ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2013-10-28 6:54     كۆرۈلۈشى: 1371 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› نىڭ يەشمىسى      «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› 16 – سېنتەبىر جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئ....

«گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

توغرىسىدىكى پىكرى›› نىڭ يەشمىسى

     «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› 16 – سېنتەبىر جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىندى. بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن نامىدا ئېلان قىلىنغان شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۇنجى ھۆججەت بولۇپ، نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بۇ ھۆججەتتە ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قانداق مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇخبىر بۇ ھۆججەتنى تەييارلاشقا قاتناشقان مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك

     شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «پىكىر››دە مۇنداق دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىندى: سۇ، گاز، پار، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، ئاممىۋى قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئالدىن ئويلىشىش، كونا ئۇل ئەسلىھەنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

     «پىكىر››دە خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك قىسمەن شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلدى. مەسىلەن، 2015 – يىلىغىچە، 36 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ شەھەر رايونلىرىدا يۇندىنى ‹‹تولۇق يىغىۋېلىش، تولۇق بىر تەرەپ قىلىش›› ۋە بارلىق تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ كەلكۈندىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان شەھەرلەر دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ ئون يىلغىچە شەھەرلەردە بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن سۇ چىقىرىۋېتىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ.

بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

     يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، يەر ئولتۇرۇشۇش، ھۆلچىلىك، كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى پارتلاش قاتارلىق ۋەقەلەر ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، شەھەرنىڭ نورمال تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزدى.

     «پىكىر››دە بۇ ھەقتە ‹‹بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش›› – شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئاساسىي پىرىنسىپ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى ھەم مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەھەرلەرنىڭ تۇرۇبا يوللىرى، سۇ چىقىرىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتناش، يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شەھەر فۇنكسىيەسىنىڭ بىخەتەر يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەلققە بەخت يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

     شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە، خەلققە بەخت يارىتىلىپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

     تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى شەھەر قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى رۇشېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا ئۇل ئەسلىھە تولۇق بولماسلىق، ئۆلچىمى تۆۋەن بولۇش ۋە يۈزە باشقۇرۇش مەسىلىلىرى مەۋجۇت.

     ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شەھەرلەردىكى ئەۋرەز يوللىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %50 كە يەتمەيدۇ، تەخمىنەن 230 مىليون شەھەر – بازار ئاھالىسى تېخىچە يېقىلغۇ گاز ئىشلەتمىدى، شەھەرلەردە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ %20ى زىيانسىزلاندۇرۇلمىدى. بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يەنە 200 مىليونچە كىشى شەھەرلەردە ماكانلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا يېڭى ئەسلىھە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

     تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چىن خۇڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ، ھازىر شەھەر – بازارلاردا ھەر يىلى 20 مىليوندىن ئارتۇق دائىملىق نوپۇس كۆپىيىۋاتقاچقا، يول، سۇ، ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەگە بولغان ئېھتىياج مۇقەررەر ھالدا ئاشىدۇ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالسا، شەھەرنىڭ نورمال ئىش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

     يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلسە، پولات – تۆمۈر، سېمونت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، جابدۇق، ئەسۋاب، ئۇچۇر قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېزلىشىدۇ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ، ئىش ئورنى كۆپىيىدۇ.

     لى رۇشېڭ مۇنداق دېدى: شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى داۋاملىق شەكىللەندۈرگىلى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ