Ralph Lauren Canada ;One is to choose a plain colour of Polo,ralph lauren outlet such as Black, Navy or White - ralph lauren canadaselecting a colour of garment on which your corporate logo colours will look good when embroidered.ralph lauren canada outlet This can sometimes be preferable to buying an off-the-shelf garment in an unusual shade because fashions change and just because yourpandora canada company's shade of lime green is in vogue today this may not be the case in two years time.http://www.cefrank.com.au Manufacturers of off-the-shelf Tiffany Sale'stock' garments tend to change their ranges from time to michael kors outlet uktime and may choose to drop a colour if it is no longer considered popular.cheap burberry Ask your supplier and they should be able to tell you which colours Cheap Pandora Charmsare likely to remain available or which are in doubt.The second option,www.rvaq.ca if you have a sufficiently large requirement, is to have a Polo Shirt manufactured for your staff uniform in a bespoke colour. Manufacturing a bespoke embroidered Polo Shirt, opens up a wealth of possibilities regarding colour matching to your main corporate colour, Tiffany Saleembroidery branding, trims & detailing but this option is usually only viable from 300 to 500 pieces for a single colour garment or 1,000 Cheap Tiffany Salepieces upwards for more complex designs.
ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جېن باۋداۋ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى خەۋەر

جېن باۋداۋ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى خەۋەر

2011-01-15 4:34     كۆرۈلۈشى: 12,021 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:           1969- يىلى ئىلىمىزنىڭ شەرىقىي شىمالدىكى جېن باۋداۋ ئارىلىدا يۈز بەرگەن جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. سابىق سوۋېت ....

          1969- يىلى ئىلىمىزنىڭ شەرىقىي شىمالدىكى جېن باۋداۋ ئارىلىدا يۈز بەرگەن جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئىلغار تانكىلىرىغا تايىنىپ جۇڭگو زىمىنىدا خالىغانچە زورلۇق- زۇمبۇلۇق قىلدى. ئارمىيىمىزنىڭ تانكىغا قارشى ھەر خىل قورال ياراقلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ T62 تىپلىق تانكىلىرى ئالدىدا كارغا كەلمەي قالدى. بۇ چاغدا ئارمىيىمىزنىڭ پىشقەدەم مارشاللىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، تىت-تىت بۇلۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېڭى تىپتىكى تانكا تىشەر قورالنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسى مەلۇم ھەربىي ئىشلار پەن –تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇلدى. يېڭى تىپتىكى بۇ قورال-ياراقنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىشى ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھىسابلاشلارغا مۇھتاج ئىدى. دۈشمەن تانكىسىنىڭ تاشقى پولات قېپىنىڭ قېلىنلىقى زادى قانچىلىك؟ ئوقنىڭ سۈرئىتى قانچىلىك بولغاندا پولات قاپنى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ؟ پولات قاپنى تىشىپ ئۆتۈشتە ئوق بىلەن پولات قاپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن ھاسىل بۇلىدىغان تېمپۇراتۇرا زادى قانچە گىرادۇس بۇلىشى كېرەك؟ مانا بۇ مەسىلىلەر پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ بېشىنى تازا قاتۇرىۋەتتى. ئېنىق ۋە توغرا سانلىق مەلۇماتلار بولمىسا بۇ تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

          بەخىتكە يارىشا پەن-تەتقىقات ئورگانلىرىمىز دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھىساپلايدىغان بىر يۈرۈش ماتىماتىكىلىق فورمىلالارغا ئىرىشتى. لېكىن پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدە بۇ فورمىلالارنى چۈشۈنىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. ئىلىمىز ئەمدىلا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھىساپلاش ماشىنىسىدا  بۇ بىر يۈرۈش فورمىلانى ھىساپلاپ چىقىرالايدىغان تەرتىپ قۇرۇلمىسى يوق ئىدى.

          مارشال يې جيەنيىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن:

          ـ تانكا تېشەر قۇرالنى تەتقىقى قىلىپ ياساش ئىشىنى زادى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر داشۆسىدە ليۇ گۇاڭجى دەيدىغان بىر توپ-زەمبىرەك مۇتىخەسىسى بار، قىيىن مەسىلىلەرنى شۇنىڭ يارىدىمى بىلەن ھەل قىلىڭلار دەپ يوليۇرۇق بەردى.

          ئەينى ۋاقىتتا ليۇ گۇاڭجى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر تالاي تارىخى مەسىلىسى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقى ئەينى يىللىرى ليۇ گۇاڭجى ھېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ بىر ھەربىي قورال-ياراق زاۋۇتىدا توپ-زەمبىرەك لاھىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتىخەسىس بولغانلىقى ئىدى.

         ئىككى نەپەر ھەربىي خادىم بۇيرۇققا بىنائەن شەندوڭ ئۆلكىسىگە كىلىپ، بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ناھەيىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

          ئۇلار ليۇ گۇاڭجى بىلەن بىرىنچى قېتىم مەكتاب كۆكتاتلىقىدا ئۇچراشتى ھەمدە فورمىلا يېزىلغان ھېلىقى قەغەزنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ:

          – بىز ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىمىز، بۇ قىيىن ھىسابلاش مەسىلىسىگە يۇلۇقۇپ قېلىپ، سىزدىن يارىدەم سوراپ كەلدۇق دىدى.

          ليۇ گۇاڭجى فورمىلاغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، بىر ھازاغىچە ئۈن-تىنسىز خىيال سۈردى ۋە ئاندىن:

          – بۇ فورمىلانى نىمە ئىشقا ئىشلەتماكچىسىلەر؟ – دەپ سورىدى.

          – ئەلۋەتتە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىمىز.

          – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بۇنداق فورمىلا ھەرگىز ئىشلىتىلمەيدۇ، ئېلىڭلار بۇنى، – ليۇ گۇاڭجى شۇ زامات فورمىلا يېزىلغان قەغەزنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى – دە، ئتۇغۇچىنى ئېلىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.

          – بوۋاي بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ ھېلىقى ئىككى ئەسكەر ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپلا قالدى.

          ليۇ گۇاڭجى ئۇلارغا لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ، – ماڭا ئىشەنمىگەندىن كىيىن مىنى ئىزدەپ نىمە قىلاتتىڭلا؟ – دەپ سۇغۇقلا جاۋاپ بەردى.

          ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇ ئىككى ئەسكەر ئۇنى يەنە ئىزدەپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇلار ھەربىي فورما كىيگەن بۇلۇپ، قوللىرىدا بىرمۇنچە سوۋغا –سالاملار بار ئىدى. ئۇ ئىككەيلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تۇيدۇرماستىنلا ئۇدۇل ليۇ گۇاڭجىنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا ئۆزرىخالىق بىلدۈرۈپ:

          – باشلىقىمىز بىزنى تەنقىت قىلدى، ئىلگىرى بىز سىزنى تازا ئوبدان چۈشەنمەپتۇق، سىزنى تېخى ……. – دەپ ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، ليۇ گۇاڭجى:

            مەن سىلەرنى كەلمەي قۇيارمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئەگەر ۋاختىدا كەلمىگەن بولساڭلار دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قوياتتىڭلار. سىلەر ماڭا ئاۋۇ كۈنى كۆرسەتكەن فورمىلانى ھىسابلاپ چىقىرىپ قويدۇم، سىلەرگە لازىملىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى تەييار قىلىندى. ئىشنى دەرھال باشلىساڭلار بۇلىدۇ دىدى – دە، كارۋات ئاستىدىن بىر تۇتام قەغەزنى ئېلىپ ئۇلارغا سۇندى. قەغەزلە فورمىلا ۋە ئىمىر-چىمىر رەقەملەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى. يېشى چوڭراق ئەسكەر ئەجەبلەنگەن ھالدا:

          – بىزنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى بۇلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەمسىز؟ – دەپ سورىدى.

          – تانكا تېشەر قورالنى لايىھەلەپ ياسىماقچى بولىۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ – ليۇ گۇاڭجى ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقان ھالدا جاۋاپ بەردى.

           ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي يېڭىدىن لايىھىلىنىپ ياسالغان تانكا تېشەر ئوق بېشى دۈشمەن تانكىلىرىنىڭ 2.5 سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى پولات قېپىنى تىشىپ ئۆتۈپ، بىر مەھەل كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەي قالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرىنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىپ ، ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتى.

             سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالى قوماندانلىق شىتابىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا بىر توپ مارشال- گېنىراللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «كائىنات» بەلگۈلۈك سۈنئى ھەمراسى سۈرەتكە تارتقان بىر يۈرۈش رەسىمگە قاپاقلىرى سېلىنغان ھالدا ئۈن- تۈنسىز تىكىلىپ ئولتۇرىشاتتى. بىر پەس سۈكۈتتىن كېيىن مارشال چۇيكوۋ قولىغا بىر پارچە سەرىمنى ئېلىپ، بىر ھازا ئىنچىكىلەپ قاراپ چىقتى – دە، ئېغىر بىر ئوھ تارتقان ھالدا سۆزلىدى.

            – مۇشۇ تاپتا ئېسىمگە بىر ئادەم كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ليۇ گۇاڭجى. مەن ئۇنى ئاللىقاچان ئۆلگەن بولسا كېرەك دەپ يۈرەتتىم، لېكىن ئۇ ھازىر گەپ يوق ھايات ئىكەن ….

           ئۇ سۆزلىگەچ قولىدىكى رەسىمنى ئۈستەلگە ئاستا قۇيۇپ قويدى – دە، ھەسرەتلەنگەن ھالدا بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:

– بۇ سىتالىننىڭ خاتالىقى، بىزنىڭ ھېچقانداق چارە- ئامالىمىز يوق، – دىدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 جەمئىي 2 دانە ئىنكاس قالدۇرۇلدى
  1. يىكەنداز
    2011-05-06 17:01 نەقىش 

    بىزنى بۇنداق قىممەتلىك تارىخى ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىىنىڭىزگە رەخمەت قىرىندىشىم

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]
  2. دىۋان
    2013-06-25 10:00 mermer 

    كۆزگە ئىلمىغان پۇتاق ئىشتاننى يىرتىپتۇ دېگەن شۇ!

    بۇ باھاغا پىكىرىم بار:

    [جاۋاب]

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter