ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى ئۆلچەملىكمۇ؟

ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى ئۆلچەملىكمۇ؟

2013-11-24 4:42     كۆرۈلۈشى: 1298 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: گۈلمىرە مۇھەممەد      2013- يىلى 2- ئايدا مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ‹‹ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىياتى كۆك تاشلىق كىتاب›› ىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا 2012 – يى....

گۈلمىرە مۇھەممەد

     2013- يىلى 2- ئايدا مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى ‹‹ياشانغانلار خىزمىتى تەرەققىياتى كۆك تاشلىق كىتاب›› ىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا 2012 – يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ياشانغانلار 194 مىليونغا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى %14.3كە يەتكەن دېيىلگەن. 2013- يىلى ياشانغانلار 200 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ، 202 مىليونغا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى %14.8گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

     پارتىيە، ھۆكۈمەت نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىگە دىققەت ئېتىبارىنى تىكىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنى كۆپلەپ تەسىس قىلدى. شەخسىيلەرمۇ ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خىزمەت ئالدىراشلىقى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلارغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

     ئۇنداقتا شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟ قۇرۇلۇۋاتقان ساناتورىيەلەر لاياقەتلىكمۇ؟

     بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇندىكىلەرنى زىيارەت قىلدىم.

       ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇنداق دېدى: شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: ئالدى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم 18 ياشتىن يۇقىرى، ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە ئىگە بولالايدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى ياشانغانلار خۇددى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار چوقۇم بېجىرىم، ساغلام بولۇشى كېرەك. ياشانغانلار ساناتورىيەسى تەسىس قىلىشتا مۇۋاپىق ئورۇن بوشلۇقى بولغاندىن سىرت، ئاشخانا، ھاجەتخانا، كىيىم يۇيۇش ئورنى، ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيى، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۆيى، ئاددىي داۋالاش بۇيۇملىرى سەپلەنگەن ئامبۇلاتورىيە، ئوت ئۆچۈرۈش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق سەپلىنىشى لازىم. ساناتورىيە تەسىس قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ مۇھىتى تىنچ، پاكىز، ئۆي ئىچى رەتلىك بولۇشى، ياشانغانلارغا ئازادىلىك بېغىشلايدىغان بولۇشى لازىم. ساناتورىيە ئېچىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋە ئاشپەزلەرنىڭ ساغلاملىق كىنىشكىسى، تازىلىق ئىجازەتنامىسى تولۇق بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دائىر بەلگىلىك بىلىمى بولۇشى، مۇلازىمەت دائىرىسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان مەبلىغى بولۇشى كېرەك.

     شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بولغان ئىنكاس قانداق؟

     شەھەر ئاھالىسى ئالىيە كېرەم خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن يالغۇز دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، مەلۇم ساناتورىيەگە كۈتۈشكە بەرگەن. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: دادامنى ئۆزۈم بېقىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى، ئەمما ھازىر خىزمەت بېسىمىم ئېغىر، بالىلىرىم كىچىك بولغاچقا، دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمىدىم. دادامنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى باشقا بوۋاي – مومايلار بىلەن ‹‹دوست›› بولۇپ، پاراڭلىشىپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ كەيپىياتى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالدى. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە يېتەرلىك ياردەم بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ئايشەمخان ئانا مۇنداق دېدى: بالىلىرىمنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئۇلارغا بېسىم قىلىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ بۇ يەرگە كەلدىم. مەن بۇرۇن تېلېۋىزورلاردا، كىنولاردا ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مەنزىرىلىك، باغچىلاشقان ئورۇنلاردا بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن. خىيالىمدا بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىمۇ مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىلىك دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان بۇ ساناتورىيەنىڭ مۇھىتى ئانچە ياخشى ئەمەس.

     پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەن شەخسىيلەر مۇھىتى ياخشى، گۈزەل مەنزىرىلىك ئورۇنلاردا ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ خاتىرجەم ئۆتۈشىگە كۈچ سەرىپ قىلماقتا. ئىشىنىمىزكى، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ شارائىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ،ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرى روياپقا چىققۇسى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter