ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم بىز بلوگىنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرى؟ يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەر سىلەرگە يار بولغاي!
ئالىم بىز بلوگى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھەمدەمدە بۇلىشى بىلەن بۈگۈنكى ھالەتكە تەرەققىي قىلدى. ھەمدە 2012- يىللىق ئون نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە ئالدىنقى يىگىرمە نامزات بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە ئالاھىيدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەمما يېقىنقى ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بلوگنىڭ ئېچىلىشى نورمال بولماسلىق سەۋەپلىك كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ چىقىپ كىتىشىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن ئىدى. بىر قىسىم ئەزىز مىھمانلار ئېلخەت يوللاپ، ئۇچۇر قىلىپ، تېلىفۇن ئۇرۇپ دېگەندەك، ئەھۋال سوراپ كۆڭۈل بۆلۈشتى. بلوگنىڭ نورمالسىزلىق ھالىتىگە قاراپ، بلوگچىلىقتىن قول ئۇزەيمۇ دېگەن يەرگە كەلگەن بولساممۇ، لېكىن تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە كەسپداشلارنىڭ نەسھىتىگە قاراپ يەنە شۇ بلوگدىم مىھرىمنى ئۈزەلمىدىم. شۇڭا بلوگنىڭ نورمال ئېچىلىشاغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق يازمىلارغا قارىتا باشتىن تەھرىرلەش ئېلىپ باردىم. ھەمدە بلوگ ئۇسلۇبىغىمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. بۇ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارلىقتا ساق بىر ئاي تورداشلارغا يېڭى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ بىرەلمىدىم. ئەپۇ قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن. تۆۋەندە يازمىلارنى تەھرىرلەش ۋە ۋە بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
(1) بەش يۈز پارچىدىن ئارتۇق يازمىغا قارىتا بىرمۇ بىر تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ باسقۇچ بلوگقا يازما يازغاندىنمۇ بەكراق جاپالىق تۇيۇلدى. قانداقلا بولمىسۇن %90 تىن ئارتۇق يازمىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
(2) ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا بىر قىسىم يازمىلار رەھىمسىزلارچە بلوگ مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، تۈرمىگە تاشلاندى. ھەتتا بىر قىسىم يازمىلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى مەڭگۇ ئېلىپ تاشلاندى.
(3) يازما يوللاش، يازما تەھرىرلەش جەھەتتە ئاز بولمىغان تەجرىبىلەر توپلاندى.
(4) بلوگ رەتلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئالىم بىز بلوگى ئۈچۈن يەنە بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولدى. ئۇ بولسىمۇ – ئالىم بىز بلوگىنىڭ ICP نومۇرى تەستىقلىنىپ چىقتى.
(5) يەنە بىر خوشاللىنارلىق ئىش – ئالىم بىز بلوگى ئۆزىنىڭ تەلىۋى ۋە خاسلىقىغا ماس ھالدا، تەلەپ بۇيىچە يېڭى بىر زاكاز ئۇسلۇبقا ئوڭۇشلۇق كۆچۈۋالدى ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىشلىتىشكە باشلىدى.
قىسمەن ساقلانغان ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر:
(1) يازمىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قىسىم يازمىلار قالايمىقان كود شەكلىدە كۆرۈنۈش مەسىلىسى كىلىپ چىقتى. بۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم يازمىلارنى ئوڭشىغان بولساقمۇ، لېكىن ئاز بىر قىسىم يازمىلار جاھىللىق بىلەن قالايمىقان كود شەكلىدە تۇرۇۋالغان بولغاچقا، ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىدى.
(2) يازمىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قىسىم يازمىلارنىڭ ئەسلى ئاپتۇرلىرى ئىسمى ئاتالماي، غەلىتە سۈرەتسىز رەسىم شەكلىدە كۈرۈنىۋالغان بولغاچقا، ئاپتور ئىسمى ئۈچۈرۋىتىلدى. پات ئارىدا ئەسلى يازمىغا ئاساسەن ئاپتورلارنىڭ ئىسمى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ.
(3) يازمىلارغا چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلدى. بىر قىسىم ئىنكاسلار يازمىلار ئاخرىدا كۆرۈنىدىغان، لېكىن باش بەت ئىنكاس رايۇنىدا كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقتى. بۇ مەسىلىمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىنىدۇ.
(4) يېڭى ئۇسلۇب ئالماشقانلىق سەۋەپلىك، بلوگدا قىسمەن ماسىلىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. كۆپ قىسىملىرى ھەل قىلىنىپ بولۇندى. يەنە بىر قىسىملىرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، قانداقلا بولمىسۇن بلوگ نورمال ئەسلىگە كەلدى. تۇران تېكىننىڭ بلوگچىلىقتىن قول ئۈزۈش نىيىتىمۇ يوققا چىقتى. ئالىم بىز بلوگى كەڭ تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، سەر خىل يازمىلار بىلەن تەمىن ئىتىش جەھەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىدۇ. تورداشلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ ئالىم بىزنى قوللىغانلىقىغا كۆپ تەشەككۇر!
ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم بىز بلوگىدىن: تۇران تېكىن