ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم بىز بلوگىنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرى؟ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئالىم بىز بلوگى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە ھەمدەمدە بۇلىشى بىلەن بۈگۈنكى ھالەتكە تەرەققىي قىلدى. ھەمدە 2012- يىللىق ئون نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە ئالدىنقى يىگىرمە نامزات بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە ئالاھىيدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەمما يېقىنقى ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بلوگنىڭ ئېچىلىشى نورمال بولماسلىق سەۋەپلىك كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ چىقىپ كىتىشىدەك ئەھۋال كۆرۈلدى. بىر قىسىم ئەزىز مىھمانلار ئېلخەت يوللاپ، ئۇچۇر قىلىپ، تېلىفۇن ئۇرۇپ دېگەندەك، ئەھۋال سوراپ كۆڭۈل بۆلۈشتى. بلوگنىڭ نورمالسىزلىق ھالىتىگە قاراپ، بلوگچىلىقتىن قول ئۇزەيمۇ دېگەن يەرگە كەلگەن بولساممۇ، لېكىن تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە كەسپداشلارنىڭ نەسھىتىگە قاراپ يەنە شۇ بلوگدىن مىھرىمنى ئۈزەلمىدىم. شۇڭا بلوگنىڭ نورمال ئېچىلىشاغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق يازمىلارغا قارىتا باشتىن تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. بۇ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن، تورداشلارغا يېڭى مەزمۇنلارنى يەتكۈزۈپ بىرەلمەسلىكىم مۈمكىن. ئەپۇ قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.
ئالىم بىز بلوگىدىن: تۇران تېكىن
نىمە ئىش بوپتىكەن ئالىم بىز بلوگىغا ؟
بۇ باھاغا پىكىرىم بار:
نىمە ئىش بولغانلىقىنى يازمىدىن بىلمىدىڭىزما؟
بۇ باھاغا پىكىرىم بار: