Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> خاسلىق بولمىسا ئورتاقلىق بولمايدۇ

خاسلىق بولمىسا ئورتاقلىق بولمايدۇ

2014-01-09 11:14     كۆرۈلۈشى: 1674 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: 2005- يىلى كورېيەدىكى ‹‹شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىيات يىغىنى›› دا سۆزلەنگەن سۆز مويەن      مەن چەت ئەل تىلى بىلمەيدىغان جۇڭگولۇق يازغۇچى، مەن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ بى....

2005- يىلى كورېيەدىكى ‹‹شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىيات

يىغىنى›› دا سۆزلەنگەن سۆز

مويەن

     مەن چەت ئەل تىلى بىلمەيدىغان جۇڭگولۇق يازغۇچى، مەن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان، كورېيەلىك ۋە ياپونىيەلىك دوستلىرىممۇ بار. بىراق مېنى ‹‹شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقى›› ئۈستىدە سۆزلەپ بەر دېۋىدى، ماڭا شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەش، شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى بىلەن سېلىشتۇرۇش، شەرقىي ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ھەقىقەتەن قىيىن كەلدى، خۇددى جۇڭگودىكى ‹‹ئىتقا تاغنى چىشلە دېسە نەنى چىشلەشنى بىلمەپتۇ›› دېگەن ئىدىيومغا ئوخشاش. مېنىڭچە شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئەتراپلىق مەخسۇس كەسپىي بىلىملەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، پەقەت شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ جۇغراپىيەسىنى، تارىخ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا ئاندىن سېلىشتۇرۇشتىن ئورتاقلىقنى تاپقىلى بولىدۇ. مەن بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ھازىرلىمىغان، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىم كەمچىل، شۇڭا پەقەت ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىم ۋە يېزىقچىلىق تەجرىبەمدىن جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتىمەن.

     مېنىڭچە جۇڭگو ئەدەبىياتى شەك – شۈبھىسىز شەرقىي ئاسىيا، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو يازغۇچىلىرى بۈگۈنكى ئىقتىساد بىر گەۋدىلەشكەن ۋە ئەدەبىيات ئاسمىلاتسىيەلەشكەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندەك، شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى يازغۇچىلارمۇ بۇ مەسىلىگە ئورتاق دۇچ كەلدى. ئەدەبىياتنىڭ تارىخى، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىپادىلىگەن مەزمۇن، ئەدەبىياتقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر قايسى ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكى بار، يەنى شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەنگىنى ئۆزىنىڭ خاسلىقى، ئورتاقلىق بولسا مۇشۇ مول خاسلىق ئىچىدىدۇر. بىز شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىنى تەتقىق قىلغاندا، ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىنىڭ خاسلىقىنى تەتقىق قىلىشتىن باشلىشىمىز كېرەك؛ بىزنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى مەقسىتىمىز ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

     جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خاسلىقى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشلار، كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر، ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان ئاچارچىلىق، ئومۇمىي خەلق خاراكتېرلىك دىنىي ئەسەبىي قىرغىنچىلىقلار. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلدى، ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەر تەكرار ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلاردۇر. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەر قانداق بىر دۆلەت ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ پارلاق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىي مىراسلىرى، مەسىلەن، تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى، سۇڭ سۇلالىسى نەزمىلىرى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ كۈيلىرى، مىڭ، چىڭ سۇلالىسىدىكى پىروزا ۋە كومېدىيەلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى گېن ئېلېمېنتلىرىغا ئوخشاش يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ قېنىغا سىڭىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى روشەن جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە قىلغان. ھەقىقىي ئەدەبىيات ئۇ بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. يەنى ياخشى ئەدەبىيات مەيلى ئۇ قايسى خىل تىل – يېزىقتا تاماملانسۇن، ئەدەبىياتنىڭ ئورتاقلىقىنى ھازىرلاپ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بولىدۇ.

     بىز 1949 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئەدەبىياتنى ‹‹جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى›› دەپ ئاتىدۇق. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ئۇزاق ئەگرى – توقاي يوللارنى باستى. 1949 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە بولغان 30 يىلدا ئەدەبىيات سىياسىنىڭ بېقىندىسى، تەشۋىقاتنىڭ قورالى بولۇپ كەلدى، تار سىياسى مەيدان ۋە سىياسى پارتىيە قارىشى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش نەزەرىنى چەكلەپ، يازغۇچىلارنىڭ ئىستىداتىنى بېسىپ كەلدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات دۇنيا ئەدەبىياتى شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئەدەبىيات قىممىتى تولىمۇ تۆۋەن تەشۋىقات بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن ھەقىقىي مەنىدىكى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى 1979 – يىلىدىن كېيىن باشلانغان دەپ قارايمەن. بۇ مەزگىلدە ئەدەبىياتنىڭ ئازادلىقى بىلەن ئىدىيە ئازادلىقى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، ‹‹ئەدەبىيات سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك›› دېگەندىن ئىبارەت جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان پۇت – قولىنى چۈشەپ كەلگەن زەنجىر كىشەن ئاخىرى پاچاقلىنىپ، ئازادلىققا ئېرىشكەن يازغۇچىلار ئەسەرلىرى ئارقىلىق چەكلەنگەن رايونلارنى بىرمۇبىر بۆسۈپ، ھەم قەلبىدىكى ھېس تۇيغۇلارنى جاكارلىدى، ھەم خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى. بۇ بىر خىل تارىخىي خاراكتېرلىك ماس كېلىش، بۇنداق ماس كېلىشتە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى مىسلىسىز شەرەپلەرگە ئېرىشتى. بىراق بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات يەنىلا ناھايىتى گۆدەك ئىدى، ئۇ يەنىلا بىر قەدەر روشەن سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ، بەدىئىي جەھەتتىمۇ نىسبەتەن قوپال ئىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن كېيىن، جەمئىيەت تەدرىجىي ئېچىۋېتىلدى، چەكلەنگەن رايونلارمۇ بىر – بىرلەپ تارمار قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلار ئەدەبىياتنىڭ بەدىئىيلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىدىغان بولدى. مۇشۇ مەزگىلدە غەربنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تۈركۈملەپ تەرجىمە قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، يازغۇچىلار بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك بولدى – دە، يۈرەكلىك ھالدا تەقلىد ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى باشلىۋەتتى.

     مەن 1985 – يىلى ‹‹سۈزۈك سەۋزە›› دېگەن ھېكايەمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەدەبىيات مۇنبىرىگە قەدەم قويدۇم. بۇنىڭ ئالدىدا ئەسەرلىرىمنى گەرچە ئېلان قىلىشقا بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇرمەنلەر ئانچە ياقتۇرمايتتى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىچىمدە بىر جىن ياتاتتى، ئۇ بولسىمۇ ‹‹ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزم بىرلەشتۈرۈلگەن›› ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ چاغدا ماڭا ئەڭ مۈشكۈل تۇيۇلغىنى يازىدىغان ماتېرىيالنىڭ يوقلۇقى بولدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا غەرب ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشتىم، فۇكنېرنىڭ ‹‹شاۋقۇن ۋە غەۋغا›› دېگەن ئەسىرىنى، گارسىيە ماركۇسنىڭ ‹‹يۈز يىل غېرىبلىق›› دېگەن رومانىنى، كافىكانىڭ ‹‹شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى›› دېگەن ئەسىرىنى، چۈەندۇەن كاڭچىڭنىڭ ‹‹قار دۆلىتى›› دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم، گويا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم – دە، ھە، ئەسەر دېگەننى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن – دە، مۇنداق يېزىشقا بولىدىغانلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام ماتېرىيال ئىزدەشكە كاللا قاتۇرۇپ يۈرمىگەن بولاتتىمكەن، دەپ ئويلىدىم. بۇنداق ھېكايىلەر مېنىڭ يۇرتۇمدا، بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمدە سان – ساناقسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابلارنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ ئەسەرلىرىنى يېزىشقا كىرىشتىم.

     مېنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىم ئاساسلىقى مەن فۇكنېر، گارسىيە ماركۇس قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ تەسىرىدە يۇرتۇم گاۋمى يېزىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ‹‹ئەدەبىيات جۇمھۇرىيىتى››نى قۇرۇپ چىقتىم. بۇنىڭ ئالدىدا ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقىم يازىدىغانغا ۋەقە تاپالماسلىق ئىدى، يازىدىغان ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن گېزىت – ژۇرناللارنى ئاختۇراتتىم، ھەتتا يېزا، كەنت، زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلاتتىم، بىراق قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كاللام يەنىلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالاتتى، قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ ئولتۇرسام ئىچىمدىن ھېچنەرسە چىقمايتتى. مەن ‹‹ئاق ئىت ۋە ئىلەڭگۈچ›› دېگەن ئەسىرىمدە ئاڭسىز ھالدا ‹‹گاۋمى يېزىسى ئەسلىدە يۇۋاش يوغان ئاق ئىت يېتىشتۈرىدىغان يېزا ئىدى، دەۋرلەر ئالماشقاندىن كېيىن بۇنداق ساپ نەسىلنى قايتا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولدى›› دېگەن جۈملىنى يېزىشتىن باشلاپ، خۇددى ئەلى بابا تۇيۇقسىز 40 قاراقچى يوشۇرۇنغان غارنىڭ ئىشىكىنى تاپقاندەك كۆز ئالدىم تۇيۇقسىز لاپپىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. يۇرتۇمدىكى تاغ – دەريالار، تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئائىلىمىز كىشىلىرىنىڭ سىرلىق كەچۈرمىشلىرى، يېزامدا ئۆتكەن 20 يىللىق ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىم، يېزامدىكى بوۋاي – مومايلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئاجايىپ – غارايىپ رىۋايەتلەر بىرمۇبىر، شۇنداق جانلىق ھالدا كاللامدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە پېرسوناژلار بەس – بەستە ئالدىمدا توغرا تۇرۇۋېلىپ، ماڭا ئۆز ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ مەندىن بۇلارنى ئەسەرلىرىمگە كىرگۈزۈپ يېزىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. مەن خۇددى ھېچنېمىسى يوق بىر يالاڭتۆش تۇيۇقسىز بىر خەزىنىگە ئۇچراپ قالغاندەك پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىققا ئېرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يازىدىغانغا ۋەقە تاپالمايدىغان دەۋرىم ئاخىرلىشىپ، يازسام – يازسام تۈگىمەيدىغان ھېكايە ئېيتىش دەۋرىم باشلاندى. مەن رېئال تۇرمۇشتا تولىمۇ يۈرەكسىز، قورقۇنچاق بىر ئادەم، بىراق ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە ئاجايىپ ئىرادىگە كېلىپ، ھېچنېمىدىن قورقماس بولۇپ كېتەتتىم. مەن ‹‹گاۋمى يېزام››نى ئەسەرلىرىمنىڭ سەھنىسى قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى يوقسۇل دىۋانىدىن ‹‹پادىشاھ››قا ئايلاندىم دەپ ھېس قىلىمەن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىمغا بويسۇناتتى، ئەر – ئاياللارنىڭ ھەممىسى گېپىمنى ئاڭلايتتى. مەن بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئەڭ چوڭ بەختى. ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىگە تەكەببۇرلارچە مۇئامىلە قىلىش، دېگەننى ھېس قىلدىم. مېنىڭ ‹‹گاۋمى يېزام›› ئۆزىنىڭ قوينىغا ھەممىنى سىغدۇرالايتتى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ پايدىلىنىش ئىلكىمدە ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەكەببۇرلىقىم پەقەت ئەسەردىلا ئىپادىلىنەتتى، رېئال تۇرمۇشتا مەن قائىدە – تۈزۈمگە بەك رېئايە قىلىدىغان پۇقرا. مەن ئۆمرۈمدە ئادەم ئۇرۇپ باقمىدىم، بىراق باشقىلارنىڭ تايىقىنى ئوبدانلا يېدىم. ئۆيگە تاياق يەپ كىرسەم ئاپام تىللايتتى، دادام ئاندىن بەك ئەدىپىمنى بېرەتتى. شۇڭا تاياق يېگەندە خۇددى ئاQغا ئوخشاش كۆڭلۈمدە قارشى تەرەپنىڭ تازا ئەدىپىنى بەردىم دەپ يۈرۈۋېرەتتىم.

     نەچچە يىلدىن بۇيان مېنىڭ ئەدەبىيات قارىشىمدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق بىر نۇقتىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ خاسلىق بويىچە يېزىقچىلىق قىلىش ۋە ئەسەرنىڭ خاسلىقى.

     ئەسەردىكى ئاتالمىش خاسلىق تەبىئىي يوسۇندا يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى ۋە ئۆزگىچە پەزىلىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. ئىجادىيەت سۇبيېكتىنىڭ خاسلىقى بولمىسا، ئەسەرنىڭمۇ خاسلىقى بولمايدۇ. مۇنداق ئويلاپ باقسام، ئەسەردىكى خاسلىق ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ خاراكتېرىدىن كېلىدىكەن. بۇ پىسخولوگىيە بىلەن ئىرسىيەتشۇناسلىققا چېتىلىدىكەن، بۇ بەلكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئامىل بولسا كېرەك. بۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ، بۇمۇ خۇددى خاسلىقى بار ئادەملەر نۇرغۇن بولسىمۇ، ئەمما خاسلىقى بولسىلا يازغۇچى بولالمىغاندەك بىر ئىش.

     ئۇنىڭدىن سىرت، ئەسەردىكى خاسلىق يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشىدىكى خاسلىقتىن كېلىدۇ ياكى شۇنىڭغا تايىنىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇھىتى، ئۆزگىچە ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئۆزگىچە ھايات تەجرىبىلىرى ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ماددىي ئاساس. ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچىلار باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ھايات تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ، ياكى بۇنى تەقدىر دېيىشكە بولىدۇ. بۇمۇ تەقدىر پۈتكەن قىسمەت. كېيىنكى بىز ئېيتىۋاتقان ‹‹تۇرمۇش ئۆگىنىش›› دېگەنلەر ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ.

     يازغۇچىلارنىڭ كېيىن شەكىللەنگەن تۇرمۇشىدىكى خاسلىق ئەدەبىي ئىجادىيەتكە نىسبەتەن نۇرغۇن مۇھىم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەسىلەن، سىز ياشىغان جاينىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، سىز ئالغان مەدەنىيەت، تەلىم – تەربىيە، سىز بىلەن بىللە چوڭ بولغان ئاشۇ كىشىلەر، مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سىز يازغۇچىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن سىزنىڭ يازغۇچىغا ئايلىنالىشىڭىزدىكى ئاساسىي قىياپەتنى بەلگىلەيدۇ. كېيىن شەكىللەنگەن كەچۈرمىش ۋە تىرىشچانلىقمۇ ئەلۋەتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بىراق ئۇ تۈپ نېگىزىدىن ئەمەس، قىسمەننى ئۆزگەرتىدۇ. خاسلىق بويىچە يېزىقچىلىق قىلىش ئالدىدا، بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن كارغا كەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق رېئاللىق، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئامىللار ئالدىدا تاشقى جەھەتتىكى شەيئىلەرنىڭ زەرەتلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئىمكان بار ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشىمىز ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

     مېنىڭ قارىشىمچە، شەرقىي ئاسىيادىكى ئەللەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبىياتى خاسلىققا ئىگە مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئەسەرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق خاسلىقنى قوغلىشىش ئۈچۈن ھەممىمىز مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىمىز، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ رېئاللىقىنى، ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنى چىقىش قىلىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن چەت ئەل يازغۇچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ خەلقى ئارىسىغا قايتىپ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئىجادىيلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك، مانا بۇ شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەتچىسى شەرقىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاقلىقى. بىزنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز، ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق تۈردىكى ئەسەرلەرنى يېزىشىدىن ساقلىنىش. پەقەت خاسلىققا ئىگە ئەسەرلەرلا ھەقىقىي ئەدەبىيات ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي ئەدەبىيات مۇقەررەر ھالدا ئىنسان روھىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن بولىدۇ، ئىنسان روھىنىڭ سىرىنى ئېچىش يالغۇز شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭمۇ ئورتاقلىقىدۇر. شۇڭا شەرقىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ خاسلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنى جارى قىلدۇرغاندىلا، شەرقىي ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شەرقىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەل يازغۇچىلىرى ئىجاد قىلغان خاسلىققا ئىگە ئەسەرلەر مۇقەررەر ھالدا شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئەدەبىياتىنى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ پەخرىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

     مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى



无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter