ھازىر قاتناشتىكى ناچار ئادەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ يول قاتنىشىدىكى زىيان – زەخمەت يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىر دائىم كۆرۈلۈۋاتقان قاتناشتىكى ناچار ئادەتلەرنى يىغىنچاقلىدى:
1. يۆنىلىشنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش: قىستىلىپ كىرىۋېلىش، تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىپ، يانداپ ئۆتۈش، بۆسۈپ ئۆتۈش مەنئى قىلىنغان سىزىقتىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈش قاتارلىق قىلمىشلار قاتناش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
2. ئاپتوموبىل دەرىزىسىدىن ئەخلەت تاشلاش: ئاپتوموبىل يول يۈرۈۋاتقاندا، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ دەرىزىسىدىن كېرەكسىز نەرسىلەر ئۇچۇپ چىقىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىسى يولغا چۈشىدۇ، بەزىسى ئۆتۈشۈۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ئۇرۇلىدۇ، بەزىسىدىن يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ. قاتناش يولىدىكى بۇ ‹‹چاقىرىلمىغان مېھمان››لار يەنە تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت يۈكىنى ۋە خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ يان تېلېفوندا سۆزلىشىش: ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا شوپۇرلاردىن دىققەت – ئېتىبارىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. گەرچە يان تېلېفوندا سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇر كۆرۈشكە شوپۇرلارنىڭ نەچچە سېكۇنت ۋاقتى كەتسىمۇ، لېكىن قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىدۇ.
4. ئاپتوموبىلنى جىلىخورلۇق بىلەن ھەيدەش: بەزى شوپۇرلار زورلۇق بىلەن يانداپ ئۆتىدىغان، باشقا ئاپتوموبىللارنى يولىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان ئەھۋاللار شەھەر يوللىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ قىلمىشلار قاتناش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
5. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق، بىخەتەرلىك قالپىقىنى كىيمەسلىك: ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، قاتناش ھادىسىلىرى ئىچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلارنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغاندا ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.
6. كەلسە – كەلمەس سىگنال بېرىش: كەلسە – كەلمەس سىگنال بېرىش ھادىسىسى چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ. ئۇشتۇمتۇت بېرىلگەن سىگنال ئەسلىدىلا ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان كوچىلاردىكى شاۋقۇننى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى ئەنسىزلىككە قويماقتا.
7. ناچار ھاۋادا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلاتماسلىق: بەزى شوپۇرلار ناچار ھاۋادا ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي، يولدا يىغىلىپ قالغان سۇنى يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەر ياكى ئاپتوموبىللارغا چاچرىتىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماستىن، بىخەتەرلىككىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
8. پىيادىلەر سىزىقىدىن ئۆتكەنلەرگە يول بەرمەسلىك: بەزى شوپۇرلار ئۆزىگە قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ، يول ئېغىزىدىكى سىگنال چىرىغى سېرىققا ئۆزگەرسىمۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماي، پىيادىلار سىزىقىدىن ئۆتكۈچىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. بۇنداق قىلمىش پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈش ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ۋە باشقىلارنىڭ ياشاش بىخەتەرلىكىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. كېچىدە يول يۈرگەندە يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى قالايمىقان ياندۇرۇۋېلىش: يىراقنى يورۇتۇش چىرىغى گەرچە شوپۇرلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بەرسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك چىراغ نۇرى ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، قاتناش ھادىسىسىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
10. ئاپتوموبىلنى قالايمىقان توختىتىش: توختىتىش چەكلەنگەن دائىرىدە ئاپتوموبىل توختاتقاندا قاتناشنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بىخەتەرلىككە نىسبەتەن ئېغىر يوشۇرۇن ئاپەت شەكىللەندۈرىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)