ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> «ئىككى بولسۇن›› دا چىڭ تۇرۇش

«ئىككى بولسۇن›› دا چىڭ تۇرۇش

2013-10-02 2:32     كۆرۈلۈشى: 1259 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: «ئىككى بولسۇن›› دا چىڭ تۇرۇش ئىسراپچىلىق ئىستىلىنى تۈزەشنىڭ تۈپ تەلىپى ھامۇت ۋەلى      باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەم....

«ئىككى بولسۇن›› دا چىڭ تۇرۇش ئىسراپچىلىق

ئىستىلىنى تۈزەشنىڭ تۈپ تەلىپى

ھامۇت ۋەلى

     باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەندە، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ، ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قارىتا تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئىككى بولسۇن›› پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى

 قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال

     «ئىككى بولسۇن››نىڭ مەزمۇنى مول، ئەھمىيىتى چوڭقۇر، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى نەتىجىسى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنى غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈزلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى: بىر دۆلەت، بىر پارتىيە قانچە روناق تاپسا، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىشكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

     يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ‹‹ئىككى بولسۇن››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن جەزمەن باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، چىرىكلىككە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادچىل – تېجەشلىك بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس، دېگەن قاراشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادچىل بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئىسراپچىلىق بىلەن ‹‹ئىككى بولسۇن›› ئەسلا سىغىشالمايدۇ

     «ئىككى بولسۇن››دا چىڭ تۇرۇش – تۇرالماسلىق پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك . ئىسراپچىلىق ئىستىلى راھەت – پاراغەتكە بېرىلىپ، بۇزۇپ چاچىدىغان، ماختىنىدىغان، بەسلىشىدىغان ناچار ئادەت. باش شۇجى بەزى جايلاردا ئىسراپچىلىق ئىستىلىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بەزى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىرى ھەر كۈنى ئۈچ – تۆت سائەت ۋاقتىنى زىياپەت سورۇنىدا ئۆتكۈزىدىكەن؛ بەزى نامرات رايونلار ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، سۆلەتۋازلىق – ھەشەمەتچىلىك قىلىدىكەن؛ بەزىلەر مالىيە خىراجىتىنى ھېيىقماستىن قالايمىقان خەجلەيدىكەن، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى خىراجىتىنى خالىغانچە ئىشلىتىدىكەن.

     شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھېلىھەم ئارقىدا، نامرات ئاھالىلەر يەنىلا كۆپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئاجىز، مۇشۇنداق ئاساسى ئاجىز رايوندا بەتخەجلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئاپتونوم رايون ئاچقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىنىڭ ئىپادىسى مۇنداق بولۇۋاتىدۇ: بەزىلەر ئۆرپ – ئادەتنى باھانە قىلىپ، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈپ، ھەدەپ بايلىق توپلاۋاتىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستىلى دۇرۇس ئەمەس، ئەخلاقى بۇزۇلغان؛ بەزى كادىرلار ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىۋاتىدۇ، ھوقۇق، پۇل سودىسى قىلىۋاتىدۇ، يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش – چىقىش خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرغاندا، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندا پارا ئېلىۋاتىدۇ، پارا بېرىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر خەلق بىلەن مەنپەئەت تالىشىپ، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ.

ئىسراپچىلىق ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى

     بىرىنچى، قىممەت قارىشى ئۆزگىرىپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش. بىزدە ‹‹ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەن ماقال بار. ھازىرقى تىنچ تەرەققىيات مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي بايلىقلار ئىلگىرىكىدىن كۆپ، ئىجتىمائىي مۇھىت تىنچ بولغاچقا، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھى ئاسانلا سۇسلىشىپ، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ئىدىيەسى تېز يامراۋاتىدۇ.

     ئىككىنچى، ھوقۇق قانچە چوڭ بولسا، نازارەت قىلىش شۇنچە بوش بولدى. ‹‹ھوقۇق چىرىكلىشىشكە سەۋەب بولدى، مۇتلەق ھوقۇق مۇتلەق چىرىكلىشىشكە سەۋەب بولدى››. بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىنمىغاچقا، ھوقۇقى چەكسىز چوڭىيىپ كەتتى، ۋاھالەنكى، بۇنداق ئۈنۈملۈك چەكلەنمىگەن ھوقۇق چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.

     ئىقتىسادىي جەھەتتە، نۇرغۇن جامائەت مالىيە مەبلىغى ئورۇنسىز ئىشلىتىلدى، ئىجتىمائىي بايلىق ئىسراپ قىلىۋېتىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە بىر يىلدا يەپ – ئىچىشكىلا ھۆكۈمەت پۇلىدىن 300 مىليارد يۈەن چىقىم قىلىنغان. بۇنچىۋالا كۆپ چىقىم ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەمدۇ؟

     سىياسىي جەھەتتە، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كادىرلار قوشۇنىنى چىرىتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. ئېلىمىز خەلقى ئومۇمىي جەھەتتىن تېخى باياشات بولمىغان، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدىن قېلىش، ئىشسىز قېلىش سەۋەبىدىن يەنىلا غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ۋە ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرى ئاممىنىڭ نارازىلىقى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنى جەزمەن سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندىكىدەك، خىزمەت ئىستىلىدىكى مەسىلە ھەرگىز كىچىك مەسىلە ئەمەس، ناچار كەيپىياتنى تۈزەتمەي، رايىغا قويۇپ بەرسەك، پارتىيەمىز بىلەن ئامما ئارىسىدا كۆرۈنمەس تام، چەكسىز ھاڭ پەيدا بولىدۇ، پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىدىن، يىلتىزىدىن، كۈچ – قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

«ئىككى بولسۇن››دا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىسراپچىلىق

ئىستىلىنى تۈزىگىلى بولىدۇ

     ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات قۇرۇلۇشىنى جەزمەن ياخشى يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسراپچىلىق، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش سەۋەبىدىن ھالاك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

     تىرىشچانلىق – ئىقتىسادچىللىق ئېسىل ئەنئەنىمىز. بۇنداق ئېسىل ئەنئەنىنى تاشلىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل – تېجەشلىك بولۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس، دېگەن ئىدىيەۋى قاراشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادچىل بولۇشنى تىرىشىپ جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ››، ‹‹ئۆزىنى بىلگەندىلا، باشقىلارغا ئۈلگە بولغىلى بولىدۇ››. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پاكلىق بەلگىلىمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك – تەلەپچان بولۇشى كېرەك؛ رەھبىرىي كادىرلار ھەر ۋاقىت ئاممىنى ئويلاپ، باش چۆكۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىشلىسە، ئاممىنىڭ قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. ناچار ئىستىل مەسىلىسى تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، قىسقا مۇددەتتە تۈزىگىلى بولمايدۇ. قانۇن – تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقنى تۈزۈم ئارقىلىق چەكلىگەندىلا، ئىسراپچىلىق ئىستىلىنى تۈپتىن تۈزىگىلى بولىدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈزۈمنى ئىجرا قىلماسلىق، يۈزەكى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسراپچىلىق ئىستىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئىنتىزام چارىسى بەلگىلىمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلىشىغا ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter

مىكرو بلوگىم _ سىزمۇ ئەگىشىڭ