ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئەنئەنە، زامانىۋىلىك ۋە ئۇنىڭدىن ياتلىشىش

ئەنئەنە، زامانىۋىلىك ۋە ئۇنىڭدىن ياتلىشىش

2013-03-21 11:17     كۆرۈلۈشى: 1326 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: غالىب مۇھەممەد قارلۇق        ئەنئەنىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەزمۇنلىرىمۇ، ھەر بىر مىللەت ۋە خەلققە خاس تەرەپلىرىمۇ بار. مۇئەييەن جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە سىياسىي دائىرىدە ياشىغان مىللەت ۋە خەلق تەر....

غالىب مۇھەممەد قارلۇق

 

     ئەنئەنىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەزمۇنلىرىمۇ، ھەر بىر مىللەت ۋە خەلققە خاس تەرەپلىرىمۇ بار. مۇئەييەن جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە سىياسىي دائىرىدە ياشىغان مىللەت ۋە خەلق تەرەققىياتتىن ئىبارەت ‹‹پاراۋۇز›› نىڭ كۈچىدە ئەنئەنىنىڭ ئورتاقلىقىدىن كۆرە خاسلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئەنئەنىسى ھەققىدە ئويلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ خاسلىقىمىز قانچىلىك؟ ئەنئەنىمىز نېمە؟ بىز كىم؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟… بۇنداق سوئاللار تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مۇتەپپەككۇر، ئىلىم ئىگىسىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولغان ۋە ئەنئەنىنى ساقلاش بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلىشنى دەۋر قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادالەتلىك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى نامۇۋاپىق ئەنئەنىگە قارشى چىققان. ئېلىمىزنىڭ ۋۇشۈي يىلىدىكى مۇتەپەككۇر لياڭ چىچاۋ ‹‹قانۇن ئۆزگەرتكۈچىلەر دۇنيادىكى ئەڭ يوللۇق كىشىلەردۇر›› دېيىش ئارقىلىق سىياسىي ئەنئەنىنى ئىسلاھ قىلىش خاھىشىنى ئىپادىلىگەن. چۈنكى، چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا مەكتەپلەردە تۆت كىتاب، بەش دەستۇر دەرسلىك قىلىناتتى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ بىرىنچىسى‹‹ئەمەلدار بولۇش››ئىدى. ئەمەلدار بولۇش غايىسىنىڭ ئۇزاق زامان تەكىتلىنىشى جۇڭگونىڭ سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئىجتىمائىيىتىنىڭ چىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا لياڭ چىچاۋ قاتارلىقلار سىياسىدىكى بۇ چىرىك ئەنئەنىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. دېمەك، ئەنئەنە مەسىلىسى كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، مىللەتلەر ئۆز ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدىن ئۇنى مۇھاكىمىگە قويدى. ئۇنداقتا بىز دەۋاتقان ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ھادىسىسى مىللىتىمىزدىكى قايسى تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

     «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› دە‹‹ئەنئەنە›› ئاتالغۇسىغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن ‹‹ئەنئەنە: ئى، (ئە) كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۆرپ – ئادەت، ئەخلاق، ئىستىل، سەنئەت، تۈزۈم قاتارلىق تەرەپلەردە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا، ئاتىدىن بالىغا قېلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىرخىل ئىجتىمائىي ئامىل››. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەنئەنە ۋارىسچانلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، بېيىغان، مۇكەممەللەشكەن بولىدۇ. ئۇ ئۆزگەرمەيدىغان، قېتىپ قالغان نەرسە ئەمەس. ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشقا نىسبەتەن قاندەك مۇھىم رول ئوينايدۇ، تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىققا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەنى ئىپادىلەيدۇ؟ دېگەن نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. زامانىمىزدىكى بىر قىسىم زامانىۋىلىك تەرەپدارلىرى ئەنئەنە مەسىلىسىدە تولىمۇ يەڭگىل پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئەنئەنىنى پۇتلىكاشاڭ سۈپىتىدە زامانىۋىلىككە قارشى قويىدۇ. بۇنداق زامانىۋىلىك تەرەپدارلىرىنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئەنئەنىۋىلىك تەرەپدارلىرى ئەنئەنىنىلا كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىكنى چەتكە قاقىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا ئىنكارچىلىق. ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نۇقتا ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئەنە شۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ ھال ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە زىيان سالدى، پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەنئەنە ئۆلۈك ھالدا تەكىتلەنسە، مۇقەررەرلىك ئالىمى بولغان تەرەققىياتقا زىيان سالىدۇ، زامانىۋىلىككە قارشى توساققا ئايلىنىدۇ؛ ئەگەر ئەنئەنە تاشلىۋېتىلىپ، زامانىۋىلىككىلا ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇ ھالدا تەرەققىي قىلدۇق دەپ، ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىيەتلىكىمىزنى تەدرىجىي يوقىتىپ قويىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكىمىز يوقايدۇ. ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىك ئەمەلىيەتتە بىر – بىرىگە قارىمۇقارىشى ئۇقۇملار ئەمەس، ئەنئەنىنىڭ ئۆزىمۇ تەرەققىياتنى چەتكە قاقىدىغان كونىلىق ئەمەس، شۇنداقلا زامانىۋىلىكمۇ ئەنئەنىگە موھتاج. زامانىۋىلىك ئەنئەنە ئاساسىدا بولسا يۆنۈلۈشىدىن ئازمايدۇ، ئەنئەنە زامانىۋىلىك داۋامىدا ئۆزىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇرلاندۇرۇپ بارىدۇ. شۇڭا بىر مىللەت ئۈچۈن توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىك بىر – بىرىگە موھتاج، بىر – بىرىگە تۈرتكە، بىر – بىرىگە قولداش. بىزگە زامانىۋىلىكمۇ كېرەك، زامانىۋىلىك جەريانىدا ئۆز ئەنئەنىمىزنى ساقلاش ھەم نۇرلاندۇرۇش تېخىمۇ كېرەك. مۇشۇ مەنىدىن فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەسئەت سولايماننىڭ ‹‹قانچە مىللىي بولسا، شۇنچە زامانىۋى بولىدۇ›› دېگەن سۆزى تولىمۇ قىممەتلىك بولسا كېرەك. بۇ گەپتىن قانداقتۇر مىللىيلىكنىڭ ئۆزىلا زامانىۋىلىك دېگەندەك بىر تەرەپلىمە مەنە چىقمايدۇ، بەلكى، زامانغا شۇنچە يۈزلىنىپ قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنىمۇ شۇنچە قوغدىشىمىز، ساقلىشىمىز، نۇرلاندۇرۇشىمىز زۆرۈر، دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش چىقىپ تۇرىدۇ.

     مىللىتىمىزدىكى ئەنئەنىدىن ياتلىشىش تەرەپلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىر قىسىم ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ سۇسلىشىشى، مەلۇم كىشىلەردىكى ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بەزى ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىمىزنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى، ئائىلە ۋە نىكاھ مۇقەددەسلىكىگە دەز كېتىشى، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە شالغۇتلىشىشى، خېلىلا كۆپلىرىمىزدە ئادىمىي پەزىلەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، كۆپلىگەن ياشلىرىمىزدا ئۆزلۈك ۋە كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، كۆزىمىزدە سوغۇق نۇرنىڭ كۈچىيىپ، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ياتلىشىشى، بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ ئېزىتقۇلىرىغا ئەل بولۇپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن تېنىشى قاتارلىقلارنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ئەنئەنىدىن بۇنداق ياتلىشىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئېنىقكى، بۇ زامانىۋىلىككە بولغان بىر تەرەپلىمە ئېغىشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان ياكى ئوق يىلتىزىدىن چەتنىگەن دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراشلارنىڭ ئېڭىمىزدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىشى سەۋەبلىك، مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىمىز ۋە ئۆزلۈك ئېڭىمىز ئاجىزلاپ، تەرەققىيات قانچە چۇقان سالغانسېرى زامانىۋىلىككە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، ئەنئەنىنىڭ قەرزلىرىگە شۇنچە بوغۇلۇپ كەتتۇق. مانا بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكنىڭ دۇنيا قارىشىمىزدا توقۇنۇشۇپ قېلىشى.

     دىياگنوز قويۇلۇپ كېسەللىك ئېنىقلانغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دورىسىنى قىلماق زۆرۈر. ئەنئەنىدىن ياتلىشىش داۋالىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس. ئىدىيەمىزدىن رېئاللىققىچە بولغان مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي بىر تەرەپ قىلالىساق، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە بىزگە ئېسەنگىرەش، ئىككىلىنىشلەر نە ھاجەت!؟

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter