ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> ئاممىۋى خىزمەت پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي خىزمىتىدۇر

ئاممىۋى خىزمەت پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي خىزمىتىدۇر

2013-05-05 11:36     كۆرۈلۈشى: 1261 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن:     گۈلباھار سالى        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىش››لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپ....

    گۈلباھار سالى

 

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا: ‹‹ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىش››لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى. ئاممىۋى خىزمەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاساسلىق خىزمەت بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئاممىۋى خىزمەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەتنى قوغداش، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قوغداش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

ئاممىۋى خىزمەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى

 چوڭقۇر ئىگىلەش لازىم

 

     بىرىنچى، ئاممىۋى خىزمەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر. خەلق جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئاساسىي كۈچ. شۇڭا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەتتىكى ئامما ئارىسىدا ئادىل سۆزلىشىش، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

     ئىككىنچى، ئاممىۋى خىزمەت خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىتنى قوغداشتىكى ئاساسلىق خىزمەت. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ تۈپ بەلگىسى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىناقلىقتۇر. ئاممىۋى خىزمەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى ئىگىلىگىلى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھەرىكىتىنى چۈشەنگىلى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاممىۋى خىزمەت ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلق ئىچىدىكى تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە مەنپەئەت زىددىيەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.

     ئۈچىنچى، ئاممىۋى خىزمەت تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت،شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى قوزغىتىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان خىزمەت. بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى خىزمەت خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەشكىللەيدۇ، ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە جارى قىلدۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ۋە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

 

ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيەت بېرىشكە

 تېگىشلىك بىر قانچە تەرەپلەرنى

 چوڭقۇر ئىشلەش لازىم

 

     ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ ئېھتىياجى. شۇڭا، رەھبىرىي كادىرلار ئاممىۋى خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم:

     بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ماھىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىگىلەش لازىم. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

     ئىككىنچى، ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. ئاممىۋى خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مەدەنىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش لازىم.

     ئۈچىنچى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، ئاممىۋى خىزمەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، بېيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە تۈپ ۋەزىپىسى قىلىش لازىم.

     تۆتىنچى، ئاممىۋى خىزمەتنى تارماق، قاتلاملار بىرلىكتە تۇتۇش لازىم. بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇشى، بىرلىك سەپ تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار كونكرېت مەسئۇل بولۇشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلىكتە تۇتۇشى لازىم. تەشكىلات، بىرلىك سەپ، تەشۋىقات، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ھەر ۋاقىت ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

     بەشىنچى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان باھالاش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى دائىملىق خىزمىتى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتكۈل خىزمىتىنىڭ ئاساسى. شۇڭا، يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان باھالاش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش لازىم.

     ئالتىنچى، ئاممىۋى خىزمەتتە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، خەلققە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلق بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلققە توغرا پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك كۆرۈپ، ئاممىغا ھەر ۋاقىت ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

     قىسقىسى، نۆۋەتتىكى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىش – پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلق بىلەن ئالاقە باغلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter