ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> كوممۇنىستلار سىياسىي خىسلىتىنى ساقلىشى كېرەك

كوممۇنىستلار سىياسىي خىسلىتىنى ساقلىشى كېرەك

2013-11-01 10:04     كۆرۈلۈشى: 186 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئانارگۈل ئادىل      كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش 90 نەچچە يىلدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشى ھەم پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان ئىدىيە....

ئانارگۈل ئادىل

     كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش 90 نەچچە يىلدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يىغىنچاقلىنىشى ھەم پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان ئىدىيەۋى – سىياسىي جەھەتتىكى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش ھەم پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجى ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

     خىسلەت مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەسلىي قىياپەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، پارتىيەمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە زورىيىش تارىخى دەل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنى جارى قىلدۇرغان، ئۇنى نۇرلاندۇرغان تارىختۇر. جىڭگاڭشەن روھىدىن ئۇزۇن سەپەر روھىغىچە، يەنئەن روھىدىن شىبەيپو روھىغىچە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىش روھىدىن ئادەملىك ئالەم كېمىسى روھىغىچە بولغان ھەر بىر سەلتەنەتلىك زەپەر مارشى، ھەر بىر غەلىبىلىك مۇساپە پارتىيەمىزنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىغانلىق ئەسلىنى ئۇنتۇمىغانلىق، مەڭگۈ ئۆزگەرمىگەنلىك، مەڭگۈ ئاينىپ كەتمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

     نۆۋەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئاز بىر قىسىملىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىدىن ئىبارەت ‹‹تۆت چوڭ سىناق››قا ۋە روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، قابىلىيەت يېتەرسىزلىكى خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق ۋە چىرىكلىك خەۋپىدىن ئىبارەت ‹‹تۆت خەۋپ››گە بەرداشلىق بېرەلمەي ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالماي، كوممۇنىستلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلىتىنى ئۇنتۇپ قالماقتا. بۇ مۇقەررەر ھالدا پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشقا، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

     ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

     بىرىنچى، خىسلەتنى ساقلاش. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەت پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چىرىك ئىدىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، يۈكسەك شىجائەت ۋە ساغلام كەيپىياتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەنگۈشتەرى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاساسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بايرىقى. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەمىز جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن، شۇڭا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا تايانغاندىلا تەرەققىي قىلىپ زورىيىدۇ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ دېگەن قائىدىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك دېگەن قائىدىنى، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى باياشاتلاشقان شارائىتتىمۇ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ دېگەن قائىدىنى ھەقىقىي چۈشىنىشى ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلىتىنى چىڭ ساقلىشى، ئۇنى ھەر ۋاقىت نۇرلاندۇرۇشى لازىم.

     ئىككىنچى، خىسلەتنى كېڭەيتىش. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، جەڭگىۋارلىققا ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ تارىخ تەرەققىياتىغا، كىشىلەر ئىدىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى، كىشىلىك كوردىناتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش تۇرمۇش ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇشنىڭ ئاددىي – ساددا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان ۋە روھىي قىياپەت ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، ئاساسلىقى بىر خىل روھقا، ھەرقانداق شارائىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا كوممۇنىستلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندى. شۇڭا، يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنىڭ ئۆزگىچە رولىنى، ئۆزگىچە قىممىتىنى، ئۆزىگە خاس سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلساقلا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت روھنى ھەقىقىي مەنىدە ئەۋج ئالدۇرالايمىز.

     ئۈچىنچى، خىسلەتنى چېنىقتۇرۇش. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ روھ دۇنيا قاراشنى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بولۇپ، قەد كۆتۈرۈشىمىزنىڭ، ئىگىلىك تىكلىشىمىزنىڭ ئاساسى، ئادەم بولۇشىمىزنىڭ يولى. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئادەمنى ئالغا باستۇرۇپ، تۇرمۇش قەھرىمانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇڭا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن روھنى ساپلاشتۇرغىلى، ھوقۇقنى ياخشى تۇتقىلى. بۇنىڭ ئۈچۈن، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنى ئەمەلىيەت جەريانىدا چېنىقتۇرۇشىمىز، يەنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت روھنى قورال قىلىپ، دۇنياقاراشنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تەلىپى ئالدىدا، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىمىز بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز لازىم.

     تۆتىنچى، خىسلەتنى تەشۋىق قىلىش. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنى تىرەك قىلمىغان مىللەت ئۆزىنى كۈچەيتەلمەيدۇ؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى تىرەك قىلمىغان دۆلەت تەرەققىي قىلالمايدۇ؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنى تىرەك قىلمىغان پارتىيە گۈللىنەلمەيدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىسى، تارقاتقۇچىسى بولۇشى لازىم. خىسلەتنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا، رەھبىرىي كادىرلار توغرا مەنپەئەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشى، نام – ئابرۇي قوغلاشماسلىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىشى، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئەڭ چوڭ شەرەپ دەپ بىلىشى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنى ۋە ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئەڭ چوڭ نومۇس دەپ بىلىشى، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشى لازىم؛ تەلەپچان بولۇش قارىشى تىكلەپ، ئۆزىنى تەربىيەلەشكە تايىنىپ پاكلىقىنى ساقلىشى، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى مەڭگۈ نۇرلاندۇرۇشى لازىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ