ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> بالىلاردا ئىقتىساد ئېڭى يېتىلدۈرۈشمۇ مۇھىم

بالىلاردا ئىقتىساد ئېڭى يېتىلدۈرۈشمۇ مۇھىم

2013-02-01 12:18     كۆرۈلۈشى: 1377 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگىلا ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە سەل قارايدۇ. بۇنداق بۇلۇۋەرسە بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارى....

     نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگىلا ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە سەل قارايدۇ. بۇنداق بۇلۇۋەرسە بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى مالىيە باشقۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئېڭىنىڭ %50ى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا يېتىلدۈرگەن ئىقتىساد ئېڭىغا باغلىق بولىدىكەن. ئۇنداقتا بالىلاردا توغرا ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟

     بالىلارنى پۇل ئامانەت قويۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. نىشان بولغاندىلا تىرىشىش يۆنىلىشى ئايدىڭلىشىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ قىسقا ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك پۇل ئامانەت قويۇش نىشانىنى تۇرغۇزۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىلارنى پۇل تېجەشكە، پىلانلىق خەجلەشكە ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

     تاللاشنى ئۆگىتىش كېرەك. نۇرغۇن بالا پۇلنى قارىغۇلارچە خەجلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئەگەر بالا بىر نەچچە خىل نەرسە سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولسا، ئاتا – ئانىلار ئۇلارنى ئەڭ زۆرۈر بولغىنىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىلار ئېھتىياجىغا قاراپ پۇل خەجلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

     بالىلارنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پۇلنىڭ قانداق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار تەتىل مەزگىللىرىدە ئىشلىشى كېرەك، ئۇلار ئىشلەش ئارقىلىق ئەمگەكنىڭ تەمىنى تېتىپ، پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى چۈشىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەبىئىيلا پۇل تېجەيدىغان بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ.

     نۇربىيە ئەركىن تەييارلىغان

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter