بلوگىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە كەسپداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات ھالىتىگە يەتتى. كۆپلىگەن تورداشلار، كەسپداشلار ۋە ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرى بلوگىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بلوگىمىزنى قوللىغان، يارىدەمدە بولغان بارلىق يولداشلارغا ئالاھىيدە رەھمەت ئېيتىمىز.
بلوگىمىز سىياسىي نەزەرىيە، قانۇن – نىزام، مەدىنىيەت – تارىخ، مىللەت ۋە دىن، ۋەقە ۋە مۇلاھىزە ھەققىدە يازما يوللىنىدىغان، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدىغان جەمگاھ بۇلۇش مەقسىدىدە قۇرۇلغان. بلوگىمىزدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىدارە ئورگان ۋە مەكتەپلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئۈگۈنۈشىگە كىرەكلىك بولغان مەزمۇنلارمۇ يوللىنىدۇ، ھەمدە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىلىدۇ. سىياسى ئۈگۈنۈش داۋامىدىكى تۈرلۈك تەسىرات ماقالىلىرى ۋە ئۈگۈنۈش پىلانلىرى يوللىنىدۇ. شۇنداقلا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىزىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەر، ئەل ئىچىدىكى ھەم تارىخ بەتلىرىدىكى سىرلار ھەققىدىمۇ يازمىلار يوللىنىدۇ.
بلوگىمىز يۇقارقىدەك ئالاھىيدىلىكلىرى بىلەن ئاز بولمىغان تورداشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن بىلەن تەمىن ئىتىپ كەلدى. ئەمما ھەممە مەسىلىنى بلوگ شەكلىدە ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بلوگىمىز بارلىق تورداشلارغا قۇلايلىق يارىتىش مەقسىدىدە QQ توپىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقتى. شۇڭا بلوگىمىزنىڭ سەھىپىلىرىدىكى مەزمۇنلارغا ماس ھالدا قىزىققۇچىلار بولسا QQ توپىمىزغا قۇشۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بلوگىمىزنىڭ QQ توپ نومۇرى: 327765482