ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلار
قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-ماي تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-ماي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت مىقىياسىدا ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ يالغانچىلىق قىلىش ۋە پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش قىلمىشىغا قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە گۇيجۇدىكى لى مو قاتارلىق ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ قەستەن ئېغۋا تارقاتقان كىشلەرنى تەكشۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئېغۋا تارقاتقان مىكروبىلوگ ھېسابات نومۇرلىرىنى تاقىغان ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئالاقىدار خادىملارغا تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جازالارنى بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، گۇيجۇلۇق تورداش لى مو ۋە گوڭ مو باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن شىنلاڭ مكروبىلوگىدىكى ھېسابات نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، گۇيجۇدا قۇش زۇكىمى تارقالغانلىق توغرىسىدىكى ئېغۋانى تارقىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى لى موغا قانۇن بويىچە بەش كۈنۈلىك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى، گوڭ موغا 10 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن. دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى قانۇن بويىچە لى مو، گوڭ مو قاتارلىقلارنىڭ 20 دىن ئارتۇق مىكروبىلوگ ھېسبات نومۇرىنى ئېتىۋەتكەن.
دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى تور خەۋەرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەكمۇ ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ توردا تۈرلۈك ئېغۋالارنى تارقىتىشى پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بەزىلىرى سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر تۈرلۈك-تۈمەن شەكىللەر ئارقىلىق پىتنە-ئېغۋا تارقىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان تورداشلار شامالغا ئەگىشىپلا، تور ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، نورمال تارقىتىش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئاۋام بۇنداق قىلمىشلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. ئىنتېرنېت ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار بۇ خىل ھادىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەتتىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بېرىش كېرەك.
ئالاقىدار مەسئۇل كىشى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن قانۇنلىرىدا تور ئېغۋاگەرچىلىكىنى جازالاش ۋە باشقۇرۇشقا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار. دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا ئېغۋا تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش، ئاكسىيە سودىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش، باشقىلارنىڭ سودىدىكى ئابرويى ۋە تاۋارلارنىڭ ئىناۋىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ساختا پاكىتلارنى، تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق قىلمىشلار جىنايى جازاغا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى تورداشلار پاش قىلغان ۋە كۈندىلىك خىزمەتتە ئىگىلىگە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن بىر قىسىم دائىم پاكىتسىز ئۇچۇر تارقىتىدىغان تور بېكەتلەر ۋە مىكروبىلوگلار ھېسابات نومۇرلىرى، ئۈندىدار نومۇرلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن بىللە ئالاقىدار خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى