – ساناقسىز ئەجدادلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا يېتىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىزگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قىلىشىغا، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر قانلىق قۇربانلىق بەرگەن ۋەزىپىنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا ئورۇندالماسلىقىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك

     «راھەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىنى يېڭىش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىزاھاتىدا مۇھىم نۇقتا ئوچۇقتىن – ئوچۇق ئېيتىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئىدىيەۋى ئىللەت›› نەق كۆرسىتىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹مەركىزىي نېرۋا››غا قاتتىق تېگىش قىلىندى. راھەتپەرەسلىكنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، چىرىكلىشىشكە يۈزلەندۈرىدىغان، ھالاكەتكە باشلايدىغان ‹‹ئىدىيەۋى ئىللەت››نى پاكىز تۈگىتىپ، خاتا سىگنال بېرىدىغان ‹‹مەركىزىي نېرۋا››نى داۋالاش كېرەك، ‹‹مەركىزىي نېرۋا››نى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق سەگەكلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىشلەيدىغان روھىي ھالەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

     يېقىنقى يىللاردا ئاز ساندىكى پارتىيەلىك كادىرلاردا كۆرۈلگەن پاراغەتكە بېرىلىش، ئالىي رېستوران، بەزمىخانىلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇش، ھەتتا، ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىش، مەيخورلۇقتا بەسلىشىش، قىمار ئويناش، ئاشنا تۇتۇش قاتارلىق راھەتپەرەسلىك خاھىشى كىشىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار روھىي جەھەتتە بوشىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالىماس بولۇپ قالدى، ‹‹بۇتخانىدا بىر كۈن راھىب بولساڭ، جاڭنى بىر كۈن چال دېگەن›› سەپسەتىنى تەرغىب قىلدى؛ قىممەت قارىشى جەھەتتە پايدا قوغلىشىپ، ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللاپ، ئېغىرىدىن قاچتى، كۆپرەك ئىش قىلسا، زىيان تارتقاندەك ھېس قىلدى، تەمىناتى سەللا ئازىيىپ كەتسە، كوتۇلدايغان بولدى؛ تۇرمۇشتا ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ، ھۇزۇر – ھالاۋەت قوغلىشىپ، ‹‹ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكىنى ئەلا بىلدى››. شۇنىڭ بىلەن، ئامما ئارىسىدا بۇلارمۇ پارتىيەنىڭ كادىرىمۇ؟دېگەن غۇلغۇلا پەيدا بولدى.

     كوممۇنىستلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ‹‹خەلق بىلەن جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇش››نى تەلەپ، ‹‹جاپا تارتىشتا ئالدىدا، راھەت كۆرۈشتە ئارقىدا تۇرۇش››نى مىزان، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى ئاگاھ قىلىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك روھىي ئابىدە تىكلىگەن. بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق پارتىيەگە كىرىش قەسەم سۆزىگە كىرگۈزۈلۈپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇلۇپ كېلىنگەن ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، ئۆچمەس روھ سۈپىتىدە ۋارىسلىق قىلىندى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشتىكى كۈچ – قۇۋۋەت مەنبەسى، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مەنىۋى ئاساسى. بىراق، بەزىلەر نېمىشقا ھەۋەس ۋە قىزىقتۇرۇشقا بايقۇت قىلالماي، راھەتپەرەسلىك كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ؟

     پارتىيەدە ئىنقىلابىي دەۋردە جاپا تارتقان ياكى قۇرۇلۇش يىللىرىدا ھېرىپ چارچىغان ۋە ياكى ئىسلاھات مەزگىلىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەر بار. بىراق، بەزىلەر ‹‹ئورنى›› نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا، خىزمەت كۆرسەتتىم، دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ناچار ئىستىلنى شەكىللەندۈردى. ئەينى چاغدا ليۇ چىڭشەن ‹‹غوجىئاكاڭ نۇرغۇن يىل ئىنقىلاب قىلغان، ئەمدى راھەت كۆرىدىغان ۋاقتىم كەلدى›› دېگەن بولسا، ھازىر ‹‹كۆپ خىزمەت كۆرسەتتىم، ئازراق يەپ – ئىچىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ››دەيدىغانلار پەيدا بولدى، يەنە بەزىلەر ‹‹تۆھپەم بولمىسىمۇ، تارتقان جاپايىم بار، جاپا تارتمىغان بولساممۇ، ھېرىپ چارچىدىم›› دەپ ئۆزىنى ئاقلايدىغان بولدى، مانا مۇشۇنداق ‹‹خىزمەت كۆرسەتتىم،دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان›› ناچار ئىدىيە ئۇلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. ئۇلار زىيادە راھەتپەرەسلىكنى ‹‹كۆرسەتكەن تۆھپەمنىڭ مۇكاپاتى››، نامۇۋاپىق پاراۋانلىقنى ‹‹تارتقان جاپايىمنىڭ ھەققى›› دەپ قارايدۇ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىگە ئايلاندى، بىر ئۆمۈر جاپالىق كۈرەش قىلىپتىمەن، ئانچە مۇنچە راھەت كۆرىدىغان ۋاقتىممۇ كېلىپ قالدى، ئىشنى باشقىلار قىلسۇن،دەپ قارايدۇ.

     «مەنسەپدارلار››دا تۆھپىسىنى كۆز – كۆز قىلىپ راھەتلىنىش خاھىشى پەيدا بولۇپلا قالسا، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە سۇبيېكتىپ شارائىت ھازىرلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى رەھبەرلەر ‹‹ھوقۇقنى خەلق بەرگەن، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش›› دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ، ‹‹چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە››دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلىپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىۋاتىدۇ؛ ئىقتىسادقا مەسئۇل بەزى رەھبەرلەر ھەرخىل نامدا پۇل تارقىتىۋاتىدۇ؛ يەر – زېمىنغا مەسئۇل بەزى رەھبەرلەر ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بىنا – ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ؛ تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە بەزى رەھبەرلەر ھەدەپ ‹‹تاپان ھەققى›› ئېلىۋاتىدۇ. قائىدىگە خىلاپ بىر نەچچە يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولۇش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىل سەپلىۋېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش، پەرزەنتلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەن – يۇقىرىغا قاتراش ئەھۋاللىرى ئىمتىيازدىن قالايمىقان پايدىلىنىدىغانلار قالدۇرغان ناچار خاھىشلاردۇر.

     ج ك پ 7 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولۇش ھارپىسىدا ئېچىلغان 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا، يولداش ماۋزېدۇڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: ئىزىدا توختاپ قېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەسلىك كەيپىياتىدىن، راھەتپەرەسلىكنى كۆزلەپ يەنە جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىماسلىق ئىدىيەسىدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى مۇھىت ئەينى يىللاردىكى مۇھىتتىنمۇ مۇرەككەپ، تۈرلۈك ئازدۇرۇشلار ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆپەيدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى، سان – ساناقسىز ئەجدادلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا يېتىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىزگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر قانلىق قۇربانلىق بەرگەن ۋەزىپىنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا ئورۇندالماسلىقىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېقىندا ئاياغلاشقان مەخسۇس يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانا، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل سەپلەش، كاتىپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە كۈتۈۋېلىش، مۇھاپىزەت قىلىش، پاراۋانلىق، دەم ئېلىش قاتارلىق خىزمەت، تۇرمۇش تەمىنات ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش تۈزۈپ، سوۋغات بەرمەسلىك، سوۋغات قوبۇل قىلماسلىق بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋە ئۆلچەمدىن ئارتۇق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ئىشلارنى ئۆزىدىن باشلاشقا، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ ئۈلگە بولۇشقا ئۈندەيدىغان بۇ تەدبىر پۈتۈن پارتىيەدە راھەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسپىنى سۆيۈپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

پارتىيە ئەزالىرى خەلققە بەخت يارىتىش ئىدىيەسى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى مەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. مەنسەپ تۇتقاندا ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىش ئويىدا بولماسلىقى، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشنى تېخىمۇ ئويلىماسلىقى كېرەك. ھازىر ئىلگىرىكىلەردىن مۈشكۈل، ئەمما شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالدۇق، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىپ، راھەتپەرەسلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، جاپالىق كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئۇلۇغۋار ئىشلىرىمىزنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ

ئۇلىنىشلار
  • ئالىم بىز
  • پاراۋوز بلوگى
  • ئۇسلۇبلار
  • xjcfan
  • ئۇيغۇربەگ
  • uydata
  • ئوكيان تورى
  • قىسمەت بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • پاساھەت
  • ۋىسال
  • مۇئەللىم بلوگى
  • لوپنۇرى
  • ئىزدە تورى
  • ئۇلنىش
  • تور سودا
  • ئۇلىنىش ئورگ
  • ئۇلىنىش تورى
  • ئويغار
  • كەڭ ساي
  • ياخشى
  • باغداش