ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرەيلى

ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرەيلى

2013-02-01 12:15     كۆرۈلۈشى: 1973 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:      شى جىنپىڭ پايتەختتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:      ئاساسىي قانۇننى يولغا....

     شى جىنپىڭ پايتەختتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

     ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرەيلى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4–دېكابىر تېلېگراممىسى. پايتەختتىكى ھەر ساھەدىكىلەر 4–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىغا جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىقتۇر. ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت–ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقتۇر، ئاساسىي قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر. ئاساسىي قانۇنغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك يولغا قويغاندىلا، خەلقنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئاساسىي قانۇننىڭ پىرىنسىپلىرىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەل قىلىشىمىز، ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئاساسىي قانۇندىكى بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

     يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەنلەر قاتناشتى.

     يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، شۇنى ئېنىق ھېس قىلىمىزكى، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جاپالىق كۈرەشلىرى ۋە ياراتقان پارلاق نەتىجىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە خەلق ئېچىپ بەرگەن ئىلگىرىلەش يولى ۋە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇن شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئەتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچتىكى مەركىزىي خىزمىتى، تۈپ پىرىنسىپى، زور فاڭجېنلىرى، زور سىياسىتىگە ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىقىدىكى ئالىي ئىپادىسى بولغان.

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە يەنە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، بۇلار ئاساسلىقى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە كونكرېت تۈزۈمىنىڭ تېخى مۇكەممەللەشمىگەنلىكىدە، قانۇن بولسىمۇ ئەمەل قىلماسلىق، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ئەھۋاللىرى بەزى جاي ۋە تارماقلاردا ھېلىھەم مەۋجۇت؛ خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە مەسىلىلىرى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك؛ بەزى دۆلەت مەمۇرلىرىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەتتا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش قاتارلىق دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق نوپۇزىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت؛ پۇقرالارنىڭ، جۈملىدىن بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

     شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئۇل خىزمىتى. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا، قانۇن كۈچىگە ئىگە، ماھىيەتلىك، ئومۇملۇق، مۇقىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىغان ئالاھىدە ئىمتىيازى بولمايدۇ. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار جەزمەن سۈرۈشتۈرۈلۈشى شەرت.

     شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزدە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter