20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى چاۋشيەن ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كېيىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئاسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقى سوقۇش ئايرۇپىلانى بىلەن ئامېرىكا سوقۇش ئايرۇپىلانىنىڭ كۈچ سىنىشىدىغان مەيدانى بۇلۇپ قالغان. ھەتتا ئىككى تەرەپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى سوقۇش ئايرۇپىلانلارنى ئوغىرلاش دەرىجىسىگە يەتكەن.
چاۋشيەن جەڭگاھىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «MG-15» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانى ئاساسىي كۈچ ھىسابلانغان بۇلۇپ، بۇ ئايرۇپىلان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى كونتۇرۇل قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە زور ئاۋارچىلىق كەلتۈرگەن.
1951- يىلى 9- ئاپېرىل ئامېرىكا ئارمىيىسى يالۇجياڭ كۆۋرىكىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان. چۈنكى بۇ كۆۋرۈك چاۋشيەن ئارمىيىسىنى يارىدەم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق يول ئىدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئارمىيىسى «B-29» بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلاندىن 48 نى ۋە «F-84» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن 100 نى ئىشقا سېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «MG-15» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانى بىلەن تىركەشكەن. نەتىجىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىدىن 12 سى، سوقۇش ئايرۇپىلانىدىن تۆتى چۈشۈپ كەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوقۇش ئايرۇپىلانلىرىغا ھىچقانداق زىيان يەتمىگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئامالسىز ئەڭ يېڭى تىپتىكى «F-86» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى ئىشقا سالغان. بىراق نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ زىيىنى بارغانچە ئېغىرلاشقان.
ئامېرىكا ئارمىيىسى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «MG-15» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى مەجبۇرىي قوندۇرۇپ قولغا چۈشۈرۈشنى قارار قىلىپ، ئىككى قېتىم ھەركەت قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ ئايرۇپىلاننى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلىپ، تەدبىرنى ئۆزگەرتىپ، ھەر تەرەپكە تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ، «MG-15» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانى بىلەن تەمىنلىگۈچىگە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىنچە مۇكاپات سوممىسىنى بىر مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرگەن. ئۇلار بۇنچە كۆپ پۇلنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىلىرى، چاۋشيەن ئارمىيىسى ھەم چاۋشيەن پۇقرالىرىنى قىزىقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
ئامېرىكىنىڭ بۇ تاكتىكىسى 1953- يىلى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر خائىن ئۇچقۇچىسى شۇ يىلى «MG-15» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى ھەيدەپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كونتۇرۇللىقىدىكى ئايرىپورتقا قونغان. بىراق ئامېرىكا تەرەپ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان بىر مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتنى بەرمەي، پەقەت 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىلا بەرگەن.
سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكىغا ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇېڭى تىپتىكى «F-86» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ بىر مەخپىي ئۇچقۇچىلار ئەترىتى موسكۋادىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەندىكى ھەربىي بازىسىغا مەخپىي بارغان. بىراق ئۇلارنىڭ سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئۇلار ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىدە ئامالسىز موسكۋاغا قايتىپ كەتكەن. بىراق ئامېرىكىنىڭ «F-86» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى قولغا چۈشۈرۈش پىلانىنى داۋاملاشتۇرغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى يېۋگىنى 1951- يىلى سىنتەبىردە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «F-86» بەلگىلىك سوقۇش ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئامېرىكا يارىدەمچى قىسمىنىڭ ھىمايىسىدە قېچىپ كەتكەن. بىراق ئايرۇپىلان قېلىپ قالغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ ئايرۇپىلاننى پارتىلىتىۋەتمەكچى بولغاندا، ئايرۇپىلان دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئايرۇپىلاننى سۈزۈۋېلىپ موسكۋاغا ئېلىپ كەتكەن.
ئۇرۇشنىڭ 9 رەڭ بىرسى جەڭ دەپ راست دەيدۇ.
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: